مارمارا دېڭىزى

ئورنى Wikipedia

مارمارا دېڭىزى (تۈركچە: Marmara Denizi) قارا دېڭىزنى، ئېگىي دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىزغا باغلايدۇرغان بىر ئىچكى دېڭىزدۇر. قارا دېڭىزغا ئىستانبۇل بوغۇزى، ئېگىي دېڭىزىغا چاناققەلئە بوغۇزى بىلەن باغلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىسىملىرىنى ھەم بىر بىرىدىن ئايرىيدۇ. مارمارا ئارىلىدا مول مىقداردا مەرمەر بولغانلىقى يۈزىدىن ئارالغا ۋە دېڭىزغا، يۇنانچە مەرمەر مەنىسىدىكى "مارماروس" دېيىلگەن. بۇ دېڭىزنىڭ باشقا بىر قەدىمى ئىسىمى بولسا "پروپونتىس" دۇر. تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بولمىش ئىستانبۇل ۋە ئىزمىت بۇ دېڭىز بويىدا، باشقا بىر چوڭ شەھەر بولغان بۇرسا بولسا سۈرئەت بىلەن بۇ دېڭىز بويىغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.

جۇغراڧىيە[تەھرىرلەش]

240 كلومېترغا ياقىن ئۇزۇنلۇق ۋە 70 كىلومېتر كەڭلىككە، 11500 كلومېتر2 يۈز ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى -1270 مېتر بولغان مارمارا دېڭىزىدا، كۆرۈلگەن ئېقىن تىپى، نورمال دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ھالقىسىمان تىپ ئورنىغا، شەرق-غەرب يۆنلىشىدىكى بىر ئېقىندۇر. دېڭىزنىڭ يۈزى قارادېڭىزدىن، تېگى بولسا ئېگىي-ئاق دېڭىزدىن كەلگەن تۇز، ئىسسىقلىق ۋە ئوكسىگىن ئورانى نوقتىسىدىن ئوخشىمىغان سۇ پارچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

مارمارادىكى قولتۇقلار[تەھرىرلەش]

  • ئىزمىت قولتۇقى
  • گەملىك قولتۇقى
  • باندىرما قولتۇقى
  • ئەردەك قولتۇقى

مارمارادىكى ئاراللار[تەھرىرلەش]

مارمارا دېڭىزىدىكى ئاراللار؛

  • ئىمرالى ئاراللارى
  • مارمارا ئاراللارى
  • شاھزادە ئاراللارى دەپ گۇرۇپلىنىدۇ.

يۈز ئۆلچىمىگە كۆرە ئەڭ چوڭ ئۈچ ئارال:

  • مارمارا ئارىلى
  • پاشالىمانى ئارىلى
  • ئاۋشا ئارىلى

مارمارا تۆكىلىدىغان ئاقارسۇلار[تەھرىرلەش]

مارمارا دېڭىزىغا تۆكىلىدىغان ئاساسلىق ئاقارسۇلار قۇيدېكىدەك:

ئاناتولىيە

  • سۇسۇرلۇق ئۆزىنى، مۇھىم سۇلاردىن بىرى.
  • بىگا ئېقىنى
  • گۆنەن ئېقىنى

تراكيا

بايرامپاشا ئۆزىنى، تارىخى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاقارسۇيى.

ئويمانلىقلار[تەھرىرلەش]

مارمارا دېڭىزىنىڭ شىمالىدا يەر ئالغان بۇ ئويمانلىقلار شەرقتىن غەربكە قاراپ شۇلاردۇر:

  • چىنارجىك ئويمانلىقى
  • مارمارا ئەرەگلىسى ئويمانلىقى
  • تېكىرداغ ئويمانلىقى

گىئولوگىيە[تەھرىرلەش]

تارىخ[تەھرىرلەش]

ئەگەمەنلىك[تەھرىرلەش]

يەرلىشىش[تەھرىرلەش]

ئىقتىساد[تەھرىرلەش]

تەھىدىدلەر[تەھرىرلەش]

قازالار[تەھرىرلەش]

قاتناش[تەھرىرلەش]

تۈرلەر[تەھرىرلەش]

مەنبە[تەھرىرلەش]