مىللىي مەپكۇرە

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

بىر قىسىم ياشلار مۇنداق سورايدۇ:

«مەپكۇرىلەر تارىخىي داۋالغۇشلاردىن، ئىجتىمائىي بوھرانلاردىن تۇغۇلغان ئىكەن، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئوخشىمىغان ۋەزىيەت ۋە شارائىتنىڭ تەسىرىدە تۇغۇلغۇسى يېڭى بىر مەپكۇرىنىڭ مىللەتچىلىك سەۋداسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئەمەلىيەت ئەمەسمۇ؟ مەسىلەن، يېقىن ياكى يىراق كەلگۈسىدە سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنىڭ مىللەتچىلىك ئېڭىغا چاڭ سېلىش ئېھتىمالى يوقمۇ؟».

بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىشىم مۇمكىن:

− مەپكۇرە دېگىنىمىز، ئاساسىي جەھەتتىن مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئۆز ئەزالىرى تەرىپىدىن ئاڭقىرىلىشى بولۇپ، قۇياش نۇرىمۇ بىر لىزىنىڭ چىپ ئوتتۇرىسىغا مەركەزلەشمىگۈچە ئوت ئالمىغىنىغا ئوخشاش، ئىجتىمائىي توپمۇ تاكى غەليانلىق بىرەر كوللېكتىپ ھادىسە يۈز بەرمىگۈچە ئۆزىدە بار بولغان «ئۇلۇغۋارلىق» سۈپىتىنى نامايان قىلمايدۇ.

لېكىن بۇ ئۇلۇغۋارلىق ئاڭلىق تۈسكە كىرىشتىن بۇرۇنمۇ ئۆزى مەنسۇپ بولغان توپنىڭ روھىي بىرلىكىدە ئاڭسىز ھالەتتە مەۋجۇت ئىدى. غەليانلىق كوللېكتىپنىڭ ۋەزىپىسى توپنىڭ نازۇك مەۋجۇدىيىتىنى يىرىك بىر ماددىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۇنىڭ «يارالمىش خاراكتېر»ىدە كۆمۈلۈپ ياتقان بۇ «رېئاللىق»نى ئۆزى تەۋە بولغان ئۇلۇغۋار ھالىتىدە شەخسلەرگە نايامان قىلىشتۇر.

غەليانلىق كوللېكتىپلار دەسلەپتە «ئاددىي ھالەتتە مەۋجۇت» بولغان بىر توپنى «مۇرەككەپ شەكىلدىكى مەۋجۇتلۇق» ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەپكۇرىنىڭ بايقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

مەپكۇرىنىڭ يوقتىن بارلىققا كېلىشى «ئاڭسىز» باسقۇچتىن «ئاڭلىق» باسقۇچقا ئۆتۈشى دېمەكتۇر.

ئوسمانلىچىلىق، ئىسلامچىلىق ۋە تۈركچىلىك مەپكۇرىلىرى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنمۇ ئوسمانلى دۆلىتى، ئىسلام ئۈممىتى ۋە تۈرك مىللىتى مەۋجۇت ئىدى.

ياۋروپادا چوڭ كارخانىلار ئىشچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم مەپكۇرىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىن بۇرۇنمۇ ئىشچىلار سىنىپى تارقاق ھالەتتە مەۋجۇت ئىدى.

دېمەك، مەلۇم بىر توپ بوھرانلىق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ۋىجدانىدا «مەن تېخى ھايات» دەيدىغان ئاڭ جۇش ئۇرالىشى ئۈچۈن دەسلىپىدىن تارتىپ خۇسۇسىي بىر تەشكىلات شەكلىدە بەلگىلىك مۇئەسسەسەلىرى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇشى لازىم. شۇنداقلا بۇ تەشكىلات مەيلى سىياسىي، مەيلى دىنىي، مەيلى تىلدىكى ئورتاقلىق خاراكتېرىدە بولسۇن، قانداقتۇر بىر ھالەتتە دەسلەپتىلا مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق بىر غەليانلىق كوللېكتىپ بەلگىلىك بىر ئۆتمۈشى يوق، توساتتىن پەيدا بولغان بىر توپنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمايدۇ. رېئاللىقتا بار بولغان بىرەر تەشكىلاتقا تايانمىغان كوللېكتىپلاردىن بىر مەپكۇرە شەكىللىنىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاساسىي جەھەتتىن بۇنداق بىر كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالىمۇ يوق. چۈنكى ئاددىي ھالەتتە مەۋجۇت بولغان نەرسىنىڭ ھامىنى مۇرەككەپلىشىشى مۇقەررەر.

