لياۋچېڭ

ئورنى Wikipedia

لياۋچېڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. قەدىمدە چى بەگلىكىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شىنىڭ يىللىرىدا شەھەر بىنا قىلىنغان، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە دۇڭچاڭ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان.

لياۋچېڭ
نامى لياۋچېڭ
دۆلىتى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 聊城
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
كىلىماتى 溫帶大陸性季風氣候
ئۆلكىسى شەندۇڭ ئۆلكىسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

لياۋچېڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. قەدىمدە چى بەگلىكىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شىنىڭ يىللىرىدا شەھەر بىنا قىلىنغان، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە دۇڭچاڭ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان. شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى گۇاڭيۆ راۋىقى بىلەن شەھەر ئىچىدىكى سەنشى-شەنشى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى بىناسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان13 بالداقلىق تۆمۈر مۇنار، يۈنخې پرېستانى، بو جەمەتى ئىبادەتخانىسى، فەن جۇشيەن خاتىرە سارىيى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.