مىكرو بىلوگ

ئورنى Wikipedia

مىكرو بىلوگ(微博) ئەسلى بىلوگنىڭ مىكرو دەرىجىدە كىچىكلىتىلگىنى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر قېتىمدا پەقەت 140 لا خەت يوللىغىلى بولىدىغانلىقى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىلوگدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك بىلوگدىكىدەك كومپيۇتېر ئالدىدىلا ئەمەس، يان تېلېفون قاتارلىق ھەر قانداق ئۇچۇر ئالاقە قورالىدا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقى بىلەن ناھايىتى كىچىك، ئەمما قۇلايلىق، تارقىلىشچان دېگەندەك ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن.

مىكرو بىلوگ ھەققىدە چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

مىكرو بىلوگ ئەسلى بىلوگنىڭ مىكرو دەرىجىدە كىچىكلىتىلگىنى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر قېتىمدا پەقەت 140 لا خەت يوللىغىلى بولىدىغانلىقى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىلوگدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك بىلوگدىكىدەك كومپيۇتېر ئالدىدىلا ئەمەس، يان تېلېفون قاتارلىق ھەر قانداق ئۇچۇر ئالاقە قورالىدا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقى بىلەن ناھايىتى كىچىك، ئەمما قۇلايلىق، تارقىلىشچان دېگەندەك ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن.

مىكرو بىلوگدا يېزىق ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە سۈرەت، سىن، ناخشا-مۇزىكا قاتارلىقلارنى يوللىغىلى بولىدۇ. ئالدىن تەلەپ قىلىۋالغان كىشىلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا دوستلىرى بىلەن تەڭ ۋاقىتتا ئېرىشكىلى ۋە تەڭلا ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان دوستلىرىغا ئۇچۇر يوللىغىلى، شۇنداقلا مەلۇملىرىنى ئايرىپ قاراتمىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى دوست تۇتۇش ۋە دوست تاللاش ئۇسۇللىرى تولىمۇ جانلىق بولۇپ، خۇددى رېئال تۇرمۇشتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشاش مەلۇم كىشىلەرگە دىققەت نەزەرنى سالغىلى، بەزىلەرگە دوستلۇق ئىلتىماسىنى سۇنغىلى، شۇنداقلا بىر قىسىملارنى شاللاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا يېڭى دوستلىرىغا كونا دوستلىرىنى تونۇشتۇرغىلىمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا مىكرو بىلوگ توپى قۇرۇش ئارقىلىق, مەلۇم پىكىر ئورتاقلىقى بار كىشىلەر بىلەن توپ ھاسىل قىلىپ ئورتاق پىكىرلەشكىلى بولىدۇ.

مىكرو بىلوگدىكى ئاساسىي ماھارەتلەر[تەھرىرلەش]

粉丝(Fans) مىكرو بىلوگدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەپتۇنكار، ھامىيلىق كىشى ياكى دوست دېگەنلىك بولىدۇ. 粉丝 سانىنىڭ قانچە كۆپ بولۇشى بىلوگ ئىگىسىنىڭ شۇ دەرىجىدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭ ئەكسىچە 关注 سۆزى بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئۆزىدىن باشقا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 粉丝 سانى باشقىلارنىڭ تاللىشى ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، 关注 بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئۈچىنچى سۆز 微博، بۇ بىلوگ ئىگىسى يوللىغان قىسقا تېمىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى كۆرسىتىدۇ.

تىزىملىتىش[تەھرىرلەش]

مىكرو بىلوگقا تىزىملىتىش تولىمۇ ئاسان، نۆۋەتتە بىر قەدەر ئومۇملىشىۋاتقان مىكرو بىلوگدىن Sina مىكرو بىلوگىنى مىسال ئالسا، ھەر قانداق كىشى http://weibo.com غا كىرىپ، ئۆزىنىڭ خالىغان ئېلخەت ئادرېسىنى تولدۇرۇپ تىزىملىتالايدۇ، ئېلخەت ئادرېسى بولمىغاندا،QQ نومۇرى بولسا QQ ئېلخېتى ئادرېسىدا تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ. پۈتۈنلەي يېڭىدىن ئېلخەت ئادرېسى ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق. تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مىكرو بىلوگدا تىزىملىتىشتا ھەقىقىي ئىسىم ۋە كىملىك نومۇرى تەلەپ قىلىنىدۇ. مىكرو بىلوگ ئېكرانىدا ھەممىگە ئورتاق كۆرۈنىدىغان ئىسىمنى خالىغانچە قويۇۋالسا بولىۋېرىدۇ. ھەقىقىي ئىسىم ۋە كىملىك نومۇرلار پەقەت ئارخىپ ماتېرىيالدىلا ساقلىنىدۇ. كەسىپ، خىزمەت ئورنى، پۈتتۈرگەن مەكتەپ ئىسمى، خىزمەت تارىخى قاتارلىقلارنى بىلوگ ئىگىسى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ، مەجبۇرىي تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

مىكرو بىلوگ ئابونتىنىڭ ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

Sina تورىنىڭ ئابونىتلىرى مىكرو بىلوگ ئېچىلغاندىن بۇيان تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى يوللاپ ۋە تارقىتىپ، مىكرو بىلوگنى ئىزچىل قوللاپ، دەسلەپتە پەرەز قىلىنغان مەقسەتكە ئاساسەن يەتكەن. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرگە يىغىچاقلاشقا بولىدۇ:

ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى، مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسى شۇنداقلا ئاخبارات ساھەسىدىكى تۈرلۈك سالاھىيەتتىكى كىشىلەر بۇ يەرگە يىغىلغان.

Sina تورىنىڭ مىكرو بىلوگ ئابونىتلىرى ھەرخىل ساھەدىكى ھەرخىل كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارمۇ مول ۋە خىلمۇ-خىل بولغان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ تور بېكەتنىڭ نەچچە ئون خىل تور سەھنىسى ۋە نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن.

Sina تورىنىڭ 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى ئىستاتسىتىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىلوگ قانىلىنىڭ كۈندىلىك چېكىلىش قېتىم سانى ئاخبارات قانىلىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانىدىن ئېشىپ بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. بىلوگ يازمىلىرىنىڭ كۈندىلىك چېكىلىش سانى 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، شۇنداقلا كۈنسىرى كۆپىيىشكە باشلىغان.

دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار «ئۇچۇرلارنى يوللاش ۋە ئەۋەتىشنىڭ ئەڭ چاققان سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىكرو بىلوگنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن (1) مېخانىزمغا ئەھمىيەت بېرىش: تاق ھەم قوش ئىككى خىل يۆنىلىشلىك بولىدۇ.

(2) مەزمۇنى قىسقا، چاققان: تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 140 خەت ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدۇ.

(3) ئەمەلىي بولىدۇ: ئەمەلىي ئۇچۇرلار يوللىنىدۇ.

(4) تارقىتىش شەكلى: ئاشكارا بولىدۇ، ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ.

(5) ئىجتىمائى ئالاقە تورى سەھنىسى: مىكرو بىلوگنى شۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ.

مىكرو بىلوگ تەمىنلىگەن سەھنە ئارقىلىق، سىزمۇ بىر كۆرۈرمەن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز؛ شۇنداقلا تارقاتقۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يەنە ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئۇچۇرلارنى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ياكى كۆرۈشى ئۈچۈن يوللاپ قويالايسىز. يوللىنىدىغان ئۇچۇرلار ئادەتتە يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك 140 خەت ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ «مىكرو بىلوگ» دەپ ئاتالغان. ئەلۋەتتە يەنە رەسىم ۋە سىن دېگەندەك ھۆججەتلەرنىمۇ يوللاشقا بولىدۇ. مىكرو بىلوگنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى: ئۇچۇرلارنى تېز تارقىتىدۇ، ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى تېز بولىدۇ. مەسىلەن، ناۋادا سىزنىڭ 2 مىليون ئەگەشكۈچىڭىز بولسا، سىز يوللىغان ئۇچۇرلارنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا 2 مىليون ئادەم كۆرەلەيدۇ دېگەن گەپ.

جۇڭگودىكى مىكرو بىلوگ گەرچە شۇنچە قىزغىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ئامېرىكىدىكى Twitter بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ. جۇڭگولۇقلار بىر خىل يېپىشقاقلىققا ئىگە بولغاچقا، مىكرو بىلوگدىكىلەر دوستلار چەمبىرىكى دېگەندەك سەھنىلەر ئارقىلىق، بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا ئايلاندۇرغان، شۇنداقلا ئۇ يەنە تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ قىزغىن داۋاملىشىش مۇھىتى بولۇپ قالغان. بۇ ئارقىلىق ئاۋام شادلىققا ئېرىشسە، زىيالىيلار توپى تۈرلۈك مۇھاكىمىلەر ئارقىلىق ئۆز بىلىمىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك مەزمۇندىكى بىلىملەرنى ئىگىلەيدىغان دەرسخانىغا ئېرىشكەن.

مىكرو بىلوگ ئۇچۇرلىرىنىڭ خەت سانىغا چەك قويۇلىدۇ، نورمال ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئېنگىلىزچە سۆز خەت بوشلۇقنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، بەش-ئالتە ھەرپ-بەلگە بولىدۇ. لېكىن، خەنزۇ يېزىقىدا ئىككى خەتلىك سۆزلەر كۆپ بولغاچقا، خەنزۇ يېزىقىدا ئۇچۇر تارقىتىش مىقدارى تەبىئىيلا ئىنگىلىز يېزىقىدىكى ئۇچۇر تارقىتىش مىقدارىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنگلىزچە مىكرو بىلوگلارنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئۇچۇر تارقىتىش مىقدارى خەنزۇچە مىكرو بىلوگلارنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئۇچۇر تارقىتىش مىقدارىنىڭ 1/3 ىگە توغرا كېلىدۇ. ئىسپان تىلىغا ئوخشاش ئۇچۇر زىچلىقى تۆۋەن بولغان تىللارنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئۇچۇر تارقىتىش مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

