لەقەم

ئورنى Wikipedia

   خەلقىمىزدە لەقەمسىز ئادەم كەم ئۇچرايدۇ. شۇڭا بىزدە‹‹لەقەمسىز ئەر بولماس، ئويماقسىز خوتۇن(بولماس)››دېگەن ماقال بارلىققا كەلگەن. بىزدە لەقەم كىشىلەرنىڭ بىرەر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ھەزىل قىلىپ ياكى مەسخىرىلەپ بېرىلىدىغان قوشۇمچە نام. لەقەم شۇ نام ئىگىسىنىڭ مىجەز –  خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ. لەقەم كۆپ ھاللاردا لەقەم ئىگىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئەمەس، بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلۇپ سىڭدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لەقەمنى ئىسمىغا قوشۇپ ئاتاش ئادىتى شەكىللەنگەن.

  بىزدە لەقەملەر تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:

  1. كەسىپ لەقەملىرى. خەلقىمىزدە بۇنداق لەقەملەر كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: قاسىم بورىچى، ياسىن كىگىزچى، توختى سەيپۇڭ، قادى مەنجاڭ، توختى چامباش، تۇرسۇن چاڭ، پالتاخۇن راۋاب، روزى تەمبۈر دېگەندەك.

  2. مىجەز –  خاراكتېرىگە مۇناسىۋەتلىك لەقەملەر. مەسىلەن: دودەن، ئەسكى، سەتەڭ، سوغۇق، تۈلكە، شەيتان، جىن دېگەنگە ئوخشاش.

  3. فىزىئولوگىيىلىك لەقەملەر. مەسىلەن: تۆگە، قوتاز، قاۋان، چاشقان، كاناي، دەلدۈش قاتارلىقلار.

  4. بىراۋنىڭ باتۇرلۇقىغا قاراپ قويۇلىدىغان لەقەملەر. مەسىلەن: پالۋان، نوچى، باتۇر دېگەندەك.

  5. بەزىلەرگە سىياسىي تۈس ئالغان لەقەملەر قويۇلۇپ، ئوبدانلا سىڭىشكەن بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر دېھقان يۇرتىدا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغانغا قەدەر(ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر)يەككە ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ‹‹يەككە››لەقىمى قويۇلۇپ سىڭىشكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› مەزگىلىدە ‹‹زاۋفەنپەي››، ‹‹باۋخۇاڭپەي››لەرگە قاتناشقان غوللۇقلارغا پالانى زاۋفەنپەي، پۇستانى باۋخۇاڭپەي دېگەندەك لەقەملەر قويۇلۇپ ئۆزلەشكەن. دېمەك، لەقەملەر كۈچلۈك ھەجۋىيلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ.

  بەزى لەقەملەر ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹يەككە›› دېگەن ئادەم ئۆلۈپ، بالىسى كوممۇنا ئەزاسى بولغان بولسىمۇ‹‹يەككە›› لەقىمى بالىسىغا ئۆزلەشكەن، ‹‹باخشى››لەقەملىك كىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ لەقەم ئۇنىڭ بالىلىرىغا سىڭىشكەن.

  خەلقىمىزدە شەخسىي لەقەمدىن باشقا يەنە يۇرت –  مەھەللە لەقىمى بولىدۇ. مەسىلەن: تۇرپاندا ‹‹پالاسلار مەھەللىسى››، ‹‹تورغايلار مەھەللىسى›› دېگەن مەھەللىلەر بار. بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئورتاق لەقىمى ‹‹پالاس››، ‹‹تورغاي››لار بولغىنىدەك.

  لەقەم بەزمە –  باراۋەتلەردە ۋە باشقا سورۇنلاردا كۈلكە –  ھەزىل ئۈچۈن ئوبدان تېما بولىدۇ. لېكىن لەقەم توغرىدىن توغرا ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ. بۇنداق بولمىغاندا چاقچاق كۆتۈرەلمەيدىغانلار بولۇپ قالسا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئەگىتمە يول بىلەن شۇ لەقەمگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر قىلىنىدۇ. دېمەك، لەقەم قويۇش خەلقىمىزنىڭ خۇش چاقچاق، يۇمۇرىستىك خاراكتېرىنىڭ كونكرېت ئەكس ئېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. [1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 12- 26 15:25 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-01/09/content_143052.htm ؛