مىكروسكوپتىلا كۆرۈنىدىغان جانلىقلار

ئورنى Wikipedia

تەبىئەتتە ئىنسانلار كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدىغان چوڭ بىر تۈركۈم ئىنتايىن كىچىك جانلىقلار ياشايدۇ. مەيلى ئاۋات ھازىرقى زامان شەھەرلىرىدە، مۇنبەت كەڭ دالا-ئېتىزلاردا بولسۇن ياكى ئادەم ئايىغى يەتمىگەن ئېگىز تاغ-چوققىلاردا، بىپايان دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا بولسۇن، ھەممىلا يەردە ئۇلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ بىر چوڭ تۈركۈمدىكى ئىنتايىن كىچىك «ئاھالە» مىكرو ئورگانىزملار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىرلىكتە جانلىقلار چوڭ قوشۇنىنى تەشكىل قىلىپ، تەبىئەتنى جانلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

قولاي تىزىملىك[تەھرىرلەش]

  • قامۇس باشبېتى
  • سۈرەتلەر

مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك[تەھرىرلەش]

 

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقى ھەقىقىي «كىچىك جانلىقلار دۆلىتى» بولۇپ، بۇ پادىشاھلىقتىكى «پۇقرا» لار ئايرىم-ئايرىم ھالدا باكتېرىيىلەر، ئاكتنومىتسېتلار، زەمبۇرۇغلار، ۋىرۇسلار، ۋىروئىدلار، رىككېتسىيىلەر، خلامىدىيىلەر، مىكوپلازمىلار قاتارلىق بىرقانچە ۋەكىل خاراكتېرلىك جەمەتلەرگە تەۋە. بۇ جەمەتلەرنىڭ ئەزالىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە كىچىك. باكتېرىيە جەمەتىدىكى «چوڭ مەخلۇق» تاياقچە باكتېرىيىنى ئالساق، ئەگەر3000 تال تاياقچە باكتېرىيە ئىككى ئۇچىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ ئۇزۇن بىر قاتار قىلىنسا، ئۇزۇنلۇقى بىر تال گۈرۈچچىلىك كېلىدۇ؛ ئەگەر70 تال تاياقچە باكتېرىيە «مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن ھالدا بىر قاتار قىلىپ تىزىلسا، كەڭلىكى بىر تال چاچنىڭ كەڭلىكىچىلىك كېلىدۇ؛ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانى(5 مىلياردتىن كۆپ) غا توغرا كېلىدىغان باكتېرىيىلەرنى قوشقاندا، بىر تال كۈنجۈتنىڭ ئېغىرلىقىچىلىك كېلىدۇ.

مىكرو ئورگانىزملار شۇنچە كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇلارنى پەقەت «مىكرون» ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان بىرلىك «ئانگىستروم» بىلەن ئۆلچەيدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، بىر مىكرون1 مىللىمېتىرنىڭ مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. باكتېرىيىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتە ئاران بىرقانچە مىكرون كېلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ1.0 مىكرون چىقىدۇ. ئادەمنىڭ كۆزى تەخمىنەن ئاران06.0 مىللىمېتىر چوڭلۇقتىكى جىسىمنى پەرق ئېتەلەيدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ مىكرو ئورگانىزملارنى كۆز بىلەن كۆرەلمەسلىكىمىز تۇرغان گەپ.

بايقىلىش جەريانى[تەھرىرلەش]

مىكرو ئورگانىزملار كىشىلەر تەرىپىدىن قانداق بايقالغان؟

بۇ بىر قىزىقارلىق ئىش. 300 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا گوللاندىيىدە لېۋېن خوك دېگەن بىر ئادەم بولغان، ئۇ گەرچە كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەننى سۆيەتتى، جاپالىق تەتقىق قىلىش روھىغا باي ئىدى، يەنە كېلىپ لوپا ياساشقا ماھىر ئىدى. ئۇ ئۆزى سىلىقلاپ ياسىغان لىنزا ئەينەك پارچىسى بىلەن جىسىملارنى200 ھەسسىدىن كۆپرەك چوڭايتىپ كۆرسىتەلەيدىغان ئاددىي مىكروسكوپ ياساپ چىققان. بىر كۈنى لېۋېن خوك بىر قېرى كىشىنىڭ چىشىنىڭ ئارىلىقىدىن ئازراق چىش كىرىنى ئېلىپ مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، ئۇنىڭدا سانسىزلىغان ھەر خىل شەكىلدىكى كىچىك مەخلۇقلارنىڭ كۆزنى ئىمىر-چىمىر قىلىپ تىپىرلاپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ ھەيرانلىقتا ئۆزىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەي قالغان. لېۋېن خوك بۇ كىچىك مەخلۇقلارنىڭ شەكلىنى تۈجۈپىلەپ سىزىۋالغان، ئۇ: «بۇ قېرىنىڭ ئاغزىدىكى كىچىك ھايۋانلار پۈتۈن گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاھالىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن…» دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر خىل قاچىلاردا قېپقالغان سۇلارنى ھەمدە دەريا سۈيى، قۇدۇق سۈيى، يۇندى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ھەممىسىدە بۇ خىل مىغىلداپ تۇرىدىغان كۈرمىڭلىغان «كىچىك ھايۋانلار» دۇنياسىنى بايقىغان. لېۋېن خوك بىرىنچى بولۇپ مىكروسكوپتا باكتېرىيىلەرنى كۆرۈپ، ئىنسانلار ئۈچۈن مىكرو ئورگانىزملار بىلەن تونۇشۇشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر مىكروسكوپنىڭ ياردىمى بىلەن مىكرو ئورگانىزملارنىڭ سىرىنى بىر-بىرلەپ ئاچقان.

مىكرو ئورگانىزملار ئىچىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، يېمەكلىك قىلىشقا بولىدىغان گۈمبە(گۈمبەمەدەك) ، دورا قىلىنىدىغان مىھرىقۇت(گانۇدېرما) ، يەر توزغىقى قاتارلىقلارمۇ مىكرو ئورگانىزملارغا تەۋە. بىئولوگىيە ئالىملىرى چېخىيىدە بىر خىل غايەت زور گۈمبىنى بايقىغان، ئۇ زەمبۇرۇغلار جەمەتىدىكى مىكرو ئورگانىزمغا تەۋە. ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ، دىئامېتىرى4 مېتىردىن، ئېغىرلىقى100 كىلوگرامدىن ئارتۇق چىققان. ئۇ مىكرو ئورگانىزملار چوڭ جەمەتىنىڭ «گىگانت» ى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن جانلىقلار دۇنياسىدىمۇ «كىچىك مەخلۇق» ھېسابلانمايدۇ.