بۇ ئىپادىلەردىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىدۇ:

− كەلگۈسىدە بارلىققا كېلىدىغان زور بىر كوللېكتىپ ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداقتۇر بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولغان كوللېكتىپلاردىن بىرىگە تايىنىدۇ. كەلگۈسى شەكىللىنىدىغان بىر مەپكۇرىمۇ چوقۇم ھازىرقى توپلاردىن بىرىنىڭ كىرىزىسقا پېتىشىدىن پارتلاپ چىقىدۇ.

شۇنداق بولغان ئىكەن، مەۋجۇت توپلار ئىچىدە قايسى توپ تەشكىلاتچانلىققا ئەڭ باي ھەم ئەڭ كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە باشقا توپلارنىمۇ ئۆز تەشكىلاتىغا قوشۇۋېلىپ، يۇتۇۋالالىسا، ئۇلۇغۋار مەپكۇرىنىڭمۇ شۇ توپنىڭ داۋالغۇشىدىن شەكىللىنىشى مۇقەررەر.

ئەمدى بۇ  چوڭ توپنى ئىزدەپ باقايلى:

مەۋجۇت توپلار ئىچىدە بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىيەلەيدىغىنى پەقەت ئوخشاش تىللىق توپلار، يەنى بىر مىللەت كىشىلىرىدۇر. چۈنكى ئالدى بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر ئۇرۇقتىن كەلگەن ئىنسانلار بولغاچقا، بىر مىللەت دېمەك بىر «قەۋم» دېمەكتۇر.

تىل ۋە قەۋم ئۇقۇملىرى بىر-بىرىگە شۇ دەرىجىدە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنكى، بۈگۈنكى دەۋردە «ئانتروپولوگىيە»نىڭ سىرتىدا «ئىرق» ھەققىدە گەپ بولۇنسا، تۇنجى بولۇپ ئەسكە كېلىدىغىنى ئۆزئارا تىل ئورتاقلىقى بولغان «قەۋم-قېرىنداشلىق»تۇر.

«ھىند-ياۋروپالىقلار»، «سامىيلەر»، «بانتۇلار» ۋە «ئۇرال-ئالتايلىقلار» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىرقلار قەۋملەردىن، يەنى ئورتاق تىللىق ئىنسانلاردىن باشقىلار ئەمەس. ئانتروپولوگلارنىڭ قارىشىچە، ھەتتا ھىند-ياۋروپالىقلار ئارىسىدىمۇ «ھەقىقىي ئىرقلار»نى كۆرسىتىدىغان «ئۇزۇن باش-سېرىق تەنلىك»، «ئۇزۇن باش-قوڭۇر تەنلىك» ۋە «سوقا باش قوڭۇر تەنلىك»لەردىن ئىبارەت ئۈچ تىپنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت. مەسىلەن، گېرمانلار ئاساسىي جەھەتتىن «ئۇزۇن باش-سېرىق تەنلىك»، ئىسپانلار ۋە جەنۇبىي ياۋروپالىقلار «ئۇزۇن باش-قوڭۇر تەنلىك»، ئىسلاۋلار «سوقا باش قوڭۇر تەنلىك» تىپلارغا مەنسۇپتۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنى ئالساق، مۇشۇ ئۈچ تىپنىڭ ھەر بىرىنى ئوخشىمىغان نىسبەتتە ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

مۇشۇ شەكىلدە «قەۋم» ئىپادىسىدىن «بىر تىل سىستېمىسى»نى كۆزدە تۇتىمىز. «ئىرق» كەلىمىسىنمۇ «ئارىسىدا ئوخشاشلىق تېپىلغان تىپلار» دەپ چۈشىنىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، قەۋم قەدىمكى زامانلاردا «ئورتاق تىللىق كوللېكتىپ» ھالىتىدە ياشىغان، كېيىنكى مەزگىللەردە ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن بىر مىللەت دېگەنلىكتۇر. «ئىرق» سۆزىگە كەلسەك، بۇ سۆزمۇ مەنسۇپلىرى بىر جايغا توپلاشقان ھالەتتە ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەتلەر ئىچىگە چېچىلىپ كەتكەن ئاناتومىيەلىك ئورتاقلىققا ئىگە تىپلاردىن ئىبارەتتۇر. ھازىرقى دەۋردە مەنسۇپ بولغان توپتىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان «ئىرق»، شەكسىزكى ئاناتومىيەلىك ئورتاقلىققا ئىگە بىر تىپ ئەمەس، بەلكى ئورتاق تىلى ۋە ئۆتمۈشى بولغان بىر توپ ھالىتىدىكى «قەۋم»دۇر. ئورتاق تىلغا ئىگە بىر كوللېكتىپ، يەنى بىر مىللەت مۇشۇ توپنىڭ بىر تارمىقى ئەمەسمۇ؟

ئىككىنچىدىن، تىل پىكىر ۋە تۇيغۇلارنىڭ توشۇغۇچىسى، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ يۆتكىگۈچىسى بولغاچقا، شۇ تىلنى قوللانغان بارلىق كىشىلەرنى ئوخشاش ھەۋەس ۋە خاھىشلارغا، ئوخشاش ۋىجدان ۋە تەپەككۇرغا ئىگە قىلىدۇ.

مۇشۇ شەكىلدە ئورتاق ئاڭغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئوخشاش دىننى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولۇشى ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋالدۇر. شۇڭا ئورتاق تىلغا مەنسۇپ توپلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئوخشاش دىننى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. دەسلەپتە بىر قىسىم خۇسۇسىي سەۋەبلەر بۇ دىنداشلىققا ئازدۇر-كۆپتۇر توسالغۇ بولغاندەك قىلسىمۇ، تارىخ بىزگە ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئوخشاش دىنغا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، يېڭى لاتىنلار كاتولىك، گېرمانلار پروتەستان، ئىسلاۋلار ئورتودوكس دىنىغا مايىل بولغان. ئۇرال-ئالتايلىقلار خىرىستىيان بولغان، تۈركلەر دەسلەپتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇددا، مانىي، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا كۆپ سانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدىكى ياقۇتلار شامان دىنىدا قالغاندىن سىرت، پۈتكۈل تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن.

ياقۇتلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرمەي قېلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتە تۈرك دۇنياسىدىن يىراق جايدا ياشىغانلىقىدۇر. بۇلار يا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تۈركلۈكىنى ساقلاپ قالىدۇ، ياكى خىرىستىيانلىشىپ، تامامەن رۇسلىشىپ كېتىدۇ.

تىل ئوخشاش دىننى قوبۇل قىلىشقا تەسىر كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش، دىنمۇ ئوخشاش مىللەتكە مەنسۇپ بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەينى چاغدا فرانسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان پروتەستان فرانسۇزلار گېرمانىيەگە بېرىپ گېرمانلىشىپ كەتكەن بولسا، قەدىمكى بۇلغارىستاننىڭ تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلاۋلىشىپ كەتكەن. ھازىر تارقاق ھالەتتە دۆلىتىمىزگە كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم تۈرك بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن تۈركلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈمەيۋاتامسىلەر؟ ئۇنداق بولغانىكەن، تىلداش توپ بىلەن دىنداش توپلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۈزۈلمەس بىر رىشتە بار.

