مىللىي دارامەت

ئورنى Wikipedia

ماددىي مەھسۇلاتلاردىن سەرپ قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئېشىپ قالغان قىسمى ئەمگەكچىلەر ياراتقان بايلىق ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنى تۇرمۇش ئىستېمالى ۋە كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمگەكچىلەر ياراتقان بارلىق بايلىق مىللىي دارامەت دېيىلىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :مىللىي دارامەت


چەتئەلچە نامى :national income

مىللىي دارامەت ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، تۈرلۈك ماددىي مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. ماددىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمگەكچىلەر ئەمگەك سەرپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ماشىنا، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا، يېقىلغۇ قاتارلىقلارنى سېلىنما ئورنىدا سالىدۇ. بۇ سېلىنما ئادەتتە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى دېيىلىدۇ.شۇڭا، ماددىي مەھسۇلاتلاردىن سەرپ قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئېشىپ قالغان قىسمى ئەمگەكچىلەر ياراتقان بايلىق ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنى تۇرمۇش ئىستېمالى ۋە كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمگەكچىلەر ياراتقان بارلىق بايلىق مىللىي دارامەت دېيىلىدۇ.

بۇيۇم شەكلىدىكى مىللىي دارامەت ۋە قىممەت شەكلىدىكى مىللىي دارامەت: مىللىي دارامەتنى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئەمگەكچىلەر يارىتىدۇ. بۇ تارماقلار يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش-ترانسپورت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پوچتا-تېلېگراف، سودا قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تارماقلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلاردىن سەرپ قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئېشىپ قالىدىغىنى بۇيۇم شەكلىدىكى مىللىي دارامەت بولىدۇ؛ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىدىن سەرپ بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ قىممىتىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكىسى قىممەت شەكلىدىكى مىللىي دارامەت، يەنى ئىجتىمائىي ساپ قىممەت بولىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • مىللىي دارامەت ھەققىدە
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

مىللىي دارامەت دۆلەتنىڭ مەلۇم مەزگىلدىكى(ئادەتتە بىر يىل بولىدۇ) ساپ كىرىمى بولۇپ، خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ھەمدە كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي مەنبەسى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت مىقدارى بىر دۆلەتنىڭ باي ياكى نامراتلىقىنىڭ بەلگىسى. شۇڭا، دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ۋە مىللىي دارامەتنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىزدە قامۇسى