مانى دىنى

ئورنى Wikipedia

بۇ دىن مىلادى Ⅲ ئەسىردە پىرسىيە يەنى بۈگۈنكى ئىراندا مانى ئاتلىق ئادەم تەرىپىدىن يارىتىلغان بولغاچقا شۇ نامدا ئاتالغان. مانى دىنى Ⅳ ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقىلىش بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، خانلىق يىمىرىلگەنگە قەدەر دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگلەندىن كېيىن تا Ⅹ ئەسىرگىچە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىلى تەۋەسىدە بۇددا دىنى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. مانى دىنى [[<ياخشىلىق - يامانلىق]]>، <يورۇقلۇق - قاراڭغۇلۇق>، <دوزاخ - جەننەت> تىن ئىبارەت ئالەم قارىشىنى دالالەت قىلىدۇ، بۇ دىن بولۇپمۇ <يورۇقلۇق> قا چوقۇنۇش - ئېتىقاد قىلىشنى تەرغىپ بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن <يورۇقلۇق دىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.