لېشەن

ئورنى Wikipedia

لېشەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ئەمىنىيە دەۋرىدە شۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، شىمالىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جياجۇ دەپ ئاتالغان .

لېشەن
نامى لېشەن
دۆلىتى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 樂山市
يەر مەيدانى 12,827 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى
پوچتا رايون نومۇرى 614000
ئۆلكىسى سىچۇەن ئۆلكىسى
نوپۇسى 354.4 تۈمەن
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
جۇغراپىيىلىك ئورنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان

لېشەن شەھىرى ھەققىدە [تەھرىرلەش]

لېشەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ئەمىنىيە دەۋرىدە شۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، شىمالىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جياجۇ دەپ ئاتالغان، كېيىن ۋىلايەت، ئايماق مەركىزى بولغان. شەھەر تاغ ۋە دەرياغا يانداش بولۇپ، توسما بىرلەشتۈرۈپ سېلىنغان، شەھەرنىڭ دەرياغا يانداشقان قىسمى ھازىرمۇ بار بولۇپ، بەش سېپىل قوۋۇقى بار. سەنگۇيدىكى جيۇدىڭشەن تېغىدا سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى شەھەر ئورنى ۋە زەمبىرەك سۇپىسى بار.

مەدەنىيەت يادىكارلىقى[تەھرىرلەش]

لېشەندىكى چوڭ بۇت مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى، ۋۇيۇ ئىبادەتخانىسى، لۇڭخۇڭ ئىبادەتخانىسى ۋە تاڭتا مۇنارى، قىيا تاش ھەيكىلى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قىيا قەبرىستانلىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.