لۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى

ئورنى Wikipedia

لۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى زامبىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب مۇكەنگا تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب ئېتىكىگە، لۇئانگۋا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان.

لۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى
ئۇيغۇرچە نامى لۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى
تەۋە دۆلەت زامبىيە
خەنزۇچە نامى 盧安瓜國家公園

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

لۇئانگۋا دۆلەت باغچىسى زامبىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب مۇكەنگا تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب ئېتىكىگە، لۇئانگۋا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان. مەيدانى 12 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ رايون ئافرىقا بويىچە ھايۋانات تۈرلىرى ئەڭ كۆپ رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باغچىدا تۈركۈم-تۈركۈم بولۇپ ياشايدىغان ياۋا پىل، ياۋا كالا، چىپار ئات، مۈڭگۈزلۈك ئات، زىراپە ھەم نۇرغۇنلىغان ئۇچار قاناتلار، دەريا ئېتى قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇ باغچە زامبىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت رايونى بولۇپ، ھەر يىلى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان زامبىيىلىك ھەم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر باغچىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ.