Jump to content

مائارىپ

ئورنى Wikipedia

مائارىپ ئىلمى مائارىپ ھادىسىلىرى، مائارىپ مەسىلىلىرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان، ئىنسانىيەت مائارىپ پائالىيەتلىرىدىكى نەزىرىيە ۋە ئەمەلىي ھادىسىلەرنى يىغىنچاقلاپ، مائارىپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق مائارىپ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر.

چۈشەنچە

[تەھرىرلەش]

مائارىپ ئىلمى مائارىپ ھادىسىلىرى، مائارىپ مەسىلىلىرىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان، ئىنسانىيەت مائارىپ پائالىيەتلىرىدىكى نەزىرىيە ۋە ئەمەلىي ھادىسىلەرنى يىغىنچاقلاپ، مائارىپ پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق مائارىپ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر.

مائارىپ ئىلمى بولسا بىر تۈرلۈك ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، نىشانلىق ھالدا ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان، ئوبىكتىپلىققا، مۇقەررەرلىككە، مۇقىملىققا، تەكرارلىققا، ئەمەلىيەتچىللىككە، دېئالىكتىكىلىققا ۋە ئىلمىيلىككە ئىگە بولغان ئىلىمدۇر.

مائارىپ ئىلمى مۇستەقىللىققە ئىگە بولغان پەن بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت مائارىپ ھادىسىلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مائارىپنىڭ ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. مائارىپ ئىلمى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ نىشانلىق ھالدا ئىجتىمائىي ئادەملەرنى تەربىيىلەيدىغان پائالىيەتتۇر.

ئۈنۈملۈك تۈردە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن، مۇقەررەر ھالدا مائارىپ مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، ھازىرقى زامان مائارىپ ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مائارىپنى يېڭىلاش ۋە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر.

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ماركىسىزىمنىڭ شەكىللىنىشى، يېقىنقى زامان پىسخىكا ئىلمى، فىزىئولوگىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار مائارىپ ئىلمىنىڭ ئىلمىيلىكى ئۈچۈن دېئالىكتىكىلىق ماتېرىيالىزىم ۋە تەبىئىي پەنلەردىن ئىبارەت ئاساس يارىتىپ بەردى. ھازىرقى زامان ئىشلەپچىقىرىشى ۋە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، مائارىپ ئەمەلىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈكلىكى، موللىقى، مائارىپ ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەتتى. مائارىپ ئىلمى ئىنسانىيەت مائارىپ ھادىسىلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى شۇنداقلا مائارىپنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، مائارىپ، جەمئىيەت، ئادەملەر ئارىسىدىكى، مائارىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر خىل ئامىللار ئارىسىدىكى ئوبىكتىپلىققا، مۇقەررەرلىككە، مۇقىملىققا، مۇھىملىققا ئىگە بولغان ماھىيەتلىك مۇناسىۋەتلەر، يەنى مائارىپ بىلەن جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، نوپۇس قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى، مائارىپ پائالىيەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى، مائارىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەكتەپ مائارىپى ۋە ئائىلە مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، باشلانغۇچ مائارىپى، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئالىي مائارىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىكى مائارىپ مەقسىتى بىلەن ئوقۇتۇش ۋە دەرستىن سىرتقى تەربىيىلەشنىڭ مۇناسىۋىتى، مائارىپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى ئەقلىي تەربىيە بىلەن ئەخلاقىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك تەربىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇنىيەتلىك باغلىنىش مەۋجۇت. مائارىپ ئىلمىنىڭ ۋەزىپىسى دەل ھەر خىل مائارىپ قانۇنىيەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئېچىپ بېرىش، ھەر خىل مائارىپ مەسىلىلىرىگە چۈشەنچە بېرىش، شۇنداقلا مائارىپ ئىلمىنىڭ نەزىرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

مائارىپنىڭ پىكىر ئېقىمى

[تەھرىرلەش]

مائارىپنىڭ پىكىر ئېقىمى-شەكىللىك مائارىپ ئىلمى ۋە ماھىيەتلىك مائارىپ ئىلمى قاتارلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

شەكىللىك مائارىپ ئىلمى

[تەھرىرلەش]

گىرىتسىيىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 17-ئەسىردە شەكىللىنىپ، 18-19 -ئەسىرلەردە تارقىلىشقا باشلىغان ھەمدە 20-ئەسىردە خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئاساسىي ۋەكىلى لوك بولۇپ، ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى: مائارىپنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل فۇنكىسىيىلىرىنى ۋە قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ، شەكىللىك ئوقۇتۇش ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات قاتارلىق دەرسلىكلەرنىڭ تەرەققىيات قىممىتى ئەڭ زور. ئۇقۇتۇش پرىنسىپىدا بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق فۇنكىسىيىلىرىنىڭ تەرەققىيات تەرتىپى ئاساس تايانچ ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ماھىيەتلىك مائارىپ

[تەھرىرلەش]

گىرىتسىيە ۋە قەدىمكى رىمدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە بېسىلىشقا ئۇچرىغان. 18-ئەسىردىن باشلاپ قايتا شەكىللىنىپ، 19-ئەسىردە راۋاجلانغان، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنە خارابلىشىشقا قاراپ يۈز تۇتقان، ئاساسلىق ۋەكىلى خېربات ۋە سىپېنسېرلاردۇر.

ئاساسلىق نۇقتىئىنەزىرى

[تەھرىرلەش]

ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشقا دائىر مول مەزمۇنلۇق بىلىملەر بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىلىملار، مەسىلەن، فىزىكا، خىمىيە، ئاستىرونومىيە، قانۇن قاتارلىق ئەمەلىي بىلىملەر بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى ئاساسەن بالىلارنىڭ تېنى ۋە روھىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئەركىن بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدۇر.

شەكىللىك ئوقۇتۇش ئىلمى بىلەن ماھىيەتلىك ئوقۇتۇش ئىلمىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پەلسەپە، پىسخىكا ۋە ئىجتىمائىي ئاساسلىرى بولغاچقا، ھەممىسىنىڭلا ئەۋزەللىكى ھەم بىر تەرەپلىمىلىك تەرىپى بار.

مائارىپ ئىلمىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەم تەرەققىيات ئىستىقبالى

[تەھرىرلەش]

21-ئەسىردە دۇنيا مىقياسىدا مائارىپ ئىلمىنىڭ نەزىرىيە مەنبەسى ھەمدە تەتقىقات ئەمەلىيىتىنىڭ دائىرىسى ھامان غەرب تەبىئىي پەنلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى مائارىپنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يادروسى دەپ بەلگىلىگەن تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. بۇ خىل ئەندىزىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنى كۆپ سۆزلەش ھاجەتسىز. ھازىرقى مەسىلە بولسا ساپا مائارىپىمۇ كىشىلىك سېھرىي كۈچ مەسىلىسىدۇر.

جەمئىيەت ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا ساغلام تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە بولسا كەلگۈسىدىكى مائارىپ ئىلمى ھەل قىلىدىغان نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىدۇر. ساغلاملىق-فىزىئولوگىيە، پىسخىكا ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىدىكى ساغلاملىقنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ، ساغلام بولمىغان كىشىلەر ئۆزىنى شۇنداقلا ئەتراپىدىكىلەرنى پاسسىپ تەسىرلەرگە ئۇچرىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ يەر شارىدىكى تۈرلۈك بايلىقلىرىنى ئىسراپ قىلىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا ساغلام بولمىغان پائالىيەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي ئېڭىنى تەربىيىلەش دەل ھازىرقى مائارىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.