مىللىي ئىستىقبالدا تەربىيەنىڭ قۇدرىتى

ئورنى Wikipedia

يۈسۈپچان ياسىن‏

تەربىيە مائارىپقا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇ ئىككىسى ئايرىم – ‏ئايرىم ئۇقۇم. تەربىيە بىلەن ‏مائارىپ ئوتتۇرىسىدا ھەم ئورتاقلىق ھەم ‏پەرقلىق تەرەپ بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىق ھەر ‏ئىككىسى ‏ئادەم تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. پەرقلىق تەرىپى بولسا تەربىيە ‏مىللىيلىككە ئىگە ‏بولىدۇ. ئۇنىڭ تارىخى مىللەتنىڭ ھاياتلىق تارىخى بىلەن ‏تەڭ باشلانغان.‏‎ ‎مائارىپ ئىنسانىيەتكە ‏ئورتاق بولىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ‏مەدەنىيەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تارىخنىڭ مەلۇم ‏بىر ‏دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، تەربىيە ‏ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى ‏يارىتىشنى ۋە ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى، ‏يەنى ئىنسانغا ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەت ئاتا ‏قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ‏دېمەك، ئۇ ئىنساننىڭ روھىغا چېتىلىدۇ. مائارىپ ئىنسانغا تارىختا ‏‏يارىتىلغان پەننىڭ ئۇقۇملىرىنى ۋە بىلىملىرىنى بىلدۈرۈشنى ئاساسىي ‏مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ‏مىڭىسىگە چېتىلىدۇ. يۇقىرىدا ‏دېيىلگىنىدەك، تەربىيە مائارىپ ئوقۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ‏‏بولسىمۇ، لېكىن مائارىپنىڭ پەنگە دائىر بىلىم بىرىش خاراكتېرى ‏يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ‏شۇڭا مائارىپ دېيىلگەندە كۆپۈنچە ‏ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش كۆزدە تۇتىلىدۇ.‏

‏ مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مىللەت تارىخنىڭ پۈتكەن تەقدىرى ‏بويىچە يەر يۈزىدىكى بەلگىلىك بىر ‏زىمىن پارچىسىدا ھاياتلىق ماكانىغا ‏ئىرىشكەن. مىللەتنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئاشۇ ھاياتلىق ‏ماكانىدىكى ‏ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىمكانىيەتلەر، مىللەتنىڭ تەقدىر – قىسمەتلىرى، ‏ئىرىشكەن ‏ھايات تەجرىبىسى ۋە مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجى، مىللەتتە ‏باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ھاياتلىق ‏چۈشەنچىسى، ئېتىقاد، قىممەت ‏قاراش ۋە مىللىي زوقنى شەكىللەندۈرگەن. شۇ سەۋەپلىك، ‏مىللەتلەرنىڭ ‏ياشاشتىكى غايىسىمۇ بىرى بىرىگە ئوخشىمايدۇ. دېمەك، ھەر قانداق بىر ‏مىللەت بىر خىل ‏مىللىي مەدەنىيەت (كۈلتۈر) نى ياراتقان. مىللىي مەدەنىيەت ‏دىن، ئەخلاق، ھوقۇق، ئەقىل، ‏ئېستېتىكا، ئىقتىساد، تىل ۋە پەندىن ‏ئىبارەت سەككىز تۈرلۈك ھاياتنىڭ بىر بىرگە ماسلاشقان ۋە چىڭ ‏ئۇيۇشقان ‏بىر پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت. سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ھەر قانداق بىر ‏مەدەنىيەت بەلگىسى ‏مىللىي مەدەنىيەتكە ئاشۇنداق ماسلاشقان ۋە ‏ئۇيۇشقاندىلا، ئاندىن ئۇ مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ‏ئامىلغا ئايلىنىدۇ ۋە ‏مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.‏

