مادېلىن ئالبېرت

ئورنى Wikipedia


مادېلىن ئالبېرت 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چېخوسلوۋاكىيە پراگادا تۇغۇلغان، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مادېلىن ئالبېرت


دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1937-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى

كەسپى :ئامېرىكىنىڭ 64-نۆۋەتلىك دۆلەت كاتىپى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

چەتئەلچە نامى :Madeleine Korbel Albright

شەخس ئانكىتى[تەھرىرلەش]

4پارچەمادېلىن ئالبېرت مادېلىن ئالبېرتنىڭ ئەسلى ئىسمى مارى يانا كوربېلوۋا، ئامېرىكىنىڭ 64 -نۆۋەتلىك دۆلەت كاتىپى بولغان، ھازىر گېئورگېتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدمۇند A دىپلوماتىيە مۇلازىمەت ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور.

1937-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چېخوسلوۋاكىيە پراگادا تۇغۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولغان چاغدا ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر لوندوندا. ئۇنىڭ دادىسى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، قوشۇمچە ئالىم، چېخوسلوۋاكىيەنىڭ يۇگوسلاۋىيە دە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 10 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، شىۋېتسارىيە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان ھەمدە ئىسمىنى مادېلىنغا ئۆزگەرتكەن. 1948-يىلى ئۇنىڭ دادىسى ب د ت نىڭ ھىندىستان ۋە پاكىستان مەسىلىسى كومىتېتى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

1948-يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتىسى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان.

كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئالبېرت ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ ۋېللېسلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخبارات ۋە سىياسەتشۇناسلىقتا ئوقۇغان.

1959-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ يەنە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دا پەلسەپە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئىنگلىز تىلى، چېخ تىلى، پولەك تىلى، رۇس تىلى ۋە فرانسۇز تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • شەخس ئانكىتى
  • خىزمەت ھاياتى
  • نىكاھ-مۇھاببىتى  
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

خىزمەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

6پارچەمادېلىن ئالبېرتچىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار ئىلمى پروفېسسورى بولغان.

1976-يىلى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەدمۇند مۇسكېگېت (مېئانې شىتاتى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى) خىزمىتىنى قىلغان.

1978-يىلى جىم كات زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

1981-يىلى رىگان زۇڭتۇڭ بولغان، كېيىن ئىلىم ساھەسى ئەسەرلىرىدىن «پولشا : سىياسىي ئۆزگىرىش جەريانىدا ئاخبارات ساھەسى رول ئوينىغان».

1993-يىلى گېئورگېتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، دىپلوماتىيەدىن دەرس ئۆتكەن.

نىكاھ-مۇھاببىتى  [تەھرىرلەش]

مادېلىن ئالبېرتئۇ ۋېللس ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا يوسېف بىلەن تونۇشقان. يوسېف ئامېرىكىدا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر مەتبۇئات جەمەتى ئەۋلادى، ئۇلار تونۇشۇپ ئالتا يىلدىن كېيىن، ئالبېرت ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەن 3-كۈنى ئۇلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. يوسېف بىر مۇخبىر، بىر چوڭ جەمەتنىڭ ئەركىسى. بۇ جەمەتىدىكىلەر ئالبېرتنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس، ئۇ ئۆزى ۋە يوسېف ئوخشاش بولمىغان ئىككى قاتلامدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، بارلىق پۇرسەت ۋە كۆپ ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئىزدەپ يوسېف جەمەتىگەبىر ياخشى تەسىر قالدۇرغان.

يېڭىلا توي قىلغان ئالبېرت تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغاندا بالدۇر بوشانغان، ئەيلىس ۋە ئاننى قوشكېزەكلەرنى تۇغقان، بۇ ئىككى بالا قەيسەرلىك بىلەن ھايات قالغان.

ئىككىنچى قېتىم ئالتە ئايدىن كېيىن ھامىلىدار بولۇپ، ئۇ قىزىل كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. دوختۇرلار ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: قورساقتىكى بالا مېڭە زەخىملىنىشكە ئۇچرىشى مۇمكىن دېگەن، لېكىن شۇ چاغدىكى ئامېرىكا قانۇنىدا بالا چۈشۈرۈش قانۇنسىز ئىدى. كېيىن تۇغۇت جەريانىدا، بالا ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭغا ئاياللارنىڭ چوقۇم تاللاش ھوقۇقىنى ئېنىق تونۇتقان، بولۇپمۇ ئۇلار يولۇققان ئاشۇ قىيىن ۋاقىتلار.

ئۈچىنچى قېتىم ھامىلىدار بولغاندا ساغلام بىر قىز تۇغقان، ئۇ كەيسىلىن. ئالبېرت ئۈچ قىز كۆرۈش ھاياتىدا، ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان.