مىجىت لىتىپ

ئورنى Wikipedia

1953-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە سودا-سانائەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1970-يىلى6-ئايدىن 1971-يىلى3-ئايغىچە چۆچەك ۋىلايىتى تولى ناھىيىسى ‹ئالغا› يېزا-ئىگلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1971-يىلى 3-ئايدىن 1980-يىلى 6-ئايغىچە تولى ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئاشلىق ماي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا تېخنىك ئىشچى سېخ مۇدىرى مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىغى ،زاۋۇت باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلىرنى ئۆتىگەن.

     1980-يىلى 6-ئايدىن 1993-يىلى 1-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئېلىكتىرون تەتقىقات مەركىزىگە مۇدىر،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۈگرە-چۆپ زاۋۇتىغا سېتىش بۆلۈم باشلىغى،تېخنىك بۆلۈم باشلىغى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىغى ۋە زاۋۇت باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇجەرياندا 1981-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە شىنجاڭ ئونۋېرستىتىدا تۇلۇق كۇرۇستا ‹ جۇڭگو ئەدەبىياتى ›دا ئوقۇغان. 1986-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە شىنجىياڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كادىرلار ئىنىستىتۇتىدا ‹چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا باشقۇرۇش كۇرسى›،شىياڭگاڭ پىسخۇا مائارىپ فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ‹كارخانا باشقۇرۇش ماھارىتى› كۇرسىدا ئوقۇغان. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭجۇشەھرىدە ‹كارخانىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كۇرسىدا› ئوقۇغان. فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ شىيامىن شەھرىدە ئوزۇقلۇقشۇناسلىق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1953-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ خۇيجۇڭ خەلقئارا سودا شىركىتىدە مۇئاۋىن باش دېرىكتور بولۇپ روسىيە،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خەلقئارا ئېمپورت-ئېكىسپورت سودىسى ۋە 3 دۆلەتتە قوشما كارخانا قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئىشقا كىرگۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1999-يىلى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەسلىدىكى ئۈگرە-چۆپ زاۋۇتىغا قايتىپ كېلىپ زاۋۇت باشلىغى بولغان ھەم كارخانا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ شىركەتنى دۆلەت ئىگىلىكىدىن خەلىق باشقۇرۇشىغا ئۆزگەرتكەن. ئۆزى شىركەتنىڭ چوڭ پايچىكى ۋە مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان. 1995-يىلى قانۇن ئۈگۈنۈش كورپىسىدا ئوقۇغان. 1996-مەملىكەتلىك ئىتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 1997-يىلى شىنجاڭ سودا ئادوۋوكاتلىق ئىش ئورنىغا كەسپى ئادۋوكات بولغان. ئىجتىمائىي پەندە باكلاۋۇر. ئىقتىساد پەنلىرىدە ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە.

    ھازىرقى سالاھىيىتى[تەھرىرلەش]

     مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى؛

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سودا ئادۋوكاتلىق ئورنىنڭ مۇئاۋىن باشلىغى، كەسپى ئادۋوكات؛

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسىم كومتېتىنىڭ كېسىمچىسى

دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئىگە.