ماخۇاتېڭ

ئورنى Wikipedia

ماخۇاتېڭ(马化腾)،تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى،مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى.قۇشۇمچە شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى،تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرى ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل.1999-يىلدىن باشلاپ مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇ 1971-يىل10-ئاينىڭ29-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ چاۋشەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان،1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپىيوتېر كەسپىدە ئوقۇغان.1993-يىلى مەكتەپ پۈتكۈزۈپ،رۇنشۈن خەۋەرلىشىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ،چاقىرغۇ يۇمشاق دېتالى ئېچىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىنژېنېر ۋە ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان.1998-يىلى تېڭشۈن كومپىيوتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.