ئۈچىنچىدىن، «ئەسكىرىي مەجبۇرىيەت» ۋە «مىللىي ھۆكۈمرانلىق» ھەققىدىكى پىرىنسىپلار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن «ۋەتەن» مۇداپىئەسى ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن سىپاھلارنىڭ، «دۆلەت»نىڭ ئىدارە قىلىنىشى پەقەت ھۆكۈمدار ئالدىدىلا جاۋابكار ئەمەلدارلار سىنىپىنىڭ چاڭگىلىدىن چىقىپ كەتتى. رەكەتكىدىن باشقا قورالى بولمىغان يېزىلىقلار بىلەن بىرلىكتە دەم ئېلىشقا كۆنۈپ كەتكەن بازارلىقلار ئەسكەر بولدى، باشقۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان خەلق ھۆكۈمەتنىڭ نازارەتچىسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى ئەسكەرلەرنى «ۋەتەن» مۇھەببىتى بىلەن يېتىشتۈرۈش، نازارەتچى خەلقكە سايلام مەجبۇرىيىتىنى ئۆگىتىش بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ خەلقنى تەربىيەلەش ۋە مائارىپنى قانات يايدۇرۇش مەسىلىسى تۇغۇلۇپ، تەلىم-تەربىيەنىڭ قايسى تىلدا بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە دۆلەت بىلەن گىراژدان قەۋملەر ئارىسىدا زىددىيەت چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

دۆلەتلەر رەسمىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، ھەر قايسى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ تەلىم-تەربىيە تىلى قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى.

شۇ سەۋەبتىن كېيىنكى ئەسىردە مەيلى «دۆلەت»نىڭ، مەيلى «ۋەتەن»نىڭ بىر تىلغا تەۋە توپقىلا تايىنىۋالسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئاۋىسترىيە بىلەن ماجارىستاندىكىگە ئوخشاش ئورتاق تىلغا مەنسۇپ بولغان ئىككى توپ ئاساس قىلىندى. ھازىرقى كۈندە ياۋروپادا پەقەت ئورتاق تىلغا مەنسۇپ توپلارغا تايانغان «دۆلەت»لەرنىڭ ئىستىقبالىغا ئىشەنچ قىلىنىدۇ، ھەر تىلغا مەنسۇپ توپ ھېچبولمىسا مىللىي ۋەتەننىڭ مەنىۋى چېگراسىنى بولسىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قانداق بىر كەلگۈسىگە ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.

ئەمدى ھەر كىم چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىكى، گىراژدانلار ئارىسىدا ئورتاق بولغان «دۆلەت» ۋە «ۋەتەن» پىكىرى ئاشىقسىز، تۇيغۇسىز ۋە مەنىۋىيەتسىز ئۇقۇملاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئورتاق مەشۇق بولمىغىنىغا ئوخشاش ئورتاق ۋەتەن ھەم يۇرتمۇ بولمايدۇ.

ئورتاق ئاڭغا تايانمىغان بىر دۆلەت گىراژدانلىرى ھامىنى بىر-بىرىنى يۇتۇۋېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ يۇرتى بولمىغان دۆلەت، گىراژدانلار پەقەت قورسىقىنى توقلاپ كېتىدىغان بىر بىنادىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دۆلەت ھەم ۋەتەننىڭ مۇئەسسەسەلىرى مىللىي مەپكۇرىگە تايانغان ۋاقتىدا ئۇزۇنغىچە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. ناۋادا گىراژدانلارغا تايانسا ھامىنى مۇنقەرز بولىدۇ.

مەپكۇرىسىز كىشىلەر شەخسىيەتچى، مەنپەئەتپەرەس، ئۈمىدسىز، چۈشكۈن، ئىمانسىز ۋە قورقۇنچاق بولغاچقا، بۇنداق ئادەملەر «ئۇچۇپ يۈرگەن توزان»غا ئوخشايدۇ. دۆلەتلەر چوقۇم مىللىي مەپكۇرىگە تايىنىشى ھەمدە ھەر ۋەتەن قانداقتۇر بىر مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولۇشى كېرەككى، دۆلەت گىراژدانلىرى ئارام-خۇدا ياشىسۇن.

