ماجيەن

ئورنى Wikipedia

ماجيەن: 1906- يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈننەن ئۆلكىسى گېجيۇ شەھىرى شاديەندىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەسلى ئىسمى يۈشۇ (玉书 ) بولۇپ، ئوقۇتقۇچىسى بۇ ئىسىم قىز بالىنىڭكىگە ئوخشاپ قاپتۇ، دەپ، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىسمىنى ۋەنچىڭ (万清

) دەپ ئۆزگەرتكەن.


9 ياشقا كىرگەندە يۇرتىدىكى داڭلىك ئۆلەما مامىڭفۇ قارىمدىن قۇرئان كەرىم ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 12 ياشقا كىرگەندە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى داڭلىق ئەلىيۇلئەلادىن قەدىمقى زامان خەنزۇ ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. كېيىن كۇنمىڭدىكى دىنىي مەكتەپتە كەلگەن، بۇ ئىسلام دىنىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتە قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفلەر ۋە قۇرئان تەپسىرلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئۆتەتتى. ماجيەن مەكتەپتە بىلىم ئېلىش جەريانىدا جوڭگو مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر كۆزەتكەن ۋە ئۇستازى بەي لياڭچېڭ ئەپەندىمگە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، كەڭ تەرەپلىمە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلارغا ياراملىق ئادەم بولۇش، جوڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن راۋۇرۇس بىر ئىش قىلىپ بېرىش خىيالىنى ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. 16 يېشىدا يۈننەندىكى داڭلىق چېڭدې ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەسلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئائىلە ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىكى تۈپەيلى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن يۇرتىدا قەھەتچىلىك يۈز بەرگەنلىكتىن شاڭخەيگە بارغان، بۇ يەردە جوڭگو ئىسلام دىنى بىرلەشمىسى قۇرغان دارىلمۇئەللىمىنگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ۋە ئەرەبچە-ئىنگلىزچە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىغان. مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئەرەبچە ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىغان سەۋىيىگە ئىگە بولغان. كېيىن جوڭگو ئىسلام دىنى بىرلەشمىسى ئۇنى مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن، ئۇ مۇشۇ يەردە تۇنجى قېتىم قۇرئانى كەرىم تەرجىمىسى ۋە تەپسىرىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان.


27 يېشىدا «ئىسلام دىنى پەلسەپىسى» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان.


29 يېشىدا «مۇھاكىمە ۋە بايان» نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈپ، قاھىرە قەدىمقى كىتابلار نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان. بۇ ئەرەبچىدە نەشىر قىلىنغان تۇنجى جوڭگو قەدىمقى زامان پەلسەپىسىگە دائىر ئەسەر ئىدى.


كېيىن توختىماستىن ھەرخىل ئەسەرلەرنى خەنزۇچە-ئەرەبچە تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلگەن.


39 يېشىدا تۇنجى قېتىم «قۇرئانى كەرىم» نىڭ ھازىرقى زامان خەنزۇتىلىدىكى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەن.


شۇ يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ يوڭتوڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نامىدىن ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپنامە ئەۋەتكەن. ئۇ ئايالى ماسۈنجېن خانىم بىلەن بىللە بېيجىڭغا كېلىپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىۋەتكەن.


1947-يىلى پروفېسسور بولۇپ باھالانغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا« قۇرئان كەرىم تەتقىقاتى»، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرەب تىلى»، «ئىسلام دىنى تارىخى»، «ئىسلام مائارىپ تارىخى» دېگەندەك دەرسلەرنى بەرگەن.


1949-يىلى «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمىسىنى ۋە ئالدىنقى سەككىز پارىنىڭ تەپسىرىنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ۋە جوڭگو سودا نەشرىياتىغا نەشىرگە بەرگەن.


52-يىلى «ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ، ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىدىكى بارلىق تېرمىنلارغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ بەرگەن.


56-يىلى «خەلق گېزىتى» دە «ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى» دېگەن ماقالىسىنى تەقدىم قىلغان.


57-يىلى «ئىسلام پەلسەپە تارىخى» دېگەن كىتابنى تۈزىتىپ نەشىر قىلدۇرغان.


59-يىلى ماۋزېدۇڭ ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ياشلار ۋەكىلىنى قوبۇل قىلغاندا ماجيەن تەرجىمان بولغان، شۇ چاغدا مازېدۇڭ مۇنداق دېگەن:« ماجيەن ئەپەندىم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كوممۇنىست ئەمەس، مەن كوممۇنىست، ماركسىزم-لېنىنىزم ئەقىسىدىگە ئېتىقاد قىلىمەن. لېكىن بىز ئىككىمىز ناھايىتى ئوبدان ھەمكارلىشىۋاتىمىز. ئېتىقادىمىزدىكى پەرق بىزنىڭ ھەمكارلىشىشىمىزغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمىدى..»


64-يىلى «ئەرەبچە-خەنزۇچە لۇغەت» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن.


65-يىلى 52بابلىق «ئەرەب تارىخى» نى پۈتتۈرگەن.


66-يىلى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ۋۇيۈچىنىڭ يازغان ئەرەبچە خېتى سەۋەبلىك قارا ئۇنسۇر دەپ تارتىپ چىقىرىلغان.


69-يىلى، 63 ياش چېغىدا شەرقىي شىمالدا قۇرۇلغان «ئىمان» تەشكىلاتى تۈپەيلى يەنە بىر قېتىم تارتىپ چىقىرىلغان.


71-يىلى، تەقىپ ئاستىدا تۇرۇپمۇ «ئەرەب تارىخى» نى قايتا تەھرىرلەپ 10-نەشرىگە بەرگەن.


73-يىلى قىزىل قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭغا شېكەر قىيىقچىسى بىلەن شېكەر مانتىسى بەرگەن، ئۇ ئىككىسىنى يېيىشتىكى ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپىنى بىلمەي ئىككىسىنى بىللىلا يېگەن. نەتىجىدە يەنە بىر قېتىم تارتىپ چىقىرىلغان.


74-يىلى 550مىڭ خەتلىك «ئەرەب يېرىم ئارىلى» دېگەن كىتابنىڭ تەرجىمە-تەھرىراتىنى پۈتتۈرگەن.


78-يىلى 5-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ۋە يىغىندا سۆز قىلغان.


شۇ يىلى «قۇرئانى كەرىم» نى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلەشكە باشلىغان. باشقىلار ئۇنىڭغا دەم ئېلىشنى ئېيتقاندا ئۇ:« رەسۇلۇللاھ ئېيتقان، ئاللاھ جاھاندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىگە داۋا ياراتقان، پەقەت قېرىلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭلا دەۋاسى يوق» دەپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.


8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياردەمچىلىرى بىلەن بىللە سۈرە ياسىننىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى تەھرىرلىگەن.


8-ئاينىڭ 16-كۈنى كېسەللىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن قازا قىلغان. شۇ يىلى 72 ياش ئىدى.

ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى جوڭگولۇقلارغا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرۇشقا ئاتاپ ياشىغان ماجيەن ئۇستازنىڭ ۋاپات بولغىنىغا بۇ يىل دەل 30 يىل بولدى.

زمرہ:1906ء کی پیدائشیں