ماراتخا ئۇرۇشى

ئورنى Wikipedia

ماراتخا ئۇرۇشى ئەنگلىيەنىڭ 18-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ماراتخا دۆلىتىگە قوزغىغان بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :ماراتخا ئۇرۇشى

ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار :ماراتخا، ئەنگلىيە

تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى[تەھرىرلەش]

1757-يىلى ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتىنىڭ قوشۇنى بېنگالنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسىمدىكى ماراتخا ئىتتىپاقى، ھىندىستاندىكى بەگلىكلەر ئارىسىدا كۈچى ئەڭ زور ئىتتىپاقداش دۆلەت بولسىمۇ، ماراتخا ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان ماراتخا بەگلىكلىرى ئارىسىدا ئىچكى زىددىيەت ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ئىتتىپاقنىڭ ھۆكۈمرانى پەيسىھانىڭ ھاكىمىيىتى كۈنسايىن خارابلىشىپ، ئەنگلىيەنىڭ پارچىلىۋېتىش، بىر-بىرلەپ يوقىتىشتىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلانغان.

جەريانلىرى[تەھرىرلەش]

بىرىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشى[تەھرىرلەش]

1775-يىلى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى پەيسىھاباجنىڭ سىياسىي دۈشمىنى راگوناتنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللاش بەدىلىگە راگونات بىلەن تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقان، بىرىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ماراتخا گەرچە ئەنگلىيە بىلەن سالباھ شەرتنامىسى ئىمزالاپ سالست ئارىلىنى ۋە بارسيىن رايونىنى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئىلكىگە ئايرىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەسلىدىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى ساقلاپ قالغان. 1799-يىلى ئەنگلىيە سورنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ماراتخا ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى بىردىنبىر ئاساسىي پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالدى. شۇڭا ئەنگلىيە ماراتخانى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. 1802-يىلى پەيسىھاباجى ئەنگلىيە بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان باسېيىن شەرتنامىسى ئىمزالاشتى. شەرتنامىگە ئاساسلانغاندا ماراتخا بەگلىكلىرى مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بولاتتى. شۇڭا، ماراتخا بەگلىكلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى.

ئىككىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشى[تەھرىرلەش]

ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيە پەيسىھانى قوللاش باھانىسىدە پەيسىھا بىلەن بەگلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا قول تىقىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئەنگلىيە قوشۇنى ئالدى بىلەن ماراتخا بەگلىرىدىن ھىندىيان بىلەن ناسىرلارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن كېيىن يەنە بەگ ھوركانىڭ قوشۇنىنى يەڭدى. ئۈچىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشى ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ماراتخا بېگى قوللىغان «مۇساپىر قاراقچى» پىنداللارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن قوزغالغان. بۇ چاغدا ئەنگلىيە باش ۋالىيسى ماراتخا بەگلىكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش مەزگىلىدە ئىشقا سالغان ئەڭ قۇدرەتلىك قوشۇننى توپلىغان. 300 زەمبىرەككە ئىگە 120 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى ماراتخا ئىتتىپاقىغا بېسىپ كىرگەندە غەربىي ناباردى ۋە ناغبول سەپلىرىدە ماراتخادىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 1818-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئەڭ ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشكەن.

نەتىجىسى[تەھرىرلەش]

ئىككىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشىدىن كېيىن ماراتخا بەگلىرىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى ئەنگلىيىگە تەۋە بومباي باشقۇرۇش رايونغا قوشۇۋېتىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزۈلگەن. نۇرغۇن بەگلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئەنگلىيە بىۋاستە يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق بەگلەر قويۇلغان. ماراتخا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى قۇدرەتلىك رەقىبى مەۋجۇتلۇقتىن قالغان. ئەنگلىيە بېنگال قولتۇقىدىن تارتىپ ئەرەب دېڭىزىغىچە بويسۇندۇرۇلغان زېمىنىنى تۇتاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان.