لۇجۇ شەھىرى

ئورنى Wikipedia

لۇجۇ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جياڭياڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان، لياڭ ۋۇدىنىڭ داتۇڭ يىللىرىدا ئىسمى لۇجۇغا ئۆزگەرتىلگەن.

لۇجۇ شەھىرى
نامى لۇجۇ شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 瀘州市
يەر مەيدانى 12240 كۋادرات كىلومېتىر
پوچتا رايون نومۇرى 646000
ئۆلكىسى سىچۇەن ئۆلكىسى
كىلىماتى سۇبتىروپىك بەلباغ پەسىللىك شاماللىق نەمخۇش كىلىماتقا تەۋە

لۇجۇ شەھىرى ھەققىدە [تەھرىرلەش]

لۇجۇ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جياڭياڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان، لياڭ ۋۇدىنىڭ داتۇڭ يىللىرىدا ئىسمى لۇجۇغا ئۆزگەرتىلگەن. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان باۋئېن ياخشىلىقنى قايتۇرۇش مۇنارى بار بولۇپ، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدۇ. «كونا لۇجۇ شەھىرى» نىڭ خارابىسى بار بولۇپ، ھازىر سېپىلنىڭ شەرق تەرىپى ۋە شەرقىي، غەربىي قوۋۇق، زەمبىرەك سۇپىسى ساقلىنىپ قالغان. يەنە كۈيشىڭ شىپاڭى، جۇڭشەن پىڭيۈەنتاڭ زالى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.