Jump to content

مائارىپ پىسخولوگىيەسى

ئورنى Wikipedia

مائارىپ پسىخولوگىيىسى _مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدىكى دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى پسىخولوگىيىلىك بىلىش نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىت قىلىدىغان پەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :مائارىپ پسىخولوگىيەسى

ئىنگىلىزچە نامى :Educational psychology

تەۋە پەن تۈرى :پىسخىكا پىنى

قوللىنىش دائىرىسى :مائارىپ

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

مائارىپ پسىخولوگىيەسى _مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدىكى دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى پسىخولوگىيىلىك بىلىش نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىت قىلىدىغان پەن. ئىنسانلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دائىم دېگۈدەك بىۋاسىتە ياكىۋاسىتىلىك ھالدا ئۈزلۈكسىز تەسر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .شۇڭا تەلىم _ تەربىيە بىر خىلئىجتىمائىي ھادىسە . ئەمما مائارىپ تەربىيىسى تەربىيىلەنگۈچىلەرنى مەقسەتلىك ،پىلانلىق ، تەشكىللىك ئاساستا قەدەم _ باسقۇچلۇق ئاساستا تەربىيىلەيدىغانپائالىيەت بولغاچقا، مائارىپ پسىخولوگىيەسىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەردىكى رولىناھايىتى زور بولىدۇ .

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئوبيېكتى ۋە ۋەزىپىسى
  • مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى
  • مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
  • مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى
  • مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى
  • پىسخولوگىيەنىڭ مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
  • ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
  • ئوقۇتۇش تەلىم _ تەربىيە خىزمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
  • ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى بىلەن پسىخولوگىيەنى ئۈگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئوبيېكتى ۋە ۋەزىپىسى[تەھرىرلەش]

ھەرقانداق بىر پەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەيدا بولغان ۋە تەرەققىيقىلغان ، ھەر بىر پەننىڭ ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش ساھەسى ۋە تەتقىقات ئوبيېكتى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پەنلەر ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى ھادىسىلەرنى ،پائالىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدۇ . ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى، ھەر بىر پەندىنئۆزىنىڭ شەيئىلەر ۋە شەيئىلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر بىلەن بولغان ئومۇمىيباغلىنىشتا تۇتقان ئورنىنى ئېنىقلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ .

مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى[تەھرىرلەش]

پىسخولوگىيەسىنىڭتەتقىقات ئوبيېكتى - ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ، ئۆزگىرىش ، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىدىن ئىبارەت بولسا ، مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭتەتقىقات ئوبيېكتى – باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيەئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولغان ياكى دۇچ كەلگەن پىسخىك پائالىيەتلەر ۋەئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى ۋە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەسىرىدە ئاساسىي بىلىم ۋە ماھارەتلەرنىسېستىمىلىق ئىگىلىشى ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، ساغلامئىندىۋىدۇئال پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ، جىسمانىي سۈپىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقجەھەتتىكى پىسخىك پائالىيەت ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن ئىبارەت .

مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى[تەھرىرلەش]

مائارىپ پىسخولوگىيەسى – ئومۇمىي پىسخولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى ، مانا بۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن پەنلەر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىبولۇپلا قالماستىن ، ئۇ ، پسخولوگىيىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر. مائارىپ پىسخولوگىيەسى باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن . ئۇ ، ئومۇمىيپىسخولوگىيە ، تەرەققىيات پىسخولوگىيەسى ، مەكتەپ پىسخولوگىيەسىنىڭ تەرىققىياتىئاساسىدا ، ئادەم پىسخىكىسىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ، ئىندىۋىدۇئالپىسخىكا توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەرگە ۋە ئۆگىنىش پىسخىكىسى ۋە ئەخلاقىيپەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەرگە تايىنىپ ، مەكتەپلەرنىڭئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىدىكى پىسخىك پائالىيەت ۋە ئۇلارنىڭقانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ .

دېمەك، ئومۇمىي پىسخولوگىيە ، مائارىپ پىسخولوگىيەسى ، مەكتەپ پىسخولوگىيەسى ۋەتەرەققىيات پىسخولوگىيەسى بىر ـ بىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا باغلىنىشلىق بولۇپلاقالماستىن ، بەلكى پىسخولوگىيىنىڭ باشقا تارماقلىرى بىلەنمۇ مەلۇم ئىچكىباغلىنىشقا ئىگە .

مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى[تەھرىرلەش]

مائارىپپىسخولوگىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – ماركسىزم ـ لېنىنىزم ـ ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنىڭيېتەكچىلىگىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا باشلانغۇچ ، ئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەربىيە جەريانىدىكى پىسخىك پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ پىسخىكپائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ۋە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەتەدبىرلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ دىئالېكتىكىلىقمۇناسىۋەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ، ئېلىمىزمەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىنئىبارەت .

مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى[تەھرىرلەش]

1. مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىش مائارىپ خادىملىرىنىڭ دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىقدۇنيا قارىشىنىڭ تىكلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

پىسخولوگىيەبارلىق دىنىي خۇراپاتلىق ئىدىيلەرگە ۋە مېتافىزىك كۆز قاراشلارغا قارشى كۆرەشقىلىشتىكى نەزەرىيىۋى قۇرالللارنىڭ بىرىدۇر .

2. مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىش ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ، ئوقۇتۇشئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ .

مەكتەپلەرنىڭئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشجەريانىدىكى بىر پۈتۈن پىسخىك پائالىيىتى ۋە پىسخىك تەرەققىياتىنى ئىگىلىۋالغاندىنكېيىن ، پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى تەتبىق قىلىشى كېرەك . يەنى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساسەن ئۆگىنىش مەقسىتى توغرىسىدا تەربىيەئېلىپ بېرىشى ، ئۆگىنىشكە قىزىقىشتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىققەت قانۇنىيىتىگەئاساسلىنىپ ئوقۇتۇشنى تەشكىللىشى ، كۆزىتىش ئالاھىدىلىكى ۋە تەپەككۈر قانۇنىيىتىگەئاساسلىنىپ دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك . ئوقۇغۇچىلارغاتەكرارلاشلارنى ۋە تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ، ئۇلارنىڭ خاتىرە ۋە خىيالقابىلىيىتىگە ئاساسەن ، مۇستەھكەم بىلىمگە ، كۆپ تەرپلىمە ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگەقىلىشنى كۆزدە تۇتۇش لازىم ، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەربىيەخىزمىتىدە پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىش كېرەك .

3. مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىش سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلەشكەياردەم بېرىدۇ . سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنى ئىشلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىلپائالىيەتلەدىكى پىسخىك قانۇنىيەتلەرنى ۋە ھەر خىل ئامىلللار تەسىرىدە شەكىللەنگەنپىسخىك ئالاھىدىكلەرنى ئىگىلىۋالغاندىلا ئاندىن ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ ئىدىيۋىخىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، سوتسىيالىستىك يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى يېتىشتۈرگىلىبولىدۇ .

ھازىرئېلىمىزدە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ تەسىرىدەمەدەنىيەتلىك ، ئەدەپلىك بولۇپ ، ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان ، ئىجتىمائىيئەخلاقنى ھىمايە قىلىدىغان يېڭىچە روھىي قىياپەت بارلىققا كەلمەكتە . لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي پەزىلىتىدە ناچارلىق ،ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ، سىياسىي ۋە پەن ئۆگىنىشىگە قىزىقماي پۇلغا بېرىلىش ،جەمئىيەتتىكى يامان ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى ساقلانماقتا . شۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپلەردە سىياسىي ، ئىدىيىۋى خىزمەتتىكى پىسخولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىقۋە ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان كوممۇنىزملىق غايە ۋەمىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشتەك مىللىي غۇرۇر تەربىيىسىنىكىچىكىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش كېرەك .

4. مائارىپ پىسخولوگىيەسى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىلمىي ئىدارە قىلىشسەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

مەكتەپرەھبەرلىكىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىلمىي ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يەنىلا پىسخولوگىيەبىلىمى كەم بولسا بولمايدۇ ، يەنى مەكتەپ قۇرۇلۇشى ، ئوقۇتۇش قۇراللىرىنى تولۇقلاش، ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتا ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرى قانۇنىيىتىگە قانداق ماسلىشىش ، پىسخىكىلىكگىگىنا تەلەپلىرىگە قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى ،خىزمەت ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەش ، بىلىم ئاشۇرۇش ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ھالدائورۇنلاشتۇرۇش ، ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن ئۈستۈن ۋە ئادەتتىكىدىن تۆۋەنئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە قانداق ئېتىبار بېرىش ، ئوقۇغۇچىلارقائىدىسى ، مۇكاپاتلاش ، جازالاش تۈزۈمىنى ئىزچىلللاشتۇرۇشتىكى پىسخىكىلىقمەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؛ مەكتەپنىڭ تازلىقى ، ساقلىقنى ساقلاشخىزمىتىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار . بۇمەسىلىلەر پىسخولوگىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەشكە مۇھتاج . بولۇپمۇرەھبەرلىك ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭئاكتىپلىقىنى قانداق قوزغاش، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئىلمىي ئىدارە قىلىش كېرەك .

پىسخولوگىيەنىڭ مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى[تەھرىرلەش]

ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى[تەھرىرلەش]

باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى پسىخولوگىيە بىلەن تەبىئىي ھالداباغلىنىشلىق بولىدۇ . چۈنكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمىتىئوقۇغۇچىلارنى نورمال روھىي ھالەتكە ۋە گۈزەل قەلپكە ئىگە قىلىپ تەربىيىلەپيېتىشتۈرىدىغان خىزمەت بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلارنى پسىخولوك ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدېيىشكە بولىدۇ .

دۇنيادا ھېچقانداق كەسىپمەكتەپ تەلىم _ تەربىيىسى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدەك پسىخولوگىيە بىلەن ئۇنداق زىچباغلىنىشقا ئىگە ئەمەس .ھېچقايسىسى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردەك ئۇنداقئۇزۇن مۈددەت قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ .

ئوقۇتقۇچىلار بىلەنئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ، تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا ، يەنىلا پسىخىك جەھەتتىكىزىچ باغلىنىش بولۇپ ، سانسىزلىغان پسىخىك باغلىنىشلار پسىخىك تور يىپچىلىرىنىھاسىل قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى مانا شۇ تور يىپچىلىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ . مەسىلەن ،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ، ئوقۇتقۇچى بىلەنئائىلە باشلىقلىرى ، ئوقۇتقۇچى بىلەن جەمئىيەت ئەزالىرى .......

مەكتەپلەرنىڭ بارلىق ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيەپائالىيەتلىرى ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پسىخىك باغلىنىشقائىگە بولغان تور يىپچىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . پسىخىك جەھەتتىكى بۇنداقباغلىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ،ئۇلاردا ئۆمۈرلۈك چۇڭقۇر تەسر قالدۇرىدۇ . بەزى تەجىرىبىلىك ئپقۇتقۇچىلار ئەخلاقىناچار ئوقۇغۇچىلار ياكى ناچار سىنىپلار خىزمىتىنى ئىشلەشتە ، ئۇلارنى ھە دېگەندەتەنقىدلىمەي ياكى ئەيىپلىمەي ئەكسىنچە ئىلھاملاندۇرۇش ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىدائۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىىنى كۆپ سۆزلەش ، سۆسبەتلىشىش ، ياردەم بېرىش بەلكى بەزىكىچىك ئىشلار مەسىلەن ، بىرلىكتە ئويۇن ئويناش ، بىرلىكتە ساياھەت قىلىش ،قاتارلىقلار ئارقىلىق روھىي ھالەت جەھەتتە ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ . بەزىمەشھۇر ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئاتاغلىق ئەربابلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئوقۇتقانئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇنتۇلماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەپ ئاساسەن ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىبىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن پسىخىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلاردا جاۋاپقايتۇرۇش ھېسياتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن ئىبارەت .

ئوقۇتۇش تەلىم _ تەربىيە خىزمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى[تەھرىرلەش]

مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم _ تەربىيە خىزمىتىدە پسىخولوگىيە بىلەنمۇناسىۋەتسىز بولغان بىرمۇ خىزمەت يوق . چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق ئوقۇتۇشتەلىم _ تەربىيە تەدبىرلىرىدە بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى چىقىشقىلىنغان بولىدۇ . ھەممىدە بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋەئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلغان بولىدۇ .

