مىلان شەھىرى

ئورنى Wikipedia


مىلان شەھىرى __ ئىتالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. لۇمبارىيە رايونىنىڭ مەركىزى، ئىتالىيىنىڭ ئاتاقلىق سودا-سانائەت مەركىزى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :مىلان شەھىرى


دۆلىتى :ئىتالىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :ئىتالىيەنىڭ لۇمبارىيە رايونى (جەنۇبىي رايونى)

يەر مەيدانى :183.77 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :1 مىليون 301 مىڭ 394 ئادەم

چەتئەلچە نامى :Milan


قارىمىقىدىكى رايونلار :مىلان چوڭ شەھەر رايونى، مىلان ئۆلكىسى، مىلان شەھىرى

جۇغراپىيىلىك ئورنى :ئىتالىيەنىڭ غەربىي شىمال تەرەپى

پوچتا رايون نومۇرى :20100

دىئالېكتى :ئىتالىيە تىلى

داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى :توئوموكا چېركاۋى، سىكالا تىياتىرخانىسى

چەتئەلچە نامى :Milan

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

6پارچەمىلان شەھىرىئىتالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. لۇمبارىيە رايونىنىڭ مەركىزى، ئىتالىيىنىڭ ئاتاقلىق سودا-سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 1 مىليون 301 مىڭ 394 ئادەم ئاشىدۇ). بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە گاللى خەلقلىرى تەرىپىدىن سېلىنغان. مىلادىيە 395-يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەكرىزى بولغان. بۇ شەھەر 1158-ۋە 1162-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولغان. 1796-يىلى فرانسىيىلىك ناپالىئون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئىككىنچى يىلى مىلان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن، 1861-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى دائىرىسىگە قوشۇلغان. بۇ جايدا ئىتالىيە بويىچە چوڭ مونوپول مالىيە گۇرۇھلىرىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورنى ۋە ئاتاقلىق چوڭ بانكىلار تولىغان.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
  • كىلىماتى
  • سانائەت تەرەققىياتى
  • بايلىقى
  • ساياھەت نوقتىلىرى
  • قاتناش-ترانسىپورتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

4پارچەمىلان شەھىرىمىلان شەھىرى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە : ياز پەسلى ئىسسىق ، قۇرغاق ، قىش پەسلى ئىللىق ۋە كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. كىلىماتى قىشتا يامغۇر، يازدا قۇرغاق بۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، دۇنيادىكى ھەر خىل ئىقلىم تىپلىرى ئىچىدە ئۆزگىچىلىكى بار. تومۇز پەيتلەردە تېمپىراتورا يۇقىرى، ئۆي ئىچى ناھايىتى سالقىن ، كېچىدە ھەتتا ئازراق سوغۇقنىمۇ ھېس قىلغىلى بولدۇ.

سانائەت تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

مىلان شەھىرى ئىتالىيە بويىچە ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئۇ ئۆزىنىڭ پولات-تۆمۈر، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ئېلېكتر سانائىتى، ستانوك سانائىتى، ھەربىي قورال-ياراغ ئىشلەش، نېفىت-خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

شەھەر ئەتراپىدا تەرەققىي قىلغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى، ئاتاقلىق يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرى، مول ئورمان بايلىقى بار. بۇ مىلان شەھىرىنى زور ئېنېرگىيە مەنبىئى، يېمەك-ئىچمەك، ياغاچچىلىق، سانائەت خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ساياھەت نوقتىلىرى[تەھرىرلەش]

مىلان ئىتالىيىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جايدا سىكالا تىياتىرخانىسى ۋە ياۋرپا بويىچە ئاتاقلىق ئۈچ چوڭ چېركاۋنىڭ بىرى بولغان توئومو چېركاۋسى بار. بۇ چېركاۋ 1386-يىلى سېلىنغان.  

قاتناش-ترانسىپورتى[تەھرىرلەش]

مىلان شەھىرى ئىتالىيە بويىچە مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئالىپ تاغلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي ياۋروپاغا بېرىشتىكى مۇھىم خەلقئارا تاشيول، تۆمۈر يول قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ قاتناش-ترانسىپورتىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1964-يىلى سېلىنغان.

قامۇس