مارىيە كيۇرى
مارىيە كيۇرىنىڭ ئەسلىي فامىلىسى سكلودوۋىسكايا بولۇپ، پولشادا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتۇن مېدال بىلەن پۈتكۈزگەن. ئەينى چاغلاردا پولشا چاررۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاچقا، ئاياللار كەمسىتىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيالمايتتى. ئۇ ئىككىنچى ئاچىسى بىلەن فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇشقا كېلىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئۆزى ئاۋۋال بەش يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئىككىنچى ئاچىسىنىڭ پارىژدا مېدىتسىنا ئۆگىنىشىنى خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن .
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇرچە ئىسمى :مارىيە كيۇرى
دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە
يۇرتى :پولشا
تۇغۇلغان ۋاقتى :1867-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى :1934-يىلى
يۇلتۇز تۈركۈمى :ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى
كەسپى :فىزىك، خىمىك، ئالىم، پەيلاسوپ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى :پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى (ماگىستىر، دوكتۇر)
ئېرى :پىيېرى كيۇرى
ئاساسلىق نەتىجىسى :نوبېل مۇكاپاتىغا ئىككى قېتىم ئېرىشكەن
شەخىسلەر ئانكىتى
[تەھرىرلەش]پىيېرى كيۇرى ۋە مارىيە كيۇرىرادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالاش راك كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى، ئۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى نۇرغۇن راك كېسىلى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇۋالدى، بۇ خىل رادىئوئاكتىپ نۇرنى رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلار، مەسىلەن: پولونىي، رادىي قاتارلىقلار چىقىرىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى فرانسىيەلىك ئالىم كيۇرى خانىم (1867-1934) بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى بايقىغان. ئەپسۇسكى، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئالىمنىڭ جېنىغا رادىي زامىن بولغان.
مارىيە كيۇرىنىڭ ئەسلىي فامىلىسى سكلودوۋىسكايا بولۇپ، پولشادا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتۇن مېدال بىلەن پۈتكۈزگەن. ئەينى چاغلاردا پولشا چاررۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاچقا، ئاياللار كەمسىتىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيالمايتتى. ئۇ ئىككىنچى ئاچىسى بىلەن فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇشقا كېلىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئۆزى ئاۋۋال بەش يىل ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئىككىنچى ئاچىسىنىڭ پارىژدا مېدىتسىنا ئۆگىنىشىنى خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن، ئىككىنچى ئاچىسى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ پارىژدا دوختۇر بولغاندىن كېيىن، مارىيە 1891-يىلى ئاندىن فرانسىيىگە بېرىپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن، ئىككى يىل ئىچىدە فىزىكا ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى بويىچە ئۇدا ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ فرانسىيەلىك ئالىم پېررى كيۇرى بىلەن تونۇشۇپ، 1894-يىلى توي قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەر-خوتۇن بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن.
مۇندەرىجە
[تەھرىرلەش]- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- شەخىسلەر ئانكىتى
- نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىش
- نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىش
[تەھرىرلەش]پىيېرى كيۇرى، مارىيە كيۇرى1895-يىلى گېرمانىيەلىك فىزىك رېنتگېن X نۇرنى بايقىغان. 1896-يىلى فرانسىيەلىك ئالىم بېككېرىل تەركىبىدە ئۇران بار ماددىلارنىڭ رادىئوئاكتىپ نۇر چىقىرىش ھادىسىسىنى بايقىغان، كيۇرى ئەر-خوتۇن بۇنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغان، ئۇلار ئۇران نۇرىنى پەن تەتقىقات تۈرى قىلىپ، ئۇران سمولىسى (ناستوران) دىكى كۈچلۈك رادىئوئاكتىپلىقى بولغان يېڭى ئېلېمېنت ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇلار دەسلەپتە بايقىغان يېڭى رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتقا، كيۇرى خانىم ئۆزىنىڭ ۋەتىنى پولشانى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پولونىي دەپ نام بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە رادىئوئاكتىپلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان رادىينى بايقىغان. ئۇلار رادىينىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇنى ئايرىپ چىقىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. ئۇلار تەركىبىدە رادىي بولغان ئۇران رۇدىسىنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە، ئەرزان باھالىق ئۇران سىمولىسنىڭ داشقىلىدىن پايدىلىنىپ، شامال ۋە يامغۇردىن دالدا بولمايدىغان زاۋۇت لاپىسىنى تەجرىبىخانا قىلغان. ئۇلار تومۇز ئىسسىق ۋە زىمىستان سوغۇققا قارىماي، ئىنتايىن ئاددىي قوراللاردىن پايدىلىنىپ، دىماغنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق ئىچىدە 54 ئاي جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نەچچە 10 توننا ئۇران سمولسى داشقىلىدىن 12.0 گرام رادىي خلورىدنى ئايرىپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى225، رادىئوئاكتىپلىقىنىڭ ئۇراندىن 2 مىليون ھەسسىدىن ئارتۇق كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان. 1903-يىلى كيۇرى خانىم دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىسى تەتقىقاتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، كيۇرى ئەر-خوتۇن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلار، بولۇپمۇ رادىينىڭ بايقىلىشى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلىم-پەن دۇنياسىدا يېڭى زېمىن ئېچىلغان، رادىئولوگىيە ۋە زەررىچە فىزىكىسى بارلىققا كېلىپ، فىزىكا ماكرو دۇنيادىن مىكرو دۇنياغا كىرىپ، ئارقىدىنلا ئىلىم-پەندىكى بىر قاتار يېڭى بايقاشلار بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئالىم رۇزېرفورد ماددىلارنى رادىيدىن چىققان α زەررىچىنى «بومبا» قىلىپ بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق، ئاتوم تۈزۈلۈشىنىڭ مۇرەككەپلىكى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلىدى. كىشىلەردىكى ئەنئەنىۋى قاراش تۈگەپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئاتوم پارچىلىنىدۇ، ماددا ئۆزگىرىدۇ دېگەن ئىلمىي قاراش ئالدى.
نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش
[تەھرىرلەش]1911يىلىدىكى نوبىل مۇكاپاتى گۇۋاھنامىسىكيۇرى خانىم غايەت زور مۇكاپات سوممىسىنى ئىلمىي تەجرىبىگە، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكەن. ئۇ رادىينى ئايرىش ئۇسۇلىنى قىلچە ئايىماي ئاشكارىلىغان ۋە زور بايلىق ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلمىغان، ئۇ: «رادىي بىرەر ئادەمنى بېيىتماسلىقى، كۆپچىلىككە مەنسۇپ بولۇشى لازىم» دېگەن. 1906-يىلى پىئېر كيۇرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان بولسىمۇ، كيۇرى خانىم خىزمىتىنى زور ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ داۋاملاشتۇرغان. 1910-يىلى يەنە مېتال ھالىتىدىكى ساپ رادىينى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك خىمىيىۋى، فىزىكىۋى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئۇ يەنە رادون ۋە باشقا نۇرغۇن ئېلېمېنتلارنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، مۇشۇ ئاساستا رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ يىمىرىلىش مۇناسىۋىتىنى رەتلەپ چىققان. كيۇرى خانىم پولونىي، رادىينى بايقىغانلىقى ۋە ساپ رادىينى ئايرىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، 1911-يىلى يەنە نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دۇنيا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئىككى قېتىم ئېرىشكەن تۇنجى ئادەم بولۇپ قالغان. كيۇرى خانىم رادىئاكتىپلىق خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغاچقا، بەختكە قارشى يامان سۈپەتلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 1934-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.