‏ مىللىي مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە مىللەت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ‏ئېلمېنتىغا ۋە مىللەت ھالىتىدە ‏تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتىگە ‏ئايلانغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، مىللەتنىڭ ۋىجدانىدا ‏مەۋجۇت ‏قىممەت ھۆكۈملىرىنىڭ تامامى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ھاسىل ‏قىلىدۇ. تەربىيىنىڭ ‏ۋەزىپىسى دەل مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى شۇ ‏مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا ئىپادىلىنىدىغان روھىي ‏ئادەت (تالانت) ‏ھالىتىگە كەلتۈرۈشتۇر. باشقىچە قىلغاندا، تەربىيە مىللەتنىڭ ياكى ‏جەمئىيەتنىڭ ئۆز ‏ئەزالىرىنى ئۆزىگە ئوخشاشلاشتۇرۇشىنى ياكى ‏ئۆزىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ‏جەرىيان تارىختا ‏ئائىلىۋىي تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ھەرىكەت، مۇراسىم ۋە ‏پائالىيەتلەردە ‏ئالدىنقى ئەۋلاتلارنى تەقلىد قىلىش ياكى ئۇلاردىن قوبۇل ‏شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. بۇ ئارقىلىق ‏تەربىيە ھېچقانداق بىر ‏تەشكىلىي ئورگاننىڭ كۈچىگە مۇھتاج بولمايلا، مىللەت ئەزالىرىنى ‏ئورتاق ‏تۇيغۇ، ئورتاق ۋىجدان، ئورتاق خاراكتېر، ئورتاق ئەخلاق ۋە ‏ئورتاق ئىدىئال (غايە)غا ئىرىشتۈرۈپ، ‏جەمئىيەتنى تەرتىپ بوزۇلۇش ‏ۋە مەنىۋىي بۇلغىنىشتىن خالى قىلغان. ئىنساننىڭ قىممىتىنىمۇ، بولۇپمۇ ‏‏ئۇنىڭ ياخشى (سەمىمىي-ئىنسانچىل) ياكى يامان (قەبىھ – مۇستەبىت) ‏خۇسۇسىيىتىنى ئۇنىڭغا ‏سىڭگەن تەربىيە ئارقىلىق ئۆلچەشنىڭ سەۋەبىمۇ ‏مانا شۇ. ھېلىمۇ بۇزۇلغان جەمئىيەتلەردە تەربىيىنىڭ ‏بۇ جەھەتتىكى رولى ‏تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىنماقتا.‏

