موگۇ

ئورنى Wikipedia


موگۇ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تەنچىسى بىلەن تەختلىك گەۋدىسى دەپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى بولسا ۋېگېتاتىۋ (ئوزۇقلۇق) ئەزاسى، ئۇرۇقى بولسا كۆپىيىش ئەزاسىدۇر.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :موگۇ


چېگرا :زەمبۇرۇغلار دۇنياسى

كەنجى تىپى :قالپاقلىق زەمبۇرۇغ كەنجى تىپى

سىنىپى :بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى

كەنجى سىنىپى :بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار كەنجى سىنىپى

ئەترىتى :قالپاقلىق زەمبۇرۇغ ئەترىتى

كەنجى ئەترىتى :موگۇ كەنجى ئەترىتى

ئائىلىسى :موگۇ ئائىلىسى

ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى :ئاقسىل ، ئامىنو كىسلاتالىرى

قىسقىچە  تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

موگۇموگۇ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تەنچىسى بىلەن تەختلىك گەۋدىسى دەپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى بولسا ۋېگېتاتىۋ (ئوزۇقلۇق) ئەزاسى، ئۇرۇقى بولسا كۆپىيىش ئەزاسىدۇر. موگۇ ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدۇ، موگۇ  فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالمايدۇ. موگۇ زەمبۇرۇغقا تەۋە، يەنە چوڭ زەمبۇرۇغ، كىچىك زەمبۇرۇغ دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ، موگۇنىڭ 36000 تۈرى بار، پىشقان ئىسپورا بىخلىنىپ زەمبۇرۇغقا ئايلىنىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى كۆپ ھۈجەيرىلىك، توغرا توسما بار، دېبىت تەرىپى ئۇزۇن، ئاق رەڭلىك،ئىنچىكە، ئۇرۇن، شايى تۈكلۈك كېلىدۇ، تەدرىجىي  يىپسىمان ھالەتكە كېلىدۇ.

زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى بىر-بىرىگە باغلىنىپ، زىچ توپ بولۇپ، زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى چىرىغاندىن كېيىن، قېنىق قوڭۇر رەڭلىك ئۆستۈرۈش ماتېرىيالى سۇس قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. موگۇنىڭ ئىسپورا تېنى پىشىپ يېتىلگەندە، خۇددى بىر كىچىك كۈنلۈككە ئوخشايدۇ. زەمبۇرۇغ قالپىقى، موگو ساپىقى، موگۇ قاتلاقلىرى،كوللار، يالغان يىلتىز زەمبۇرۇغى قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. كۆپ قىسىم موگۇنى يېمەكلىك ۋە دورا قىلىشقا بولىدۇ ، لېكىن زەھەرلىك موگۇ چوقۇم ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. موگۇ تەخمىنەن 1 دائىرە، 2 ساھە، 12 سىنىپ، 14 كەنجى سىنىپ، 800 ئەترىتى، 1400 ئائىلە ۋە 8500 ئۇرۇقداش دەپ ئايرىلىدۇ، جەمئىي 36000 تۈرى بار.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە  تۇنۇشتۇرۇش
  • سىرتقى شەكلى
  • ئۆسۈش شارائىتى
  • ئاساسلىق قىممىتى
  • يېمەكلىك تۈرى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

سىرتقى شەكلى[تەھرىرلەش]

موگۇئادەتتە موگۇ دەپ ئاتالغىنى زەمبۇرۇغنىڭ بىر خىلى، ھەم بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۇرۇقى. ئۇرۇق − بازىدىيەلىك زەمبۇرۇغنىڭ يەر يۈزىگە ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تۇرقى يەرگە قىستۇرۇپ قويۇلغان بىر كۈنلۈككە   ناھايىتى ئوخشايدۇ. يەر ئاستىدا  يەنە ئاق رەڭلىك يىپسىمان، زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى ھەممە يەرگە يامرىغان، بۇ بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەنچە قىسمى، يەنى غەيرىي كۆپىيىش ئەزاسىدۇر. مەلۇم تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك شارائىتتا ، زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ ئۇرۇق شەكىللەندۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇرۇق دەسلەپكى مەزگىللەردە خۇددى تۇخۇمغا ئوخشاش يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ  تېز يېتىلىپ سپورا تەنچىسى موگۇ قالپىقى، موگو ساپىقى، زەمبۇرۇخ تەگلىكى، باكتېرىيە ھالقىسى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. پىشىپ يېتىلگەن ئىسپورىنىڭ شەكلى،چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى، سۈپىتى ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ. چوڭىنىڭ دىيامېتىرى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ كىچىكىنىڭ دېئامىتىرى يېرىم سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 1 سانتىمېتىر .

ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: زەمبۇرۇغ قالپىقى بولسا، ئىسپورا تېنىنىڭ ئەڭ روشەن بولغان قىسمى، خۇددى بىر شەپكىگە ئوخشايدۇ. شەكلى ھەرخىل بولىدۇ، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن قوڭغۇراقسىمان، چىخ قالپاق شەكىللىك، يېرىم چەمبەر شەكىللىك، تەكشى شەكىللىك، ۋارونكا شەكىللىك قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. زەمبۇرۇغ قالپىقىنىڭ رەڭگى ئىنتايىن مۇرەككەپ،ئاساسىي جەھەتتىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ئاق، سېرىق، قوڭۇر، سۇر، قىزىل، يېشىل، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەردە بۇلىدۇ، لېكىن ھەر خىل رەڭلەر يەنە قېنىق، سۇس، قويۇق قاتارلىق پەرقى بار، تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئارىلاشما رەڭلىك. كىچىك ۋە پىشقاندا ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭگى بولىدۇ، گىرۋىكى تولۇق ھەم رەتلىك، يەنە رەتسىز دولقۇنسىمان ياكى يىرتىلغان بۇلىدۇ.

زەمبۇرۇغ قالپىقىنىڭ سىرتقى يۈزىدە پوستلاق قەۋىتى بار. دەرەخ زەمبۇرۇغ يىپچىسى تەركىبىدە ئوخشاش بولمىغان پىگمېنتلار بار، شۇڭا زەمبۇرۇغ قالپىقى خىلمۇ خىل ئوخشىمىغان رەڭلەردە بۇلىدۇ. پوستلاق قەۋەت تۆۋەندىكىسى بولسا زەمبۇرۇغ ئېتى، ئادەتتە ئۇزۇن تىپلىق يىپسىمان زەمبۇرۇغ يىپچىسىدىن تەركىب تاپقان، بەزىلىرى كۆپكەن خالتىسىمان  زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىدىن تۈزۈلگەن. زەمبۇرۇغ ئېتىنىڭ  رەڭگى ۋە يارىلانغان كېيىنكى رەڭ ئۆزگىرىشى تۈرلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە، زەمبۇرۇغ ئېتى كۆپىنچە ئاق رەڭلىك ياكى پاسكىنا ئاق رەڭلىك، بەزىلىرى سۇس سېرىق رەڭلىك ياكى قىزىل رەڭ قاتارلىقلار.  

ئۆسۈش شارائىتى[تەھرىرلەش]

ئورمان، دەرەخ ئورمىنى

2پارچەموگۇئورمان، دەرەخ ئورمىنى موگو كۆپ چىقىدىغان جاي، ئورمان بارلىق موگۇ چىقىدىغان جايلار ئىچىدە مەھسۇلاتى ئەڭ يۇقىرى بولغان جاي، دەرەخ تۈرلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، مەھسۇلات مىقدارى، شەكلى ۋە تۈرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. موگۇ ئورمانلىقتىكى شاخ-شۇمبىلارنى پارچىلاپ، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى ئورگانىك ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئارىلاش ئورمان، چاتقاللىق

ئورمان رايونىدا، دائىم ئارىلاش ئورمان ۋە چاتقاللىق بار، ئۇلار موگۇلارنىڭ ياخشى ئۆسىدىغان جايى، بۇ يەردە ئۆسكەن موگۇنى يىغىش ئوڭاي، ھەم قېرىنسىمان موگۇ ئىشلەپچىقىرىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئوتلاق  

ئوتلاق بىر خىل موگۇ تۈرى بىر قەدەر ئاز بولغان رايوندۇر. بۇ يەردە تاتلىق موگۇ، كوپرىنۇس ئېشەكمەدىكى قاتارلىق زەمبۇرۇغلارنى ئۆستۈرۈشكە بۇلىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسىنى يېگىلى بولىدۇ، ئاندا-ساندا زەھەرلىك تۈرى ئۆسۈپ قالىدۇ، موگۇ بۇ يەردە ئۆسۈپ، كۆپ ھاللاردا موگۇ ھالقىسى ھاسىل قىلىدۇ.

ئاساسلىق قىممىتى[تەھرىرلەش]

موگۇدورىلىق رولى : باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى ، باشقا رولى ، داۋالاش رولى

يېمەكلىك بىلەن داۋالاش قاتارلىق رولى بار.

1 . ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش  

2. ئاغرىق توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش  

3. يۆتەلنى توختىتىش، بەلغەمنى بوشىتىش

4. راكقا قارشى تۇرۇش

5. زەھەرنى ھەيدەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش

يېمەكلىكتىكى رولى

1.تەمى ئېسىل.  

2.ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن.

3.ۋىتامىن D مول.

4.ئوكسىدلىنىشقا قارشى تورىدۇ.

5.ۋىتامىن A خەزىنىسى.

6.ئوزۇقلۇق ماددىغا باي.

7.ئورۇقلىتىدۇ.  

8.تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىدۇ.

9.خولېستېرىن تەڭشەيدۇ.

يېمەكلىك تۈرى[تەھرىرلەش]

موگۇيېمەكلىك موگۇ كۆڭۈلدىكىدەك تەبىئىي يېمەكلىك ياكى كۆپ ئىقتىدارلىق يېمەكلىك. دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغىنى موگۇ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىلمىي نامى قوش سپورىلىق موگۇ. جۇڭگو ئىلگىرى دۇنيادا تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا موگۇ كۆندۈرۈپ ۋەئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىرىدىن قارا قېرىنقۇلاق، سېرىق مور، ئاققۇلاق، پايپاقلىق موگۇ، يىڭنىسىمان موگۇ، ئېرىنا ھېرىتسىئۇم موگۇسى، بامبۇك موگۇسى، چاي دەرىخى موگۇ قاتارلىقلار بار.