ماھىرە خان

ئورنى Wikipedia

Mahire Xan Маһирә Хан


ماھىرە ھافېز خان 1982-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچىدا تۇغۇلغان​.‌پاكىستانلىق تېلېۋىزىيە،كىنو ئارتىسى​.‌
 ماھىرە خان ​‌پاكىستان​‌دا ئوتتورا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ جەنۇبىي​‌كالىفورنىيە​‌ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان،لېكىم ئوقۇشنى تاماملىمىغان​.‌
 ماھىرە خان كەسپىنى ​V‌Jبولۇشتىن باشلىغان​.‌يەنى تېلېۋىيە ئىستانسىلىرىدا مۇزىكا پروگراممىلىرىنى قويغۇچى،ئېلان قىلغۇچى بولغان​.‌2011-يىلى ئۇ تۇنجى فىلىمى ​《‌Bol》‌نى ئىشلىگەن​.‌بۇ فىلىمدە ماھىرە خان دادىسىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان،كېيىن دادىسىغا ئۇقتۇرماي ​‌شىئە مەزھىپى​‌دىكى ​‌مۇسۇلمان​‌ بىلەن توي قىلغان ئايىشەنىڭ رولىنى ئالغان​.‌بۇ يىلى ماھىرە يەنە تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى​《‌نىيەت​》‌دە رول ئالغان ئۇ يەنە تېلەۋىزىيە تىياتىرى​《‌ھۇمسافار​》‌رول ئېلىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن​.‌2013-يىلى ۋە 2014-يىلى ئۇ داۋاملىق بىرقانچە سوپۇن تىياتىرلىدا رول ئالغان 2015- يىلى ئۇ رومانتىك فىلىم​《‌Bin Roye》‌ۋە ​《‌Manto》‌دا رول ئالغان​.‌2016- يىلىمۇ ئۇ رول ئالغان فىلىملەر قويۇلغان، ئۇ رول ئالغان فىلىملەر پاكىستان تارىخىدىكى ئەڭ بازارلىق فىلىملار ھېسابلىنىدۇ​.‌ 
بۇ يىل ماھىرە خاننىڭ ​‌ بوللىۋود​‌قا كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسى بۇ يىل 7-ئايدا ماھىرە خان بىلەن ​‌شاھرۇ خان​‌ ئىشلىگەن ​《‌Raees》‌قويۇلدۇ​.‌
 ماھىرە خان 2015-يىل​《‌ئاسىيادىكى ئەڭ تەنناز 50 ئايال​》‌بىر بولۇپ باھالانغان​.‌2007-يىلى ئۇ مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئەلى ئەسقەر بىلەن توي قىلغان​.‌ئۇنىڭ دېيشىچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوردۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان ​‌پۇشتۇ​‌ ئىكەن​.‌