‏ ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنساندىكى ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ساپ تۇيغۇ تۇنجى ‏تەربىيە ۋاقتىدا يىتىلىشكە ‏باشلايدۇ. بالا بۆشۈكتىكى چاغدا ئانىنىڭ ئەللىيى ‏ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇ ‏سەۋەپلىك كىشىلەرنىڭ ‏ئەڭ سۆيىدىغىنى دەل ئانا تىل بولىدۇ. ئىنساننىڭ روھىنى تەشكىل قىلغان ‏‏تۇيغۇ، ئېتىقاد، ئەخلاق، زوق، ۋىجدان ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى دەل ئاشۇ تىل ‏ئارقىلىق شۇ ئىنسان ‏ياشاۋاتقان ۋە تەربىيىسنى ئالغان جەمئىيەتتىن ‏كېلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن سوتسىيولوگلار << مىللەت >> ‏ئوقۇمىنى << تىل، دىن، ‏ئەخلاق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى جەھەتتىن ئورتاق بولغان، يەنى ئوخشاش ‏‏تەربىيىنى ئالغان ئىنسانلاردىن شەكىللەنگەن توپ >> دەپ قارايدۇ. بۇ ‏دەل مىللەت ئىرق، ئېتنىڭ ‏مەنبە ۋە قانداشلىقتىن بەكرەك تۇيغۇنى ئاساس ‏قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر قانداق بىر ‏ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ‏تىل، تۇيغۇ، ئېتىقاد ۋە زوق جەھەتتىن ئورتاق بولغان ئىنسانلار بىلەن ‏بىرلىكتە ‏ياشاشنى خالايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ خاراكتېرى تەندە ئەمەس، ‏روھتا بولىدۇ. شۇڭا، ئىنساننىڭ ‏جىسمانىي ئالاھىدىلىكى ئىرققا تايانسا، ‏مەنىۋىي قىياپىتى (مەنىۋىي ماھارىتى) ئۆزى تەربىيىسىنى ‏ئالغان گۇرۇھ ‏ياكى مىللەتتىن كېلىدۇ. ئالىكساندىر ماكىدونوۋىسكىي (ئىسكەندەر ‏زۇلقەرنەيىن) نىڭ ‏مۇنداق بىر سۆزى بار: << مىنىڭ ھەقىقىي دادام فىلىپ ‏ئەمەس، بەلكى ئارىستوتىل. چۈنكى ‏بىرىنجىسى مىنىڭ جىسمىمنىڭ، ‏ئىككىنجىسى مىنىڭ روھىمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان.>> ‏‏مۇستاپا كامال << جىسمىمنىڭ ئاتىسى رىزا ئالى ئەپەندى، پىكرىمنىڭ ‏ئاتىسى زىيا گۆكئالپ>> ‏دېگەن. ھەقىقەتەن، ئىنسان ئۈچۈن مەنىۋىي ‏مەۋجۇتلۇق ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ‏شۇنىڭدەك تەربىيىنىڭ ۋە ‏ئىدىئال – غايىنىڭ مىللىي بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. نورمال بىر ئىنسان ‏‏تۇيغۇسى يىتىلىۋاتقان مەزگىلدە قايسى مىللەتنىڭ تەربىيىسىنى ئالسا، ‏ئۇنىڭغا شۇ مىللەتنىڭ ‏تۇيغۇسى سىڭىدۇ ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىدىئالى– غايىسى ‏ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. ئىدىئال – غايە ‏ئىنساننىڭ ھاياجان مەنبەسىنى ‏تەشكىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن تەربىيىسىنى ‏‏ئالمىغان مىللەتنىڭ ئىدىئالى- غايىسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھاياجىنىنى ‏قوزغىيالمايدۇ ھەم شۇ ئىنسان ‏ئۇنداق مىللەتنىڭ كىچىككىنە بىر ھاجىتى ‏ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىشنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە ‏تەربىيىسىنى ئالغان ‏مىللەتنىڭ ئىدىئالى- غايىسى ئىنساننىڭ روھىنى ھاياجانغا سالىدۇ. شۇ ‏كىشىمۇ ‏ئاشۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتىنى ‏قۇربان قىلىدۇ. بەخت قارىشىمۇ بۇ ‏ئارقىلىق قانائەت تاپىدۇ. ‏ئۇيغۇرلاردىكى << كاۋا ئىچىدە ئۆسسەڭ يومىلاق بولىسەن، تەرخەمەك ‏‏ئىچىدە ئۆسسەڭ ئۇزۇنچاق >>، << ئىشەككە ئەگشكەن ئاتمۇ ھاڭرايدۇ >> ‏دېگەن ماقال – ‏تەمسىللەردە بىر كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ۋە ‏ئەتراپقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولىشىنىڭ ‏دەل شۇ كىشى ‏ياشىغان جەمىئىيەت ۋە ئاشۇ جەمئىيەتتىن ئالغان تەربىيە بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏ئىكەنلىكى ناھايىتى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈلگەن . ‏

‏ تارىخنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىغا كەلگەندە، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە ‏تەرەققىيات ئېھتىياجى ئاشۇ ‏مىللەتكە ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىختا ‏ئىرىشكەن ھايات، جەمىئىيەت ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى ‏چۈشەنچىلىرىنى ۋە ‏ئىجادىيەتلىرىنى مىللەتنىڭ ۋارىسلىرىغا تۇيغۇ سۈپىتىدىلا ئەمەس، ‏بەلكى يەنە ‏پىكىر ۋە پەن سۈپىتىدە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭى بىر ‏كۈچ ۋە يېڭى بىر مەنبەگە ‏ئايلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرغان. ‏شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ساھەدە ياراتقان ‏بىلىم ۋە چۈشەنچە – ‏ئۇقۇملىرى سىسىتېمىلاشتۇرۇلۇپ، تەشكىللىك شەكىلدە بەلگىلىك بىر مىتود، ‏شەكىل ‏ۋە ئۇسۇل بويىچە يەتكۈزىلىشكە باشلىغان. مانا بۇ پەن بىلىملىرىنى ‏سىڭدۈرۈش (ئوقۇتۇش)نى ‏مەقسەت قىلغان مەكتەپ مائارىپى. دېمەك، ‏تەربىيە ئىنسانغا مىللىيلىكنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە ‏مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ‏تۇيغۇغا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگانسىز ھالدا يۈرگۈزىلگەن. مائارىپ ‏‏ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى ۋە ئوقۇملىرىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە مەيدانغا ‏كەلگەن. ئۇ پىكىر- ‏مىتودقا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگاننىڭ ۋاسىتىسى ‏ئارقىلىق يۈرگۈزىلگەن.‏

مەكتەپ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن تەربىيە مائارىپنىڭ تەركىۋىگە ‏قوبۇل قىلىنغان ۋە تېخىمۇ ‏قاراتمىلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا سىڭدۇرۇلۇش ‏ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن. نەتىجىدە مائارىپ ‏ئىنساننى روھىي ۋە بىلىم ‏جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ئاساسىي ۋاسىتە دەپ قارالغان. ‏دېمەك، ‏مائارىپ مىللىي مەدەنىيەت بىلەن مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەتتىن ‏ئىبارەت ‏ئىككى ئامىلنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، تەربىيە ‏مىللىيلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ‏ۋە ئىنساندا مىللىي سۈپەت يارىتىشنى ‏مەخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مائارىپتا مىللىي تەربىيىگە ‏قانداق ‏پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى مىللەتنىڭ كېلىچىكىنى ۋە شەخسنىڭ ‏تەقدىرىنى بەلگىلەپ ‏قويىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. ئەلۋەتتە مائارىپتا ‏تەربىيە تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە سەنئەت ‏قاتارلىق جەمئىيەت ‏پەنلىرى (ئىجتىمائىي پەنلەر) ئارقىلىق سىڭدۈرىلىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت ‏بۇنداق ‏پەن شەكلىدە يەتكۈزۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنبەسى، خاراكتېرى، ‏تەرەققىيات جەرىيانى ۋە ھاياتى كۈچى ‏تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىپ، مىللەتنى ‏چۈشۈنىش چوڭقۇرلىشىدۇ، مىللەتكە بولغان ھۆرمەت ۋە باغلىنىش ‏تېخىمۇ ‏كۈچىيىدۇ. ئەجدات بىلەن ئەۋلاد ئارىسىدا، تارىخ بىلەن كەلگۈسى ‏ئوتتۇرىسىدا ھېسيات ۋە ‏پىكىر كۆۋرۈكى ياسىغىلى بولىدۇ. مىللەتنىڭ ‏زىھنىي قۇۋىتىگە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھقا ۋە كۈچ-‏قۇۋۋەتكە قارىتا ‏ئىشەنچنىڭ شەكىللىنىشىمۇ پەقەت تەربىيە ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ‏سىڭىشى ‏نەتىجىسىدە مەيدانغا كىلىدۇ. << مىللىي مائارىپ >> دېيىلگەندە ‏كۆزدە تۇتىلىدىغىنىمۇ نوقۇل تىللا ‏ئەمەس، يەنە تەربىيىنىڭ ۋە جەمئىيەت ‏پەنلىرىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشىدۇر. بۇ يەردە ‏مۇھىمى بۇ ‏پەنلەردە مىللىيلىكنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىدۇر. ئەگەر مائارىپتا ‏جەمئىيەت پەنلىرى ‏مىللىيلىكتىن خالى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقسا ياكى ‏مائارىپ بىر ئىدىئولوگىيە تەرىپىدىن كونترول ‏قىلىنسا، روھ بىلەن ‏بىلىمنىڭ ماسلىشىشى، يەنى كىتاپ بىلەن ھاياتنىڭ مۇۋازىنىتى بوزۇلۇپ، ‏‏ئادەمنىڭ ئويلىغانلىرى تۇيغۇسىغا زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھادىسە يۈز ‏بىرىدۇ. يەنى پىكىر ‏بىلەن تۇيغۇ داۋاملىق تىپىشىدۇ. تەربىيە مىللىي ‏مەدەنىيەتنىڭ شەخسلەرنىڭ روھىدا ئەكىس ئېتىشى ‏بولغانلىقتىن، بىر ‏ئىنساننىڭ روھى باشقا مىللەتنىڭ باشقا دەۋردىكى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ‏‏تەركىپلىرى (ياكى داشقاللىرى) بىلەن تولدۇرۇلسا، شۇ كىشى گەرچە ھەر كۈنى ‏ۋە ھەر سائەت ئۆزىنىڭ ‏مىللىي مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاپ تۇرسىمۇ، لېكىن ‏ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە يات ئادەمگە ‏ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ‏بىلەن ئۇنىڭ روھىدا قارارسىزلىق، غەيرەتسىزلىك ۋە خاراكتېرسىزلىك ‏‏ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا، تۇيغۇغا ماس كەلگەن پىكىر <<تىرىك ‏پىكىر>> دېيىلسە، ‏تۇيغۇغا ماس كەلمىگەن پىكىر <<كۆلەڭگە پىكىر>> ‏دېيىلىدۇ. مائارىپتا مىللىي تەربىيىدىن مۇستەسنا ‏بولغانلار كاللىسى ‏پۈتۈنلەي كۈلەڭگە پىكىرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ غەيرەت ‏‏- ‏شىجائىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ ھەم تەرك ئىتىلگەن ‏ۋە ھەرىكەتسىز بىر ئەھۋالغا ‏چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر بىلىم جەھەتتىن ‏قانچىكى يۇقىرى سەۋىيىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خاراكتېر ‏جەھەتتىن ‏ئۈمىتسىز، گۇمانخور، چۈشكۈن ۋە روھىي كىسەل ئادەمگە ئايلىنىپ ‏قالىدۇ ۋە مىللىيلىكتىن ‏شۇنچە يىراقلىشىپ كىتىدۇ. نەتىجىدە مىللەتنىڭ بۈيۈك ‏قىممەت ئۆلچەملىرى مەسخىرە تېمىسىگە ‏ئايلىنىپ ئىنكار قىلىنىدۇ. ‏جەمئىيەتنىمۇ ئەخلاق كرېزىسى قاپلاشقا باشلايدۇ. دېمەك، بۇنداق مىللەتتە ‏‏بىلىمدە ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى روھ ۋە ئەخلاقتا ئەڭ ناچار ئادەم ‏بولۇپ چىقىدۇ. ‏

