مارتىن لوتىر كىڭ
(1929 - 1968) مارتىن لوتىر كىڭ ئامېرىكا نىگىر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. ئۇ پوپمۇ بولغان. 1954 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا رەڭلىك ئېرىقلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1955 - يىلى ئالاباما شتاتى مونتگومېرېي شەھىرىدە شەھەر ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ئېرقىي بۆلۈنمىچىلىك تۈزۈمىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئاپتوموبىل شىركىتىنى بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان، ھەم نىگىر شوپۇرلارنىڭمۇ ماشىنا ھەيدىشىگە ماقۇل كەلتۈرگەن. 1957 - يىلى جەنۇبتىكى خىرىستىئان دىنى داھىيلار يىغىنىدا رەئىسلىككە سايلانغان. 1958 - يىلى جەنۇبتىكى 21 ئاساسلىق شەھەردە يىغىن ئېچىپ، نىگىرلانىڭ گىراژدانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. 1963 - يىلى 8 - ئايدا ۋاشېنگتون ئالاھىدە رايونىدا 250 مىڭ ئادەم قاتناشقان بىر قېتىملىق چوڭ يىغىن ئېچىپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ئىرقىي باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغان. 1964 - يىلى جۈنسۇن زۇڭتۇڭنى خەلق ھوقۇقى قانۇنىغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇ ئىزچىل تۈردە زوراۋانلىق قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1968 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېرقىي ئايرىمچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كۈننى ئامېرىكىدا قانۇنلۇق خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. «مېنىڭ ئارزۇيۇم» ناملىق بۇ نۇتۇق مارتىن. لوتىر. كىنگىنىڭ 1963 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ۋاشېنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيىدا ئاممىۋى يىغىندا سۆزلىگن مەشھۇر نۇتۇقىدۇر.
مېنىڭ ئارزۇيۇم
1963 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى .
بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامېرىكىلىق نىگىرلارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغانىدى. بۈگۈن بىز ئۇنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا يىغىن ئېچىۋاتىمىز. ئۇ تەنتەنىلىك خىتابنامە گويا ماياك نۇرى كەبى ھاياتنى نابۇت قىلىدىغان ئادالەتسىزلىك يالقۇنى ئىچىدە كۆيىۋاتقان، ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن مىليونلىغان نىگىر قۇللارغا يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى خۇشاللىققا چۆمگەن تاڭ نۇرى بولۇپ، نىگىرلارنى ئاسارەتتە قويغان ئۇزۇن تۈننى ئاخىرلاشتۇرغانىدى. بىراق، يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگىرلارنىڭ تېخىچە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ بىر پاجىئەلىك پاكىتقا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئېرقىي بۆلۈنمىچىلىكنىڭ ئاسارىتى ۋە ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا نىگېرلارنىڭ ھاياتى خورلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگېرلار ماددىي نېمەتلەر تولۇق بولغان ئوكياننىڭ بىر كەمبەغەل ئارىلىدا ھايات كەچۈرۈۋاتىدۇ. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگېرلار يەنىلا ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ سەرگەندانلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا. بۈگۈن بىز بۇ يەردە يىغىن ئېچىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپچىلىككە ئېلان قىلماقچىمىز. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۈگۈن بىز بۇرۇنقى بەرگەن ۋەدىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ دۆلەتنىڭ پايتەختىگە جەم بولدۇق. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىگە تاغنى تالقان - چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتلىك سۆزلەرنى يازغاندا ھەربىر ئامېرىكىلىققا ۋەدە بەرگەنىدى. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانغا ھاياتلىق، ئەركىنلىك، بەخت ئىزدىنىشتىن ئىبارەت مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇق بېرىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدى.
ئامېرىكا رەڭلىك پۇقرالار ئالدىدا ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ئامېرىكا ئۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي نىگېرلارغا بىرتال قۇرۇق چەك بەردى. بانكا «مەبلەغ يېتىشمەيدۇ» دېگەن تامغىسىنى بېسىپ ئۇ چەكنى قايتۇرۇۋەتتى. ئەمما بىز ئادالەت بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز. بىز مۇنداق چوڭ دۆلەتنىڭ خەزىنىسىدە يېتەرلىك زاپاسنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيمىز. شۇڭا بۈگۈن بىز شۇ چەكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق. بۇ چەك بىزگە قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ئادالەت كاپالىتى بېرىدۇ. بىز بۇ يەرگە ئامېرىكىنى ھازىر ئەھۋال جىددىي، ھازىر تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچ دورا ئىچىدىغان پەيت ئەمەس، ھازىر دېموكراتىيەنى يولغا قويىمىز دېگەن ۋەدەڭلارنى روياپقا چىقىرىدىغان پەيت؛ ھازىر ئېرقىي ئايرىمىلىقتىن ئىبارەت چۆلدەرەپ كەتكەن چوڭقۇر جىلغىدىن مىللەتلەر باراۋەر بولۇشتەك پارلاق يولغا يامىشىپ چىقىش پەيتى؛ ھازىر تەڭرى ياراتقان بارلىق پەرزەنتلەرگە پۇرسەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش پەيتى؛ ھازىر دۆلىتىمىزنى ئېرقىي تەڭسىزلىك قاينىمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قېرىنداشلارچە مۇستەھكەم ئىتتىپاقلاشتۇرۇش پەيتى دەپ ئاگاھلاندۇرۇشقا كەلدۇق.
ئەگەر ئامېرىكا بۇ جىددىي مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەي، نىگېرلارنىڭ ئىرادىسىنى كەم سۇندۇرسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەركىنلىك، تىنچلىقنىڭ سالقىن كۈز پەسلى يېتىپ كەلمەيدىكەن، نىگېرلارنىڭ غەزەپلىك تومۇز كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. 1963 - يىلى كۈرەشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەمدى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزىلەر نىگېرلار بىرئاز ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىپ بولدى قىلسا بولاتتى، دەپ ئۈمىد قىلىدۇ. دۆلەت ئەگەر جىم تۇرۇۋالسا، قىلچە ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقىدۇ. نىگېرلار گراژدانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىسە، ئامېرىكىدا تىنچلىق، ئەمىنلىك بولمايدۇ. ئادالەت ۋە پارلاق كۈن يېتىپ كەلمىگۈچە بوران - چاپقۇن بۇ دۆلەتنى ئاساسىنى تەۋرىتىدۇ.
ئەمما، ئادالەت ئوردىسىنىڭ ئالدىدا تىت - تىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە شۇنى دەپ قويۇش زۆرۈركى، بىز قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتە خاتا ئۇسۇللارنى قوللانماسلىقىمىز لازىم. بىز ئەركىنلىك تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇش يولىدا دۈشمەنلىك ۋە نەپرەت شارابىنى ئىچمەسلىكىمىز لازىم. بىز كۈرەش قىلغاندا ھەركىتىمىز دۇرۇس، ئىنتىزامىمىز چىڭ بولۇشى كېرەك. بىز يېڭى شەكىلدىكى قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز مەنىۋى كۈچ ئارقىلىق ماددىي كۈچكە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك مەنزىلگە كىرىشىمىز كېرەك.
ھازىر نىگېرلار جەمئىيىتىدە غايەت زور كۈرەش روھى ئۇرغۇۋاتىدۇ. لېكىن مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە ئىشەنمىسەك بولمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئاق تەنلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۆز تەقدىرىنىڭ بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. يىغىغان قاتناشقانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز ئايرىم ھەرىكەت قىلساق بولمايدۇ. ھەرىكەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ئالغا ئىلگىرىلەشكە بولىدۇكى ھەرگىز چېكىنىشكە بولمايدۇ. ھازىر بەزىلەر خەلق ھوقۇقى پائالىيىتىگە قىزىقىدىغانلاردىن: «سىلەر قاچان رازى بولىسىلەر؟» دەپ سوراۋاتىدۇ. نىگېرلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋېرىدىكەن، بىز ھەرگىز رازى بولمايمىز. بىز سىرتتا ئېقىپ يۈرۈپ، يول بويىدىكى مېھمان كۈتۈشلەردە ۋە شەھەردىكى سارايلاردا ياتالمىغۇچە ھەرگىز رازى بولمايمىز. نىگېرلارنىڭ ئاساسىي پائالىيەت دائىرىسىدا ئاز سانلىق مىللەت توپلاشقان كىچىك نامرات رايوندىن چوڭ نامرات رايونغا كۆچمىگۈچە ھەرگىز رازى بولمايمىز.
مىسسىسىپىدا بىر نىگېر سايلامغا قاتنىشالمىسا، نيو - يوركتا بىرەر نىگېرنىڭ تاشلىغان بېلىتى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا بىز ھەرگىز رازى بولمايمىز.
ياق، ھازىر بىز زادى رازى ئەمەس. كەلگۈسىدىمۇ ئەگەر ئادالەت دولقۇنى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇرۇپ كەلمىگۈچە رازى بولمايمىز. مەن كۆپ دىققەت قىلدىم، بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقانلار ئارىسىدا ئازاب تارتىپ خورلانغانلار بار؛ تۈرمىنىڭ تار ئۆيلىرىدىن ئەمدىلا چىققانلارمۇ بار؛ ھەتتا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى ۋەجىدىن زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇرۇلۇپ مېيىپ بولغانلار، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن جەۋرى تارتقانلارمۇ بار. سىلەر ئۇزاق مۇددەت تېگىشلىك بولمىغان جاپاغا مۇپتىلا بولدۇڭلار. قەتئىي چىڭ تۇرۇڭلار، قەتئىي ئىشىنىڭلاركى، تېگىشلىك بولمىغان جاپانى تارتىش گۇناھتىن ساقىت بولغانلىقتۇر. بىز مىسسىسىپىغا قايتىپ بېرىشىمىز، ئالاباماغا بېرىشىمىز، جەنۇبىي كارولىغا بېرىشىمىز، جورجىيەگە بېرىشىمىز، لوئىس ئانناغا بېرىشىمىز، شىمالدىكى شەھەرلەرگە جايلاشقان نامراتلار رايونى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا بېرىشىمىز، كۆڭلىمىزدە سان بولۇشى لازىم، بۇنداق ئەھۋال جەزمەن ئۆزگەرتىلىدۇ. بىز ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەيلى. دوستلار، بۈگۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، شۇ تاپتا بىز گەرچە خورلىنىۋاتقان، ئازابلىنىۋاتقان بولساقمۇ مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار. بۇ ئارزۇيۇم ئامېرىكىنىڭ ئارزۇلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇ ئارزۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ دۆلەتنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، «بۇ ھەقىقەت بىزنىڭچە ئۆزلىكىدىن مەلۇم: ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن ئەقىدىمىزنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.
بىر كۈنى جورجىيەدىكى قىزىل تاغدا ئىلگىرىكى قۇلنىڭ ئوغلى قۇلدارنىڭ ئوغلى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئاكا - ئۇكىدەك دوستانە سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىسسىسىپى شتاتىدىن ئىبارەت بۇ ئادالەتسىز، زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان، چۆلكەبى جايمۇ ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ بوستانلىقىغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ تۆت ئوغلۇم تېرىسىنىڭ قانداق بولىشىغا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىلىدىغان دۆلەتتە خاتىرجەم ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
بۈگۈنمۇ مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئالاباما شتاتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى گەرچە بۇ شتات باشلىقى ھازىر مەنىسىز گەپ قىلىپ يۈرگەن، قوشما شتاتلار قانۇنىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يەردىكى نىگېرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۈگۈن مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار. كۈنلەرنىڭ بىرىدە جىلغىلار ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، تاغلارنىڭ پەسىيىشىنى، ئەگرى - توقاي يوللارنىڭ داغدام يوللارغا ئايلىنىشىشىنى، ئىنسانلار دۇنياسىغا پارلاق نۇر چېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز. بىز مۇشۇ ئېتىقاد بىلەن جەنۇبقا قايتىپ كەلدۇق. مۇشۇنداق ئېتىقادىمىز بولسا، بىز ئۈمىدسىزلىككە تولغان تىك ياردىن ئۈمىد ئابىدىسىنى تاپالايمىز. مۇشۇنداق ئېتىقادىمىز بولسا بۇ دۆلەتتىكى غاژ - غۇژ تاۋۇشلارنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل سىمگفونىيىگە ئايلاندۇرالايمىز.
مۇشۇنداق ئېتىقادىمىز بولسا، بىز بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە ئىبادەت قىلىپ، بىللە كۈرەش قىلىپ، بىللە تۈرمىدە ياتىمىز؛ ئەركىنلىكنى بىللە قوغدىيالايمىز. چۈنكى بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەركىنللىككە ئېرىشىمىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەركىنلىك يېتىپ كەلگەندە تەڭرىنىڭ بەندىلىرى يېڭى مەزمۇندىكى مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ: «ھۆرلۈككە تولغان گۈزەل ۋەتىنىم، مەن ناخشامدا كۈيلەيمەن سېنى، ئاتام سەندە كۆزىنى يۇمغان، سەن مۇساپىرنىڭ پەخرى - ھاياتى. شۇڭا تۇرار ئەركىنلىك ھەريان، لەرزان ئاۋازدا ياڭرىتىپ كۆكنى.»
ئەگەر ئامېرىكا ئۇلۇغ دۆلەتكە ئايلانسا بۇ ئارزۇيۇم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەركىنلىك ساداسى يېڭى ھامپىشىر شتاتىنىڭ ھەيۋەتلىك تاغلىرىدا ياڭرايدۇ. ئەركىنلىك ساداسى نيو - يورك شتاتىدىكى تاغ - داۋانلاردا ياڭرايدۇ. ئەركىنلىك ساداسى پېنسىلىۋانىيە شتاتىدىكى ئاللېگىن تاغلىرىدا ياڭرايدۇ!
ئەركىنلىك ساداسى كولورادو شتاتىدىكى ئۈستىنى قار - مۇز قاپلاپ تۇرىدىغان روككى تاغلىرىدا ياڭرايدۇ! كالفورنىيە شتاتىدىكى تاغلاردا ياڭرايدۇ. شۇنىڭدەك ئەركىنلىك ساداسى جورجىيە شتاتىدىكى تاغ چوققىسىد ياڭرايدۇ! ئەركىنلىك ساداسى تېننىسېسى شتاتىدىكى بوۋان تېغىدا ياڭرايدۇ.
ئەركىنلىك ساداسى مىسسىسىپىنىڭ ھەربىر چوقۇرلىرىدا ياڭرايدۇ! ئەركىنلىك ساداسى بارلىق تاغ قاپتاللىرىدا ياڭرايدۇ. ئەركىنلىك ساداسى بارلىق چوڭ - كىچىك كەنتلەردە، شتاتلاردا ۋە بارلىق شەھەرلەردە ياڭرىغاندا بىز شۇندق كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تېزلىتىمىز. ئۇ چاغدا تەڭرىنىڭ بارلىق بەندىلىرى نىگېرلار ۋە ئاق تەنلىكلەر، يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە غەيرى يەھۇدىي دىنىدىكىلەر، ئەيسانىڭ مۇرىتلىرى ۋە كاتولىك دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ، ئەڭ قەدىمكى نىگېرلار ناخشىسىنى خور قىلىپ ئوقۇيدۇ: «ئەركىنلىككە ئېرىشتۇق. ئېرىشتۇق بىز ئېرىشتۇق. تەڭرىمىزگە ھەشقاللا، ئەركىنلىككە ئېرىشتۇق!»