ئۇچۇر تارقىتىش ۋە قوبۇللاش سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىكرو بىلوگ ۋاقىتچانلىققا ۋە چاققانلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. مىكرو بىلوگنىڭ ئابونتلىرى شۇ مىنۇت، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىكى ئويلىغانلىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى دەرھاللا يوللىيالايدۇ، شۇڭا بۇ باشقا ھەرقانداق مەنىدىكى تور سەھنىلىرىدە ئۇچۇرلارنى تەھرىرلەش، تۈزىتىش ئارقىلىق يوللىغانغا قارىغاندا كۆپ تېز ۋە قولاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باشقا تور سەھنىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا مىكرو بىلوگنىڭ ئۇچۇرلىرىدا قوللىنىلغان تىل ئاددىي ۋە ئىخچام سۆز-جۈملىلەرنى ئاساس قىلغان بولىدۇ، شۇڭا بۇ تەرىپى مىكرو بىلوگ ئابونتلىرىنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى، سۆز بايلىقىنىڭ مول بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا مىكرو بىلوگ ئاچقۇزغان ئابونىتلار يۇقىرىقىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەر قاچان، ھەر ماكاندا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاپ تۇرالايدۇ.

تەرەققىيات ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

2006-يىلى 3-ئايدا دۇنيادىكى تۇنجى بىلوگ blogger نىڭ بەرپاچىسى Evan Williams قۇرغان شىركەت obvious تۇنجى قېتىم مىكرو بىلوگ مۇلازىمىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ مىكرو بىلوگ دەسلەپكى مەزگىللەردە پەقەت دوستلارنىڭ يان تېلېفونىغا يېزىق ئۇچۇرىنى يوللاش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن. دېمەك، Twitter مىكرو بىلوگى Evan Williams تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدىكى ئەسلى مەنىسى كىچىك قۇشنىڭ ۋىچىرلىشىدىن ئىبارەت. ئابونت بۇ سۇپىدا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاپ تۇرالايدۇ. Twitter نىڭ مەيدانغا كېلىشى كىشىلەرنىڭ نەزەرىنى مىكرو بىلوگدىن ئىبارەت بىر مىكرو دۇنياغا باشلاپ كىرگەن. Twitter بىر خىل ئىجتىمائى ئالاقە تورى شۇنداقلا مىكرو بىلوگ مۇلازىمەت سۇپىسىدۇر. ئابونتلار ئۇچۇر ئالاقىسى، چاققان ئالاقە، ئېلخەت قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 140 خەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللىيالايدۇ ۋە يېڭىلىيالايدۇ. Twitter مىكرو بىلوگى Alexa نىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن 50 تور بېكەتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

2007-يىلى 5-ئايدا دۇنيادا Twitter غا ئوخشاش تور بېكەتتىن 111 ى قۇرۇلغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە دىققەت قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغىنى يەنىلا Twitter بولۇپ، ئۇ 2007-يىلى ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى Austin شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا بىلوگ تۈرى بويىچە تور بېكەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

Twitter نىڭ ئاساسلىق رەقىبى Plurk بىلەن Jaiku بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن مىكرو بىلوگنىڭ يېڭىچە مۇلازىمەت ئالاھىدىلىكلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، Plurk ۋاقىت ئوقىدىن پايدىلىنىپ سىن ۋە رەسىملەرنى ھەمبەھرىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، Identi، Pownce قاتارلىقلار ئارخىپ ھەمبەھرىلەش ۋە تەكلىپ قىلىشلارنى ماس قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇرغان. Digg نىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن باشقا يەنە ئۈچ ئوخشاش تۈردىكى تور تەڭ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان.

Twitter نىڭ خەلقئارادىكى داغدۇغىسى دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى زادىلا ئارامىدا قويمىغان. 2005-يىلى »مەكتەپداش «校内 تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ شىڭ 2006-يىلى كارخانىسىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، 2007-يىلى 5-ئايدا «饭否» تورىنى قۇرغان. بۇ چاغدا نەچچە مىليون QQ ئابونتىغا ئىگە تېڭشۈن گۇرۇھى ئابونتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ بىر سىناپ باقماقچى بولغان، شۇنداق قىلىپ 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇلارمۇ سەھنىگە چىققان.

ئەمما ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، Twitter قۇرغان «مىكرو خاندانلىق» قىسقا مەزگىل ئىچىدىلا ئالتۇن كاننى كولاپ تاپقان ئەمەس، دۆلەت ئىچىدىكى مىكرو بىلوگ كارخانلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم مىكرو بىلوگ تور بېكەتلىرى ئارانلا نەچچە يۈز مىڭ ئابونتقا ئىگە بولۇپ، ھەر ئايدا ئارانلا نەچچە مىليون ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم تورلار نەزىرىنى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، مەھسۇلاتنى يېڭىلاشقا قاراتقان، تەۋەككۈل قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى قانداق قىلىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان.