موتسىكلىت

ئورنى Wikipedia
موتسىكلىت

موتسىكلىت 1898-يىلىدىن باشلاپ تىپىك قۇرۇلما شەكلىگە كىرىپ، ماتور موتسىكلىت گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلىدىغان، ئېلېكتر دۋىگاتېل بىلەن ئوت ئالدۇرۇلىدىغان، بېنزىننى گازلاشتۇرۇپ بېرىدىغان كاربيۇراتورى بار، كەينى چاقى تاسما بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدىغان بولدى.

ماشىنىلىق ۋېلىسىپىت ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئەڭ بۇرۇنقى ۋېلىسىپىتلەرنىڭ چاقى ياغاچتىن ياسالغان، مىنسە بەكمۇ كۈچ كېتەتتى، شۇڭا، كىشىلەرگە ۋېلىسىپىتكە ماتور ئورنىتىش ئويى كېلىپ، موتسىكلىت بارلىققا كەلگەن، ئۇ ماشىنىلىق ۋېلىسىپىت دەپمۇ ئاتالغان.

ئەڭ دەسلەپكى ماشىنىلىق ۋېلىسىپىتنى ئامېرىكىلىقلار كەشىپ قىلغان. ئۇ پار كۈچى بىلەن ماڭىدىغان ۋېلىسىپىت بولۇپ، تاغياڭىقىنىڭ ياغىچىدىن ياسالغان. ئۇنىڭ ئالدى چاقى چوڭ، كەينى چاقى كىچىك، ئوتتۇرىغا كۆيۈش كامېراسى بار ئەپچىل پارقازان ئورنىتىلغان، كەينى چاق ئۇزۇن تۇتاشتۇرغۇچى دەستە بىلەن ئايلاندۇرۇلىدۇ، تۇرخۇنى ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە جايلاشتۇرۇلغان، يول يۈرگەندە نۇرغۇن پار ۋە چاڭ-توزان چىقىرىدۇ، پار قازاننىڭ پارتلاش خەۋپىمۇ بار ئىدى، شۇڭلاشقا كىشىلەر يەنە ئىسسىز، شاۋقۇنسىز، بىخەتەر ماتور ئۈستىدە ئىزدەندى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلار بۇرژىنىلىق ماتور ئورنىتىلغان ۋېلىسىپىتنى ياسىدى، گېرمانىيىلىكلەر يەل بېسىمى(كومپرېسسور) ماتورلۇق ۋېلىسىپىتنى كەشىپ قىلدى، يەنە بەزىلەر ۋېلىسىپىتكە ئاككۇمۇلياتورلۇق ماتور ئورناتتى. پۇرژىنا، كومپرېسسور ۋە ئاككۇمۇلياتورلارنىڭ ھەممىسى خېلى ئېغىر، بېرىدىغان ئېنېرگىيىسىمۇ چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئومۇملىشالمىدى.

تۇنجى موتسىكلىتنىڭ بارلىققا كىلىشى[تەھرىرلەش]

«ماتور» ئىنگلىزچە rotom دېگەن سۆزدىن كەلگەن، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل دېگەن مەنىدە. شۇڭا، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل سەپلەنگەن ۋېلىسىپىتلەرلا ھەقىقىي موتسىكلىت دېگەن نامغا مۇناسىپ كېلىدۇ. 1885-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى گېرمانىيىلىك داملېر ئۆزى كەشىپ قىلغان بىر سىلىندىرلىق تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىپ، دۇنيادا تۇنجى موتسىكلىتنى ياسىدى. بۇ موتسىكلىتنىڭ گەۋدىسى ياغاچ، چاقىمۇ تۆمۈر چەمبەرلەنگەن ياغاچ بولۇپ، سائىتىگە 12 كىلومېتىر يۈرەلەيتتى.

موتسىكلىتنىڭ تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

موتسىكلىت 1898-يىلىدىن باشلاپ تىپىك قۇرۇلما شەكلىگە كىرىپ، ماتور موتسىكلىت گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلىدىغان، ئېلېكتر دۋىگاتېل بىلەن ئوت ئالدۇرۇلىدىغان، بېنزىننى گازلاشتۇرۇپ بېرىدىغان كاربيۇراتورى بار، كەينى چاقى تاسما بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدىغان بولدى. ھازىر ئەڭ چوڭ ساقچى موتسىكلىتلىرىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 200 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

موتسىكلىت ماتورىنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى كۆپىنچە پورشېن سىقىپ چىقارغان گاز مىقدارى(مىللىلىتىر) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئادەتتە 25، 50، 70، 80، 125، 250، 500 لىكلەر بار. موتسىكلىت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدىغان موتسىكلىتلار ماتورىنىڭ سىقىپ چىقارغان گاز مىقدارى بويىچە 125، 250 ۋە 500 مىللىلىتىرلىقتىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ.