ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى

ئورنى Wikipedia

« ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى »ناملىق كارتون فىلىم «ئائىلە» ،«خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» نى تىما قىلغان بۇلۇپ ،1976-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپۇنيىدە قۇيۇلغان ،جەمئىي 58 قىسىم ،ھەر بىر قىسىمى 25 مىنۇت .بۇ كارتون قىلىمدە كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنى ئىزدەش سەپىرى،ھەمدە ئۇنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش، چېنىقىش جەريانى بايان قىلىنغان .

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى

باش رولچى :ماركو


قىسىم سانى :58

قويۇلغان ۋاقتى :1976-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

فىلىم ۋەقەلىكى[تەھرىرلەش]

ماركوئىتالىيەنىڭ گۈزەل دېڭىز ساھىلى شەھىرى  رېنلادا،13 ياشلىق ئۆسمۈر ماركو نامرات ئائىلىدە چوڭ بۇلىدۇ ،ئائىلىنىڭ تۇرمىشىنى قامداش ئۈچۈن ماركونىڭ ئاپىسى ئۆزى يالغۇز يۇرتىدىن ئايرىلىپ جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىگە ئىشلىگىلى كىتىدۇ ، سەبىي  ماركو بىلەن ئۇنىڭ دادىسى بىلەن  بىرلىكتە ھايات كەچۈرىدۇ .ئانىسى كەتكەندىن كىيىن،ماركو ھەر ۋاقىت ئانىسىنى ئەسلەيدۇ ،ھەر كۈنى يېنىدىكى كىچىك مايمۇنغا ئامىدىيو بىلەن كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىنى ئېيقاندىن باشقا،ئىش ئۇقىدىغان ماركو دادىسىغا ياردەملىشىپ پۇل تاپىدۇ .

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىدىن بىر يىل ئۈتۈپ كىتىدۇ،بىر يىل جەريانىدا ماركونىڭ ئەڭ خوشال ۋاقتى ،ئۇنىڭ ھەر ئايدا كىلىدىغان ئانىسىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋالغان ۋاقتى بۇلۇپ ،بىراق كىيىن ئىككى ئاي ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ ئانىسىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋالمايدۇ ،ماركو يەنە بىر قېتىم ئانىسىنىڭ خېتى كەممىەنلىكىنى بىلىپ ،ئانىسىغا چۇقۇم بىرەر ئىش بولدى دەپ ئويلايدۇ ھەمدە ئانىسىنى ئىزدەش قارارىغا كىلىدۇ .گەرچە دادىسىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ،ئۇ يەنىلا ئوغۇرلۇقچە  پاراخوتقا چىقىپ ئانىسىنى ئىزدىگىلى كىتىپ قالىدۇ .

پاراخوتتا ،ماركو  بىر ئاق كۈڭۈل بوۋاي بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ . ماركو ئانىسى كەتكەن يەرگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن ئانىسىنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇن باشقا باشقا يەرگە كۈچۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ .ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بۇلىدۇ دەپ ئويلىغان ماركو ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بۇلىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدىكى ئازغىنە پۇلنى ئوغرى ئېلۋالغان بۇلۇپ، يېنىدا ئازراقمۇ پۇل يوق ،ئۇ مىڭ بىر جاپادا يەنە بىر يەرگە بېرىپ ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالىدۇ،ئەپسۇنارلىقى شۇكى ئانىسى بىر ئاي بۇرۇن يەنە باشقا يەرگە كۈچۈپ كەتكەن بۇلۇپ،ئۇ يەنە جاپادا ئانىسىنى ئىزدەيدۇ،ئاخىر ئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئانىسىنى تاپىدۇ .

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • فىلىم ۋەقەلىكى
  • فىلىم خەۋەرلىرى
  • فىلىم ئىشلەش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

فىلىم خەۋەرلىرى[تەھرىرلەش]

« ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى »ناملىق كارتون فىلىم «ئائىلە» ،«خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» نى تىما قىلغان بۇلۇپ ،1976-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپۇنيىدە قۇيۇلغان ،جەمئىي 58 قىسىم ،ھەر بىر قىسىمى 25 مىنۇت .بۇ كارتون قىلىمدە كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنى ئىزدەش سەپىرى،ھەمدە ئۇنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش، چېنىقىش جەريانى بايان قىلىنغان .

فىلىم ئىشلەش[تەھرىرلەش]

« ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى »ناملىق كارتون فىلىم «ئائىلە» ،«خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش» نى تىما قىلغان بۇلۇپ ،ئىشلەپ چىقارغان دۆلەت بولسا ياپۇنىيە .

مەنبە:ئىزدە قامۇسى