ئوقۇتۇش جەريانىداپسىخولوگىيە بىلىملىرىدىن تېخىمۇ ئايرىلغىلى بولمايدۇ ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسققانۇنىيىتى ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلغانبولىدۇ . ۇچىدا بالىلارنىڭ پسىخىكىسى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش جەريانىدا تۇرىدۇ. بۇ ھەر قايسى يىللىقلاردا ئوخشاش ھالەتتە بولمايدۇ . مەسىلەن ، باشلانغۇچمەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى بالىلارنىڭ بىر سائەت ئىچىدە دىققەت كۈچىنى دەرسكەمەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 10_ 15 مىنۇت ئەتراپىغىچە داۋاملىشىدۇ .ئوتتۇرا يىللىقتىكى بالىلارنىڭ دىققىتى 20 مىنۇت ، يوقىرى يىللىقتىكى بالىلارنىڭدىققىتى 25 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىلارنىڭ دىققەت كۈچىچېچىلىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىپ دەرسخانە پائالىيىتىنىماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، دەرس سۆزلەش ، دوسكا خېتى ، سۇئاللارغا جاۋاپبېرىش ، تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش ، ھەتتا ھىكايە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇۋاپىق ھالدا كىرىشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا ئوقۇتقۇچى دەرسمەزمۇنى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئوقۇتۇش مىتودىنىيېتىلدۈرۈشى كېرەك .

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى بىلەن پسىخولوگىيەنى ئۈگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى[تەھرىرلەش]

مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداقئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيەتلىرى ئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكىئۆز ئارا رول ئويناش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ پسىخىكئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە پۈتكۈل ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيەتلىرىگەتەسر كۆرسەتمەسلىكى مۈمكىن ئەمەس . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە ئېلىپبېرىشتا ئۆزىدىكى پسىخىك ئامىللارنىمۇ شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىش كېرەك .بىراق نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىلا ئويلاپ ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشىئاز بولىدۇ ، ’باشقىلارنى ‘، لېكىن« ئۆزىنى بىلمەيدۇ» .

ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىكىپسىخىك ئامىللار ئوقۇتۇش ۋە تەلىم _ تەربىيىدىكى مەركىزى ھالقا .چۈنكى مەكتەپنىڭبارلىق پائالىيىتى كونكرېت ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى ئۇزاقمۈددەت ئوقۇتۇش ، تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، مۇقىم ، تۇراقلىق بولغانئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشتەك كەسپىي ئاڭغا ، ئوبيېكتقائاساسەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي ئىقتىدارغا ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەككەسپىي ھەركەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ . بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتئالاھىدىلىكى بولۇپ ، تەدرىجىي ھالدا ئوقۇتقۇچىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى بولۇپھىسابلىنىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ئىندىۋىدۇئاللىق ئالاھىدىلىك سىنىپ ئىستىلى، ئوقۇغۇچىلارئارا مۇناسىۋەت ۋە بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەزىلىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭمۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ .كەيپىياتى تۇراقسىز ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، ئۆزكەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا دوستانە ، ماس كەيپىياتيارىتالىشى قىيىن . بۇنداق ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۆئارا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆپرەك سادىر قىلىدۇ .ئەكسىچە كەيپىياتى تۇراقلىق ،خۇشخۇي ، دوستلۇق  ۋە مۇلايىملىق كەيپىياتىغا تولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىلابىر غايىبانە چاقىرىق بولۇپ ، سىنىپتا ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ،ئوقۇغۇچىلار ئتتۇرىسىدا يولداشلارچە دوستلۇق ئورنىتالايدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىنىڭپسىخىك ئالاھىدىلىكى مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئوقۇتۇشتا سەل قارىغىلى بولمايدىغانموھىم بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەيپىياتى ۋەھېسسىياتىنى ئاڭلىق ھالدا كونترول قىلىپ ، ھەر قېتىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇنجىقېتىم كۆرۈشكەندە ، ئۆزىنىڭ كەيپى خوش ، قىزغىن ۋە ئوچۇق _ يورۇق ئىكەنلىكىنىزېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم .