مىكروسوفىت شىركىتى

ئورنى Wikipedia

مىكروسوفىت شىركىتى 1975-يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى قۇرۇلغان . 1981-يىلىدىن باشلاپلا ئاندىن رەسمىي شىركەت بولۇپ شەكىللەنگەن . شۇ يېلىIBM شىركىتىگە كومپىيوتېر مەشخۇلات سىستىمىسى MS-DOS 1.0 نى ياساپ بەرگەن. 1986- يىلىدىن باشلاپ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان. 1990-يىلى تۇنجې قېتىم سۈرەتلىك بولغان ئىكران يۈزلۈك سىستىما Windows 3.0 نى بازارغا سالغان . 1995-يىلى Windows 95 نى بازارغا سېلىپ چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئارقا ئارقىدىن 1998-يىلى Windows 98 نى ، 2000-يىلى Windows 2000 نى ، 2001-يىلى Windows XP نى بازارغا سالغان. 2003-يىلىدىكى مەھسۇلاتى Windows 2003 Server.

2006-يىلى Windows Vista مەشغۇلات سىستىمىنى بازارغا سالدى. بۇ سىستىمىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قېتىلدى.

2009-يىل Windows 7 دىگەن مەشغۇلات سىستىمىسنى بازارغا سالدى.

2012ـيىلى 10ـئاينىڭ 25ـكۇنى 8 Windows مەشغۇلات سىستىمىسنى بازارغا سالدى . مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تېجارىتى يۇمشاق دېتال ياساش بولۇپ ، يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق بولغىنى Office . مىكرودوفىت شىركىتىنىڭ ھازىرقى ئىشلەيدىغان ئىشچى خىزمەتچىلىرى 50مىڭدىن ئاشىدۇ. 60 نەچچە دۆلەتتە شىركىتى بار.