مىللىي سودا ئۇيۇشمىس

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى – يىلى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قۇرۇلغان تور ئادىرىسى: http://uyuxma.com

ھازىر مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىدا 180 دىن كۆپرەك ئەزا ئورۇن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئويۇشما باشلىقى 1 نەپەر، باش نازارەتچى بىر نەپەر، دائىمى مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى 14 نەپەر، مۇئاۋېن ئۇيۇشما باشلىقى 15 نەپەر، دائىمى ئەزالار 7 نەپەر ، ئەزالار 142 نەپەر بولۇپ  ئۆي – مۈلۈك، يىمەك ئىچمەك، سودا ، دوختۇرخانا ، دورىگەرلىك، مەدەنىيەت قاتارلىق 10 نەچچە كەسىپكە چېتىلىدۇ.

1.      مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ خاراكتىرى :  شىنجاڭلىىقلار شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان سودا سانائەت كارخانىسى، شىركەت ئىقتىسادى تەشكىلات، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىتىگە ئىگە  ئىجتىمائىي تەشكىلات.

2.      مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ نىشانى :

جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ دىڭشىاۋپىڭ نەزەرىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ، ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئىزچىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ جۇڭگۇ كومپارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە، مىللىي رايۇن ۋە ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە، ھەر مىللەت خەلقى  ئىناق ئىتتىپاق بولۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلىقنى باي قىلىش ستىراتىگىيىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش.   پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مىللىي سودا سەھەسىگە مۇلازىمەت قىلىش. ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، مىللىي كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش، مىللىي كارخانلارنى قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا  تىجارەت قىلىشقا يىتەكلەش. ئاڭلىق ھالدا نورمال بازار ۋە ئىقتىسادى تەرتىپنى قوغداپ، ياخشى ئوبراز تىكلەش.  كوللىكتىپنىڭ ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ مىللىي كارخانىلارنى ساغلام تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش.

3.      مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ كەسىپ دائىرىسى

(1)   پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ لۇشىيەن فاڭجىن سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.  ئەزالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، ياردەم بېرىپ، يىتەكلەپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەسىپنى سۆيۈش، سەمىمىيلىك، قانۇنغا رىئايە قىلىش، بېغىشلاش تەربىيىسى بېرىپ ، ئەزالارنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۈتۈرۈپ. كارخانا ئوبرازىنى يارتىش.

(2)    ئەزالار ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەزالارنى قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشقا ، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش، بازار ئېچىش، ئادىل تەرتىپلىك رىقابەتلىشكە يىتەكلەش.

(3)   ئەزالارنى ئۇچۇر، تېخنىكا، باشقۇرۇش، قانۇن، بۇغالتىرلىق، مەبلەغ، بازار ئېچىش قاتارلىق تۈرلەردە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر خىل تەربىيىلەش، سودا سۆھبىتى، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرپ ئەزالار ئارىسىدا بايلىقلارنى    بىرىكتۈرۈپ  ئورتاق پايدىلنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

(4)   ئەزالارنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتنىشىش جەھەتلەردىن يىتەكلەش.

( 5) يەرلىك  ھۆكۈمەت ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ  ئەزالارنىڭ پىكىر، تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ  ئەزالارنىڭ يوللۇق تىجارەتلىرىنى ،  قانۇنلۇق مەنپەتىنى قوغدايدۇ.

6. ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ،  ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئەزا كارخانىلارنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادى، تېخنىكاجەھەتلەردىن ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

7. دوسلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ساياھەت، چاي سۆھبەت، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ  ئەزالار ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىمىز.  

8. ھەر خىل يوللار بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەلئارا سودا ئۇيۇشمىلىرى، كارخانانىلار بىلەن  كەڭ ئالاقىلىشىپ مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تاشقى ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ ، مەبلەغ جەلىپ قىلىش، تۈر ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئەزالارنى يىتەكلەپ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايمىز.