لەقەملىك ئويۇنلار

ئورنى Wikipedia

لەقەملىك ئويۇن دېگىنىمىز، سۆز تالىشىش ئويۇنى بولۇپ، بۇ ئويۇن ئاساسەن يېزا مەشرەپلىرىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان كۈلكىلىك ئويۇنلارنىڭ بىر تۈرى. يېزا مەشرىپى يېزا ياشلىرىنڭ بىر - بىرى بىلەن دوستلىشىش، سىردىشىش، ئۆز ئارا چۈشىنىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئىنتايىن ياخشى سورۇنى بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەزمۇنلار، لىرىكىلىق ھېسسىياتقا باي نەپس ھەرىكەت شەكىللىرى مەركەزلەشكەن بولىدۇ. ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، قىزىقچىلىق قىلىشتەك ئويۇنلار ئۆز نۆۋىتىدە ئورۇندىلىدۇ. سازەندىلەرمۇ غىجەك، نەي، ناغرا - سۇناي، دۇتار، تەمبۈرلەرنى چېلىپ نەغمە - ناۋا قىلىشىدۇ. مەشرەپ داۋاملىشىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغۇچى سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ۋە ئويۇن - كۈلكە خىللىرىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە بىرەر كىشىگە چاقچاق قىلىپ ئويۇننى شۇ كىشىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن چەتنەپ كەتسە، ئويۇننىڭ كۈچى بولمايدۇ ھەمدە كۈلكە پەيدا قىلالمايدۇ. لەقەملىك چاقچاق ئويۇنىدا بىرەر كىشىنىڭ لەقىمىنى توغرىدىن - توغرا تىلغا ئالماي خىلمۇ خىل پەرداز ۋە ئىشارەتلىك سۆزلەردە سۈرەتلەش ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. لەقەملىك ئويۇندا ھازىر جاۋاب بولۇش، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋە خەلق ماقال - تەمسىلى ئاساسىي شەرت قىلىنىدۇ. شۇ سورۇندا <تۆگە> لەقەملىك بىر كىشى بىلەن <ياسانچۇق> لەقەملىك بىر كىشى لەقەملىك ئويۇن ئوينىسا مۇنداق باشلايدۇ: <ياسانچۇق>: تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق. <تۆگە>: ياسانچۇقنىڭ ئىش بىلەن خۇشى يوق. <ياسانچۇق>: تۆگىنى ئۇسسۇلغا سالسا، يەتتە تاختا سەۋزىنى بۇزۇپتۇ. <تۆگە>: ياسانچۇققا ئىش بۇيرۇسا، كەچكىچە ئۆزىنى تۈزەپتۇ. <ياسانچۇق>: تۆگىدە تىز يوق. <تۆگە>: ياسانچۇقتا يۈز يوق. <ياسانچۇق>: تۆگە بىلەن دوست بولساڭ يېيىشىڭ پاخال. <تۆگە>: ياسانچۇقتىن يار تۇتساڭ، قالىسەن سىلاپ ساقال. ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، لەقەملىك چاقچاقتا مازاق قىلىشقا، سەت گەپنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بىراۋنىڭ شەخسىي زىتىغا، غۇرۇرىغا تېگىش، ئېغىر كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ ۋە ئەدەپ - ئەخلاق مىزانىغا قاتتىق رىئايە قىلىنىدۇ. كىشىنىڭ شەخسىي ئەيىبىنى ئېچىپ، دىلىنى رەنجىتىشتىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئويۇننىڭ ئاخىرى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، باشتا يەنى ئويۇن باشلاشتىن ئاۋۋال ئېغىر شەرت قويۇلىدۇ، قوپال سۆز ئىشلەتكۈچىلەر نەق مەيداندا جازالىنىدۇ. ھازىر جاۋاب بېرەلمەي لەقەملىك ئويۇندا دۇدۇقلاپ قالغانلار ۋە جايىدا سۆز تاپالمىغانلار كېيىن بىر قېتىم مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق سورۇن ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]