مالكولم X

ئورنى Wikipedia

X مالكولم

X مالكولم باشقا ئىسمى مالكولم كىچىك ( Malcolm Little) ياكى ھاجى مالك ئەل شانباز. 1925-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ۋاپات بولغان. داڭلىق سىياسەتچى، قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغان كىشلەردىن بىرى. باشلانغۇچ مەكتەپنى بىر قاراتەنلىكلەر مەھەللىسىدە ئوقۇيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتقا بارالماي كىچىك ياشتا ئىشلەشكە باشلايدۇ. لېكىن كىيىن ئۇنىۋېرسىتېتنى كوچىلاردا يۇرۇپ ئوقۇيدۇ. قارا تەنلىك بولغاچقا ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن تۈرمىگە كىرىدۇ. ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقنى تۈرمىدە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. دوكتۇرلۇق دىسىرتاسىيەسىنى تۈرمىدە ناھايىتى قىيىن شارائىتتا تەييارلايدۇ. ئۇ بۇ جەرياننى ھايات ۋاقتىدا ئۇزۇن ئۇزۇن ئاڭلاتقان. شۇڭلاشقا مالكولم ‹‹ئەگەر بىر ئىنسان پىكىر قىلىشنى ئويلىسا ئۇنىۋېرتىتتىن كىيىن نەگە كېتىشنى سورىسا مەن تۈرمىنى كۆرسىتىمەن›› دېگەن. ئۇ تۈرمىنىڭ كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ. يەتتە يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۇنى باشقىچە بىر ئىنسان قىلىپ يارىتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى يەنى ئافرىقىدىن ئېلىپ كېلىنگەندىن كىيىن قۇل بولغانلىغى، باشقىلار قۇيۇپ قويغان ئىسىمنى قوللانغانلىقى ئۇچۇن مالكولم ئۆزىنىڭ مەۋجۇت تېگىئېتىنى قوللىماستىن بەلكى نامەلۇم دېگەن مەنە ئىپادىلەيدىغان X ھەرپىنى ئۆزىگە تېگىئات قىلىپ قوللانغان. كىيىن مەككىگە ھەجگە بارغان ۋاقىتتا سېرىق، قارا، ئاق تەنلىك ئىنسانلار بىلەن بىرگە ناماز قىلىدۇ. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل كىيىنگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە تاماق يەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئىرق، تىل، مىللەت ئايرىماستىن ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر، قېرىنداشلىق ئىچىندە ياشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇرۇنقى كۆرەش سەپىرىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ياردىمىنى رەت قىلغانلىقى، ئاق تەنلىكلەرگە پۇتۇنلەت ئۆچمەنلىك بىلەن قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ياردەم قۇلىنى سۇنغان ئاق تەنلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كۈرەشنىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئاق تەنلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئەمەس بەلكى ئاق تەنلىك كىشلەر دەك ئەركىن ياشاشقا ئىرشىشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.

1952-يىلى X مالكولم ئىسمى بىلەن قارا تەنلىك مۇسۇلمانلار ھەرىكىتىگە قېتىلدى. كىيىن بۇ تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىپ ئافرىقا-ئامېرىكا بىرلىكىنى قۇردى. 1964-يىلى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرققە زىيارەتكە چىقتى. مەككىدە ھەج پائالىيىتىدە بولدى. قايتىپ كېلىپ بىر يىلدىن كىيىن سۈيقەستكە ئۇچرىدى.