مادۇرا ئارىلى

ئورنى Wikipedia

مادۇرا ئارىلى ھىندۇنېزىيە ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. مادۇرا ئارىلى بىلەن ياۋا ئارىلىنىڭ ئارىلىقى 3-4 كىلومېتىر كېلىدۇ.

مادۇرا ئارىلى
ئۇيغۇرچە نامى مادۇرا ئارىلى
جۇغراپىيەلىك ئورنى ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقى
خەنزۇچە نامى 馬都拉島
كېلىماتى ئىسسىق بەلباغ كىلىماتى
تەۋە دۆلەت ھىندۇنېزىيە

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. مادۇرا ئارىلى بىلەن ياۋا ئارىلىنىڭ ئارىلىقى 3-4 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 150 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 45 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، مەيدانى 5290 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئارالنى ئېدىرلىقلار توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 471 مېتىر كېلىدۇ. ئارالدىكى خەلقلەر شال، كۆممىقوناق، تاماكا، پالما، مانىخوت، كاۋاۋىچىن قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ھەرخىل چارۋا باقىدۇ، سانائىتىدە تۇز، نېفىت، ماشىنىسازلىق، تالالىق ئاگاۋى تالاسىنى تەييارلاش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. مەركىزى سۇمېنېپ شەھىرىدە خان قەبرىستانلىقى، خان ئوردىسى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.