ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى

ئورنى Wikipedia

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى(خەنزۇچە: 毛澤東思想) ماركسىزىم –لېنىنىزىم ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكېرىت ئەمىلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.

مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى كۆپ جەھەتتىكى مەزمۇنغا ئىگە بۇلۇپ، تۈۋەندىكىدەك ئالتە جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس نەزىرىيە ئارقىلىق ماركسىزىم- لېنىنىزىمنى بېيتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى:

  • يېڭى دېمۇكراتىك ئىنقىلاپ توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛
  • سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛
  • ئىنقىلابىي قۇشۇننىڭ قۇرۇلىشى ۋە ھەربىي ئىستىراتىگە توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛
  • سىياسەت ۋە تاكتىكا توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛
  • ئىدىيىۋى سىياسى خىزمەت ۋە مەدىنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى نەزىرىيە؛
  • پارتىيە قۇرۇلىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيىلەردىن ئىبارەت.

رولى[تەھرىرلەش]

ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنىڭ جانلىق روھى – ئۇنىڭ ھەرقايسى تەركىۋىي قىسىملىرىغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىنەزەر ۋە ئۇسۇل بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي تەرىپى ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش، ئاممىۋى لۇشىيەن، مۇستەققىل ئۆز- ئۆزىگە خوجا بۇلۇشتىن ئىبارەت.