مايسا بايرىمى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت. دېھقانچىلىق ئىلگىلىكىنىڭ پەسىل خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۇزان ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن يىل پەسىللىرىدىكى تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرىگە ئاساسەن ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىگە زور ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن، ئۆزلىرىنىڭ مول ھوسۇلغا بولغان ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى تەبىئەتكە باغلاپ ئۇنىڭغا سېغىنغان، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ۋە سېغىنىش ئاساسىدا، باھار بېشى، ياز بېشى، كۈز بېشى قاتارلىق پەسىل - مەۋسۇملارنى خاتىرىلەيدىغان خىلمۇ خىل بايرام - مۇراسىملارنى ئىجاد قىلغان. ئەنە شۇنداق مۇراسىملارنىڭ بىرى - مايسا بايرىمىدۇر. مايسا بايرىمى مەزمۇن خاراكتېرى جەھەتتىن <كۆك مەشرىپى> گە ئوخشىسىمۇ، شەكىل جەھەتتىن بەلگىلىك پەرقلەرگە ئىگە. بۇ بايرام ئاساسەن ئەتىيازىق تېرىلغۇ باشىلىنىشتىن ئاۋۋال نىشانلىنىپ باھار خۇشاللىقى تەنتەنە قىلىنىدۇ. بۇ بايرامدا بىر قانچە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى، كۆجە ئېشى تەييارلاش، كۆجە ئېشى ئۈچۈن مەھەللىلەر بويىچە ھەر قايسى ئائىلىلەردىن بىر تاۋاقتىن ئۇرۇقلۇق بۇغداي يىغىۋېلىنىدۇ. يىغىلغان بويىچە بۇغداينى داشقازانغا سېلىپ ئۇزاق قاينىتىپ پىشۇرىدۇ. كۆجە ئېشىنى ئاساسەن ئاياللار تەييارلىغاچقا، ئۇلار داش قازان ئەتراپىغا يىغىلىپ ئاش پىشقىچە ھېكايە - چۆچەك، لەتىپە ۋە تېپىشماق ئېيتىشىدۇ. ئۆز ئارا كۈلكە - چاقچاق قىلىشىدۇ. كۆجە ئېشى تەييار بولغاندىن كېيىن مەھەللىدىكى چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال يىغىلىپ ئاشقا ئېغىز تېگىدۇ ۋە دۇئا - تەگبىر قىلىدۇ. ئۇرۇقلۇق بۇغدايدىن كۆجە ئېشى تەييارلاش <ھوسۇلىمىز مول بولسۇن> دېگەن ئارزۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. مايسا بايرىمىدىكى يەنە بىر پائالىىەت: توڭ ئېرىپ، كۆكتاتلار ياشىرىشقا باشلىغاندا، بالىلار ئېرىق بويلىرى ۋە كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىرىنى ئارىلاپ، قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، تۇپراقنى يېرىپ چىقىشقا باشلىغان كۆكاتلارنى تېرىۋېلىپ، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ. بۇ <يېڭىلىق> بەدىلىگە ئاتا - ئانىلار بالىلارنى ھەر خىل مۇكاپاتلار بىلەن خۇشال قىلىدۇ. بەزى جايلاردا مايسا بايرىمى مەزگىلىدە مۇئەللىملەر مەكتەپ بالىلىرىنى تەشكىللەپ، چوكانتاللار قويۇق ئۆسكەن مەنزىرىلىك جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ. بالىلار تولۇپ - تاشقان خۇشاللىق بىلەن يېڭى ئويغانغان باھارنى تەبرىكلەپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. باھارنى مەدھىيىلەيدىغان شېئىر - قوشاقلارنى يازىدۇ. بەزىلىرى مەجنۇنتالنىڭ بىخلانغان چىۋىقلىرىنى <ئات> قىلىپ مىنىپ ئوينىشىدۇ، يەنە بەزىلىرى تال نوتىلىرىدىن <پى - پى>، <ئىسقىرت> ياساپ <ئېغىز گارمۇنى> ئورنىدا چېلىشىپ، جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. مايسا بايرىمىدا بولىدىغان يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى باھار كەلگەنلىكىدىن خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. <<ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى>> دىن [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]