ماشىنا ئەسكەرلەر

ئورنى Wikipedia

ئۇلار قاراۋۇللۇق قىلالايدۇ، چارلاش ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلالايدۇ؛ «ساپيور ئەسكەر» لەرنىڭ ئورنىدا مىنا كۆمۈش، مىنا تازىلاش قاتارلىق خەتەرلىك مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

دۇنيادا ھازىر تۈرلۈك شەكىلدىكى «ماشىنا ئەسكەر» لەر تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىۋاتىدۇ، ئۇلار قاراۋۇللۇق قىلالايدۇ، چارلاش ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلالايدۇ؛ «ساپيور ئەسكەر» لەرنىڭ ئورنىدا مىنا كۆمۈش، مىنا تازىلاش قاتارلىق خەتەرلىك مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ؛ «رازۋېدكىچى ئەسكەر» بولۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپىگە بېرىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ھەم خەتەرلىك رازۋېدكا ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، «سۇ ئاستى ئەسكەرلىرى» نىڭ ئورنىدا دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئورنىنى بەلگىلىيەلەيدۇ، تورپېدانى ئاپتوماتىك قويۇپ بېرىپ، نىشاننى گۇمران قىلالايدۇ.

ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

جەڭ مەيدانلىرىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغاچقا، قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن جايلاردا ئاپتوموبىللار يۈرەلمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەر يەنە ھەر خىل شەكىلدىكى «ماڭالايدىغان ماشىنا» نى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ، ئۇلار جەڭ مەيدانلىرىدا توسالغۇسىز مېڭىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
  • ئالاھىدىلىكى
  • تۈرلىرى ۋە رولى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

تۈرلىرى ۋە رولى[تەھرىرلەش]

ماشىنا ئادەم ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدۇ، خېيىمخەتەردىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئادەمنىڭ «قوماندانلىقى» غا مۇتلەق بويسۇنىدۇ، ئۇلار كەلگۈسى جەڭ مەيدانلىرىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك «جەڭچى» . ھازىر ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ھەربىي ماشىنا ئادەملەردىن ئاپتوموبىللارنى قۇتقۇزغۇچى، قوغدىغۇچى ماشىنا ئادەم، مىنا ئورۇنلاشتۇرغۇچى ماشىنا ئادەم، مىنا تازىلىغۇچى ماشىنا ئادەم، «پىيادە ئەسكەرلەر ئاۋانگارتى» ماشىنا ئادىمى، مەھەللىلەرنى رازۋېدكا قىلغۇچى ماشىنا ئادەم، تاكتىكىلىق رازۋېدكا ماشىنا ئادىمى ۋە تۈتۈن قويۇپ بەرگۈچى ماشىنا ئادەم قاتارلىقلار بار. ھەربىي ماشىنا ئادەملەرنىڭ جابدۇندۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىلىشى كەلگۈسىدىكى جەڭگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.