ماگنىت مەيدانى

ئورنى Wikipedia

ماگنىت مەيدانى بولسا بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ماددا بولۇپ، ماگنىت مەيدانى ھەرگىزمۇ ئاتوم ياكى مولېكۇلادىن تەركىب تاپقان ئەمەس، ئەمما ماگنىت مەيدانى ھەممە يەردە ئوبيېكتىپ ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ماگنىت مەيدانى


چەتئەلچە نامى :magnetic field


ئالاھىدىلىكى :دولقۇن-زەررىچە رادىئاتسىيىسى

چۈشەندۈرۈلىشى[تەھرىرلەش]

ماگنىت مەيدانى بولسا بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ماددا بولۇپ، ماگنىت مەيدانى ھەرگىزمۇ ئاتوم ياكى مولېكۇلادىن تەركىب تاپقان ئەمەس، ئەمما ماگنىت مەيدانى ھەممە يەردە ئوبيېكتىپ ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ماگنىت مەيدانى دولقۇن زەررىچىلەرنىڭ رادىئاتسىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ماگنىت ئەتراپىدا ماگنىت مەيدانى مەۋجۇت، ماگنىت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر دەل ماگنىت مەيدانىنى ۋاسىتە قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىككى ماگنىتلىق جىسىم ئۆز-ئارا تېگىشمىسىمۇ، ئوخشاش قۇتۇپلار ئارا تېپىشىدۇ، يات قۇتۇپلار ئارا تارتىشىدۇ. ماگنىت مەيدانى-ئېلېكتىر ئېقىمى، ھەرىكەتچان زەرەت، ماگنىت ياكى ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىر مەيدانى ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا مەۋجۇت بولغان بىر خىل ئالاھىدە شەكىلدىكى ماددا.

ئېلېكتىر ئېقىمىنى ئېلېكتىر زەرىتىنىڭ ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ماگنىت مەيدانى ھەرىكەتتىكى زەرەت ياكى ئېلېكتىر مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى زامان فىزىكا نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، ماددىلاردا زەرەت ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئەڭ مۇھىم تەركىب پەقەت ئېلېكترون (بىرلىك مەنپىي زەرەت) ۋە پىروتون (بىرلىك مۇسبەت زەرەت)، شۇڭا مەنپىي زەرەت دەل ئارتۇق ئېلېكترون نۇقتىسى ئالغان جىسىم، مۇسبەت زەرەت بولسا ئوشۇقچە پروتون نۇقتىسى ئالغان جىسىم. ھەرىكەتتىكى زەرەتتىن ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلغان مەنبە بولسا ھەرىكەتتىكى ئېلېكترون ياكى ھەرىكەتتىكى پروتوندىن پەيدا بولغان ماگنىت مەيدانى. مەسىلەن، توك ھاسىل قىلغان ماگنىت مەيدانى بولسا ئۆتكۈزگۈچ ئىچىدىكى ھەرىكەتتىكى ئېلېكترون ھاسىل قىلغان ماگنىت مەيدانىدىن ئىبارەت.