لەگلەك ئۇچۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

لەگلەك ئۇچۇرۇش ئويۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوينىلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان، مول مەزمۇنغا ئىگە بىر خىل ئويۇن. لەگلەك ئۇچۇرۇش روشەن پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە ئويۇن بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ياز، ئەتىياز ۋە كەچ كۈز مەۋسۇملىرىنىڭ يەڭگىل شامال چىققان كۈنلىرىدە، بولۇپمۇ شامال كۈچى ۋە يۆنىلىشى بىر قەدەر ئېنىق بولغان ۋاقىتلاردا ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن قىزىقارلىقى، تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئاممىبابلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق. لەگلەك ئويناشتىن ئاۋۋال بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى، قىزىقىشى ۋە ماتېرىيال شارائىتىغا قاراپ رەڭگارەڭ ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى لەگلەكتىن بىر قانچىنى ياسايدۇ. لەگلەك ياساش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك ھەجىملىك لاتا قەغەز (ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئويۇن ئۈچۈن مەخسۇس خوتەننىڭ سورتلۇق لاتا قەغىزى ئىشلىتىلگەنىكەن)، يىكەن، يېلىم، يىپ، بوياق قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەييارلايدۇ. ئاندىن ھەر بىر بالا ئۆزلىرى ياسىماقچى بولغان لەگلەك شەكلىگە ئاساسەن قەغەز كېسىپ، بۇ قەغەزلەرنى ئۆز يولىدا چاپلايدۇ. ئەگەر رەڭدار لەگلەك ياسىماقچى بولسا، قەغەزنى كاتەكچە قىلىپ، ھەر - بىر كاتەكچىنى ئوخشىمايدىغان رەڭدە بوياپ قۇرۇتىدۇ. ھەر خىل لەگلەكلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئۇلارغا چاپلايدىغان قۇلاق، قۇيرۇق ۋە چۇچىلارمۇ ھازىرلىنىدۇ. ماتېرىياللار تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن لەگلەكنى ياساشقا باشلايدۇ. لەگلەككە ئىشلىتىلىدىغان قەغەز بۇيۇمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئىشلىتىلىدىغان چىغنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى، چىغنىڭ توم - ئىنچىكلىكى ياكى تاق - جۈپلۈكى ياسىلىدىغان لەگلەكلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە باغلىق. لەگلەكنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شاقىراتما لەگلەك، غاز لەگلەك، پاقا لەگلەك بېلىق شەكىللىك لەگلەك، ئاق لەگلەك، غاز قەلقە (بوياقلىق) لەگلەك، چوكان سېكىلەك لەگلەك، ئادەم شەكىللىك لەگلەك، ئايروپىلان شەكىللىك لەگلەك، تەخسە شەكىللىك لەگلەك قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بىز تۆۋەندە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر نەچچە خىل لەگلەكنى تۇنۇشتۇرىمىز. بېلىق شەكىللىك لەگلەك: بۇ خىل لەگلەكنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا، گەۋدە مۈرە كەڭلىكى 40 - 45 سانتىمېتىر، تۇمشۇقىنىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر، گەۋدىسىنىڭ قۇيرۇققا تۇتاشقان قىسمى 25 سانتىمېتىر، قۇيرۇق قىسمى 70 سانتىمېتىر بولىدۇ. تۇمشۇق قىسمىنىڭ توغرىسىغا 12 سانتىمېتىرلىق بىر تال چىغ، بەلنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا 51 سانتىمېتىرلىق بىر تال چىغ، قۇيرۇق قىسمىغا توغرىسىغا 10 سانتىمېتىرلىق بىر تال چىغ، تۇمشۇقى بىلەن بەلگە توغرىسىغا تارتىلغان چىغنى كېسىشتۈرۈپ بويىغا ئىككى قۇلاق ئورنىتىلىدۇ. پۈتكۈل بېلىقنىڭ سىرتقى بەدەن قۇرۇلمىسى، توغرىسىغا قويۇلغان چىغ ئارىلىقى قاتارلىق جايلارغا سىرتقى باغ (يىپ)، باش باغ، ئوتتۇرا باغ، تۆۋەنكى باغ، مەركىزىي باغ ۋە زىننەت بېغى دەپ بىر قانچە باغلار ئىشلىتىلىدۇ. چوكان سېكىلەك لەگلەك: ئادەتتە رەڭلىك قەغەزدە ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا لازىملىق قەغەزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى تەپمۇ تەڭ. كۋادرات شەكىلدە كېسىلىدۇ. كۋادرات يانتۇ ھالەتتە تۇرغۇزۇلۇپ ئوڭ بۇرجەكتىن سول بۇرجىكىگە قارىتىپ ئەگمەچ چىغ، ئۈستۈن بۇرجەكتىن ئاستىن بۇرجەككە قۇيرۇققا ئۇلاپ تۈز چىغ، قۇيرۇق تەرىپىنىڭ سىرتقى قىسمغىا بىر يېرىم مېتىرلىق رەڭلىك قەغەز چۇمچىسى چاپلىنىدۇ. دېمەك، چوكان سېكىلەك لەگلەكنىڭ كۋادرات ئىچىگە بىر دانە ئەگمە چىغ، بىر دانە تۈز چىغ (تىك تارتىلغان)، تىك چىغنىڭ باش ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىن چىگىلىپ سول بۇرجەككە ئاز قالغان جايدا تۇتاشتۇرۇلۇپ، سىرتقا چىقىرىلغان باش باغ يىپ تارتىلىدۇ. بالىلار ھەر خىل شەكىلدىكى لەگلەكلەرنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق دەرىجىدە شامال چىققان پەيتنى تاللاپ، لەگلەك يىپىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا قاراپ يۇقىرى - تۆۋەن ئۇچۇرۇپ ئوينايدۇ. لەگلەك ئويۇنى ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى شاخلاندۇرۇپ، گاھ سامادا پەرۋاز قىلدۇرسا، گاھ زېمىنغا يۈزلەندۈرىدۇ. لەگلەك رەڭگارەڭ، خىلمۇ خىل شەكلى، ئومۇمىيلىقى ۋە ئىندىۋىدىئاللىقى ھەمدە ئويۇنچۇقلۇق خاراكتېرى كۆپ بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تەننى ساغلاملاشتۇرۇش، كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەرگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇلارغا ئىجادچانلىق روھ ئاتا قىلىپ، ياشلارنى بۇ ئارقىلىق ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندۈرىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]