ئەمدى شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئورتاق تىلغا ئىگە توپ بىرلا ۋاقىتتا «دۆلەت» ھەم «ۋەتەن» ئۇقۇملىرىغىمۇ ئىگە. ئائىلە، سىنىپ، ھۈنەرۋەرنلەر بىرلەشمىسى، يېزا، جەمەت ۋە دىن دائىرىلىرىگە ئوخشاش كىچىك توپلارمۇ مىللىي گەۋدىنىڭ پارچىلىرىدۇر. ئائىلە بىر دىنغا مەنسۇپ كىشىلەردىن تەركىب تاپىدۇ ھەم پەقەت بىر مىللەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. باشقا توپلارمۇ ئائىلىگە ئوخشاشلا تىل ۋە دىنىي جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتنىڭ خۇسۇسىي تەشكىلاتلىرى ھالىتىدە قالىدۇ.

قىسقىسى، قەۋمگە، ئۈممەتكە، دۆلەتكە، ۋەتەنگە، ئائىلىگە، سىنىپقا، ھۈنەرۋەنلەرگە ۋەھاكەزالارغا مەنسۇپ بولغان قانچىلىك مەپكۇرە بولسا، ھەممىسى مىللىي مەپكۇرىنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر. ئىجتىمائىي مۇكەممەللىك ماددىي ئامىللارنىڭ ئورنىغا مەنىۋى ھەم  ئاڭ ئامىللىرىنى قويغان ۋاقتىدا، بۇلارنىڭ يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى بولغان تىلنىڭ قىممىتى ۋە تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئاشىدۇ ھەمدە مۇشۇ شەكىلدە مىللەتچىلىك ئېڭى ئەبەدىي مەپكۇرىگە ئايلىنىدۇ.

دەرۋەقە، تۈركىيەدە كەڭ كۆلەمدە سانائەتلىشىش بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بىزدىمۇ سوتسىيالىزم مەپكۇرىسى تۇغۇلىدۇ. لېكىن بۇمۇ باشقا كىچىك مەپكۇرىلەرگە ئوخشاش مىللىي مەپكۇرىنىڭ ياردەمچىسى ھالىتىدە قالىدۇ. ياۋروپا مىللەتلىرىدە سوتسىيالىزم ئۈزلۈكسىز كۈچىيىش بىلەن بىرگە، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئورنىنى مىللىي مەپكۇرىگە بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. سىياسىي كۈرەشلەردىن قەتئىينەزەر، ھەتتا ئىقتىسادىي ساھەلەردىمۇ سىنىپ مەپكۇرىسى مىللەت مەپكۇرىسىگە بويسۇنىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، يەنىمۇ چوڭقۇر نەزەر سېلىنسا، دىن، ئەخلاق، قانۇن، سىياسەت، ئىقتىساد، ئىلىم ۋە گۈزەل سەنئەت قاتارلىق پۈتۈن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ بىردىنبىر جەۋھىرى تىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ قىممەتكە ئىگە بولۇشى تىلنىڭ ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكى دېمەكتۇر.

تىل ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسى، مەنىۋىيەتنى بېيىتقۇچى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، -قايسى توپقا ۋە قايسى پائالىيەتكە مەنسۇپ بولسۇن- كەلگۈسىدىكى پۈتۈن ئىجتىمائىي ھادىسىلەر –يا بىۋاسىتە، ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا- ئۈزلۈكسىز تىلداش توپنى مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ ھەمدە مىللەت مەپكۇرىسى ھەر قانداق بوھراندىن چوقۇم –تېخىمۇ تېتىك، تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە- پارتلاپ چىقىدۇ.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «ئىسلاملىشىش، تۈركلىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى