ماشنىلىق ئۆگىنىش
ماشىنىلىق ئۇگنىش بولسا ئالگورىزىم ۋە سىتاستىكىلىق مودىلىللارنىڭ كومپىيوتۇر پىروگىراممىسى ئارقىلىق، بىزنىڭ يوليورقىمىزسىز ، يەنى خۇلاسىلەش، نۇسخا تونۇشلارغا تايىنىپ، مەلۇم بىر سىناقنى تاماملاشنى كۆرسىتىدۇ ، ماشىنىلىق ئۆگنىش سۈنئى ئەقىلنىڭ تارماق پىنى ھىسابلىنىدۇ. ماشىنىلىق ئۇگنىش ئالگورىزىمى بولسا بار بولغان سانلىق ئۇچۇرلار ئاساسىدىكى ماتىماتكىلىق مودىللارنىڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەنى كەلگۇسنى قىياس قىلشى ھىسابلىنىدۇ . ماشىنىلىق ئۇگنىش ئالگورىزىمى نۇرغۇنلىغان ئەپلەردە ، يۇمشاق دېتاللاردا ئىشلىتىلدىغان بولۇپ مەسلەن، چىراي ۋە ئاۋاز تونۇش ، يېزىق تونۇش ، ئېخەت سۈزگۇچ ، بىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكنى تونۇش ، سەھىيە ۋە داۋالىنىش ، ماشىنا ئادەم ، ئىلىكتورۇنلۇق ئويۇن قاتارلىقلار.
مىسال
[تەھرىرلەش]ماشىنىلىق ئۇگنىش سىتاستىكىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ كومپىيوتىر ئارقىلىق قىياس قىلىش ، كەلگۈسنى پەرەز قىلدىغان پەن ھىسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ماتېماتكا ۋە سىتاستىكا قاتارلىق پەنلەر ناھايىتى مۇھىم ئاساس ھىسابلىنىدۇ .
مىسال 1 : بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان سانلىق ئۇچۇرلانى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بىر خۇلاسىگە ئېرشىمىز ، ھەمدە مۇشۇ سانلىق ئۇچۇرلار ئارقىلق ماتىماتكىلىق مودىل تۇرغۇزمىز ، يېڭى سانلىق ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ماتىماتكىلىق مودىل ئارقىلىق قىياس قىلمىز . مانا بۇ ماشىنىلىق ئۆگنىش ھىسابلىنىدۇ .
مىسال 2: بىز ھايۋانلانىڭ رەسمىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلق توخۇنىڭ ئىككى پۇتى بارلىقنى ، مۆشۈكنىڭ تۆت پۇتى بارلىقنى كۇزتىمىز، نەتىجىدە بىر خۇلاسىگە ئىرشىمىز ، ھەمدە ئېرشكەن خۇلاسە ئاساسىدا ماتىماتكىلىق مودىل تۇرغۇزۇپ يېڭى بىر ھايۋاننىڭ مۆشۈك ياكى توخۇ ئىكەنلىكنى قىياس قىلىمىز ، بەلكىم سىز ئىتنىڭمۇ تۆت پۇتى بار تۇرسا دىيشىڭىز مومكىن ، ناھايىتى توغرا ، دىمەككى بىز يەنىمۇ ئىنچىكە سانلىق ئۇچۇرلارغا مۇھتاج دىگەن گەپ
تۈرى ۋە مەزمۇنىلىرى
[تەھرىرلەش]ماشىنىلىق ئۆگىنىش چوڭ جەھەتتىن كۆزەتكۈچلىك ئۆگىنىش ، كۆزەتكۈچسىز ئۆگىنىش ۋە يېرىم كۆزەتكۈچلىك ئۆگىنىش ، مەجبۇرىي ئۆگىنىش قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
ماشىنىلىق ئۆگنىش ئالگورىزىمنىڭ تۈرلىرى :
ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئالگورىزىمنىڭ تۇرلىرى چوڭ جەھەتتىن تۆت بولۇپ تۈرلەش ، تۈپلەش ، ئايرىش ، ئۆلچەم كېمەيتىش قاتارلىقلار ، بۇ تۆت چوڭ ئالگورىزىم ئىچدىن بەك كۆپ كىچىك تارماقلارغا ئايرىلىدۇ
سىلۇشتۇرما سۆزلۇكلەر
| |
机器学习 |
ماشىنىلىق ئۆگىنىش |
算法 |
ئالگورىزىم |
推理 |
خۇلاسىلەش |
统计学 |
سىتاستىكا |
监督学习 |
كۈزەتكۈچلىك ئۆگىنىش |
非监督学习 |
كۈزەتكۈچىسىز ئۆگىنىش |
半监督学习 |
يېرىم كۈزەتكۈچىلىك ئۆگىنىش |
强化学习 |
مەجبۇرى ئۆگىنىش |
分类 |
تۇرلەش |
聚类 |
تۇپلەش |
回归 |
ئايرىش |
降维 |
ئۆلچەم كېمەيتىش |
تارىخى
[تەھرىرلەش]ماشىنىلىق ئۆگىنىش سۈنئى ئەقىلنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ھازىر ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىش باسقۇچغا كىرىپ بولدى . ئەڭ دەسلەپكى ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئالگورىزىمى ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، يۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى كومپىيوتېرنىڭ بارلىققا كىلشى نۇرغۇن كىشلەرگە ئىلھام ئېلىپ كەلگەن. خەب (Donald Olding Hebb ) ، ئالەن تۇرىڭ (Alan Turing ) قاتارلىق كىشلەر ئۆزىنىڭ يېڭچە پىكرىلىنى ئوتتورغا قويوشقا باشلىغان. گەرچە ماشىنىلىق ئۆگىنىشنىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ ، كومپىيوتۇر ھىسابلاش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى ، سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلى ماشىنىلىق ئۆگىنىش كىشلەرنىڭ دىققەت ئېتبارىنى ئانچە قوزغىيالمىغان .
1950- يىلى ئالەن تۇرىڭ مەشھۇر تۇرىڭ سىنقىنى ئېلىپ بىرىپ ، كومپىيوتۇردا زادى ئەقىل بولامدۇ يوق شۇنى سىناق قىلغان .
1952- يىلى ئاردىر سەمىيىل تۇنجى كومپىيوتېر پىروگوراممىسنى يازغان بولۇپ ، بۇ پىروگىرامما دۆلەتلار ئارا شاھمات مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى .
1957- يىلى فىرەن روسىنبىلەت تۇنجى كومپىيوتېر نىرۋا سىستىمىسنى كەشىپ قىلغان بولۇپ ، ئادەم مىڭسىنىڭ ھەركەت ھالىتىگە تەقىلىد قىلغان .
1979- يىلى سىتەنفورد ئۇنۋىرسىتى سىتەنفورد ماشىنىسنى كەشىپ قىلىدى ، بۇ ماشىنا ئەتراپتىكى توسالغۇلارنى سىزەلەيتتى .
1990- يىلى ماشىنىلىق ئۆگىنىش زور سانلىق ئۇچۇرلانى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىغان .
1997- سۈنئى ئەقىل تۇنجى دۇنياۋى شاھمات چىمپىيونىنى مەغلۇپ قىلغان .
2006- يىلى جەففىرى خىنتون چۇڭقۇرلاپ ئۆگىنىش نەزىريەسىنى ئوتتورغا قويغان بولۇپ ، بۇ نەزىريە بىلەن رەسىم ۋە كىنولاردىكى سانلارنى ۋە يېزىقلارنى پەرقلەندۇرگىلى بولاتتى .
2016- يىلى ئالفاگو دۇنياۋى قورشاۋ شاھمات ماھىرلىرنى يېڭىپ ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە رەقىپ بولالمايدىغانلىقنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى .
مانا مۇشنىڭدىن باشلاپ ئىلۇن ماسىك ، سىتىفىن خاۋكىڭ قاتارلىقلار سۇنئى ئەقىلنىڭ ئىنسانلارنى ھالاكەتكە ئىلىپ باردىغانلىقنى ئاگاھلاندۇردى ، يەنى بەزى كىشلەر سۈنئي ئەقىلنىڭ ئادەم مېڭسىگە ئوخشاش تەپەككۇر قىلالمايدىغانلىقنى ،سۇنئى ئەقىل بىلەن ئادەم مىڭسىنى سىلۇشتۇرۇش مومكىن بولمايدىغانلىقنى ، ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقنى ئوتتورغا قويدى .
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ماشىنىلىق ئۆگىنىش مۇستەقىل بىر پەن بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ ، ھازىرغىچە قىرىق يىلچە ۋاقىت بولدى. كىيىنكى قىرىق يىل ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغان بولۇپ ، بولۇپمۇ مۇشۇ يېقىنقى ئون يىل ئىچدە يۇقىرى پەللىگە چىقتى دىيىشكە بولىدۇ.
يېڭى ئەسىرنىڭ كىرشى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆزەكلەرنىڭ ئىجاد قىلنىشى كومپىيۇتېرنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سانلىق ئۇچۇرلارنىڭمۇ ھەسسىلەپ ئېششىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى . كىشلەر بارغانسىرى زور سانلىق ئۇچۇرلارنى يېڭچە تەپەككۇر بىلەن بىر تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۆرىيتىنى ھىس قىلىپ يەتتى.
ئىلاۋە : سانلىق ئۇچۇر ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، بۇندىن كىيىنكى دەۋىردە بايلىق ھەرگىزمۇ پۇل بىلەن ، نىفىت بىلەن ، قىزىلما بايلىقلار بىلەن ئۆلچەنمەستىن ، سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن ئۆلچىندىغان دەۋىر يىتىپ كەلدى . دېمەك سانلىق ئۇچۇر ناھايىتى مۇھىم دىگەن گەپ ، بۇنچە مۇھىم بولغان سانلىق ئۇچۇرلانى بىر تەرەپ قىلىش ، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلنىش دەل ماشىنىلىق ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بولدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى خىتتاينىڭ ياسىمىچىلىق 2025 پىلانى، بەش جى تورى قاتارلىقلار ، گىرمانىيەنىڭ سانائەت تۆت پىلانى ، ياپۇنىيەنىڭ جەميەت بەش پىلانى قاتارلىقلاردۇر .
مەنبە
[تەھرىرلەش]- ئالىپ تورى
- تور دۇنياسى