‏ تارىختا گېرمانلار بىلەن ئېنگلىزلار تەربىيە بىلەن بىلىم بىرىش- ‏مائارىپنى، يەنى تۇيغۇ بىلەن ‏پىكىرنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇشتا تۇنجى ‏بولۇپ ئۇتۇق قازانغان مىللەتلەردۇر. بۇ مىللەتلەردىكىگە ‏ئوخشاش ‏غەرپ‎ ‎ۋە شەرقتىكى نۇغۇن دۆلەتلەردە ۋە مىللەتلەردە تەدبىقلىنىۋاتقان ‏باشلانغۇچتا ‏تەربىيىنى ئاساس، بىلىم بىرىشنى قوشۇمچە قىلىش، ئوتتۇرا ‏مەكتەپ باسقۇچىدا تەربىيە بىلەن بىلىم ‏بىرىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش، ‏ئالىي مائارىپتا بىلىمنى سىستېمىلىق يەتكۈزۈشتەك مائارىپ سىياسىتى ‏‏ئۇلاردا بىلىم تەربىيىگە ئەگىشىدىغان ۋە پىكىر تۇيغۇنىڭ ئىزىدىن ‏ماڭىدىغان تەپەككۇر قورۇلمىسىنى ‏شەكىللەندۈرۈپ، مىللەت ئەزالىرىنى ‏خاراكتېرى ئېنىق، روھى ئازادە، غۇرۇر ۋە شەرەپ تۇيغۇسى ‏كۈچلۈك، ‏ئەجداتقا سادىق، مىللىي قەدىر – قىممەتنى ئەتىۋارلايدىغان، ئىلمىي ‏سالاھىيىتى ئۈستۈن ‏ۋە ھەر ئىشتا تەشەببۇسكار كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان ‏ۋە مىللىيلىككە شۇنچە يېقىنلاشتۇرغان. دېمەك، ‏بۇنداق مىللەتلەردە بىلىمدە ‏ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى روھى ئەڭ پاكىز ۋە ئەخلاقتا ئەڭ ‏مۇكەممەل ‏ئادەمگە ئايلانغان.‏

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تەربىيە ئىنسانغا مىللىي مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش ‏ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى ۋە ‏ھېسياتىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن ‏دورۇست ۋە خەتەرسىز ئادەمنى يارىتىدۇ. بىلىم بىرىش – ‏مائارىپ ‏‏(ئوقۇتۇش) ئىنساننىڭ مېڭىسىنى ۋە ئەقلىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن ‏كەسپ ئەھلىنى ‏يارىتىدۇ. ئىنسان پەقەت مانا شۇنداق پاكىز روھ ۋە ‏زۆرۈر بىلىمگە ئىرىشكەندىلا، ئاندىن مىللەت ‏ئۈچۈن بىر خىل بايلىققا، بىر ‏خىل كۈچكە ۋە مىللىي ئىستىقبال ئۈچۈن كىرەكلىك مەنبەگە ئايلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى