ماتادى

ئورنى Wikipedia

ماتادى زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى. تۆۋەنكى زايىر رايونىنىڭ مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.

نامى ماتادى
دۆلىتى زايىر جۇمھۇرىيىتى
خەنزۇچە نامى 馬塔迪
كىلىماتى تروپىك بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش=[تەھرىرلەش]

ماتادى زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى. تۆۋەنكى زايىر رايونىنىڭ مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. شەھەر ئاھالىسى 144 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر زايىر دەرغا ئاغزىدىن تەخمىنەن 135 كىلومېتىر ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى دەريانىڭ جەنۇبىي ياقىسىغا جايلاشقان، زايىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ كەڭلىكى 30 كىلومېتىردىن ئارتۇق، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 70 مېتىردىن يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ ماتادىغا بىمالال كېلەلەيدۇ. شۇڭا ماتادى پورتى زايىرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى زور بولغان مۇھىم پورتىغا ئايلاندى. پورت پرىستانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1600 مېتىر كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 10 ئوكيان پاراخوتى توختىيالايدۇ. زايىرنىڭ چەت ئەللەر ئارا ئالماشتۇرىدىغان ماللىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ماتادى پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ماتادى شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى ئۇن زاۋۇتى، ياغ چىقىرىش زاۋۇتى، ياغاچچىلىق كارخانىسى قاتارلىق زاۋۇت-فابرىكىلار بار. ماتادى پورتى تۆمۈر يول ھەم نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ئارقىلىق پايتەخت كىنشاشا بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ماتادى شەھىرىدىن 11 كىلومېتىر يىراق بولغان دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدا زايىرىنىڭ بېلىقچىلىق پورتى ئانگو-ئانگو جايلاشقان. ماتادى شەھىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراق بولغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا چوڭ تىپتىكى ئىنگاسۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان.