مىللەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا

ئورنى Wikipedia

ئابرال

بىر مىللەتنىڭ روھى قۇللۇققا تولمىغىچە، بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە ئىرادىسى سۇنمىغىچە ئۇ مىللەتنى بوي سۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەسىرلەردىن بىرى بار بولۇپ كەلگەن مىللىي بىر رۇھ ۋە كۈچلۇك بىر مىللىي ئىرادىگە ھېچقانداق بىر قۇدرەتلىك كۈچ تەڭ كىلەلمەيدۇ.

– مۇستاپا كامال

ھازىرقى دەۋىر بولسا خىتاينىڭ ئۆز تارىخىدىكى سىياسىي ، ئىقتىسادى، ھەربىي جەھەتتىن ئەڭ تەرەققى قىلغان ۋە بۇلارغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچراۋاتقان

ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى ئەڭ يۇكسەلگەن دەۋرلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بىز قانداق قىلىپ خىتاينىڭ ھازىرقى زۇلىمىدىن تىز ئارىدا قۇتۇلالايمىز ۋە ھەققى مەنىدىكى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۇرەلەيمىز؟

بىز قانداق قىلغاندا ئۆز مىللىتىمىزنى باشقا تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزالايمىز؟

مىنىڭ ئائىلەمنى، دوستلىرىمنى، جۈملىدىن پۈتۈن خەلقىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشتۈرەلەيمەن؟

نىمە ئۈچۈن داۋاملىق باشقىلارنى ئۈلگە قىلىمىز؟ باشقىلار بىزنى قاچان ئۈلگە قىلىدۇ؟

قانداق قىلغاندا قانۇنى جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىيالايمىز؟

نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ قەدىرىنى ئۆزىمىز قىلمايمىز؟

نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئۇزلۇكسىز يېتىلدۇرمەيمىز؟

نىمە ئۈچۈن باشقىلارنى دوراشقا مەجبۇر بولىمىز؟

نىمە ئۈچۈن مىللەتنىڭ سەرخىللىرىنىڭ قەددىرىنى قىلمايمىز؟

نىمە ئۈچۈن مۇقەدەس دىنىمىز ئىسلامنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تونۇپ يىتىپ، مىللىتىمىزنىڭ يۇكسىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلىمايمىز؟

مانا مۇشۇ يۇقارقى سوئاللارنى ئۆز-ئۆزىگە قويالىغان ۋە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزىنى ھەرجەھەتتىن يىتىلدۈرۈپ مېڭىشقا تېرىشىۋاتقان كېشىلىرىمىز بولسا پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىدۇر.

مىللەتچىلىك بىلەن مىللەتپەرۋەرلىك ئوتتۇرىسىدا ناھايىتىمۇ ئىنچىكە بىر سىزىق بار بولۇپ، بۇ سىزىقتىن ئۆتتۇقمۇ مىللەتچى بولۇپ قالىمىز. شۇڭا بىز ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيىمىز دەپ باشقا مىللەتلەرنى تۆۋەن كۆرۇش ئىدىيەسىدىن قەتىئىي ساقلىنىشىمىز لازىم. بىز ھەر ۋاقىت ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تەرەقىياتىنى ئويلاش بىلەن بىرگە باشقا مىللەتلەر بىلەن دوستانە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيەتىنىڭ تەرەقىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچى دەپ بىلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز مىللىتىمىزنى ئويلاش بىلەن بىرگە ئىنسانلىقىمىزنى ھەر ۋاقىت ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كىرەك. چۈنكى بىز ئىنسانلار ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ پۇشتىدىن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان.

رەڭگارەڭ گۈللەر بىر گۈل دەستە بولسا شۇنداق گۈزەل كۆرۇنىدۇ. ئۇلۇغ تەڭرى ياراتقان ھەر ئىرىقتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭمۇ ئوخشاش بىر كۆك ئاسمان ئاستىدا ياشىشى خۇددى ئاشۇ رەڭمۇرەڭ گۈل دەستىسىدەك گۈزەل كۆرىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ تەڭرى يالغۇز بىر ئىرىقتىكى، بىر مىللەتنىلا ياراتقان بولاتتى.

ئۇنداقتا مىللەتپەرۋەرلىكنى قانداق چۈشىنىمىز؟

بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئاۋۋال مىللەتنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى مىنىڭچە بىلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.

مىنىڭچە مىللەت دىگەن:

كوللىكتىپ بىر نامغا ئىگە بولغان.

ئورتاق بىر قانداشلىق مۇناسىۋەتگە ئىگە بولغان.

ئورتاق بىر تارىخقا ۋە ئورتاق بىر تۇتۇمغا ئىگە بولغان.

ئورتاق ئۆرپە-ئادەت ۋە ئوخشاش بىر مەدەنىيەتگە ئىگە بولغان.

ئورتاق بىر جۇغراپىيەدە ياشايدىغان.

نۇپۇسىنىڭ ئاساسى بىر قىسمى ئورتاق بىر دىنغا ئىتىقات قىلىدىغان.

ئورتاق بىر تىل –يېزىققا ئىگە بولغان بىر قەۋىم مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇقەددەس كىتاۋىمىز قۇرئاننىڭ ھۆجۇرات سۈرىسىنىڭ 13-ئايېتىدە، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ:

„ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن (ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. …“

مانا بۇ ئايەتتە ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشى ئۈچۈن ھەر خىل مىللەت قىلىپ، بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىغىنى قەيت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىللەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئوخشاش ئەمەستۇر. ھېچبىر مىللەت، ھېچبىر ئۆلكە، ھېچبىر خەلق، ھېچبىر تارىخ ۋە ھېچبىر دۆلەت باشقا بىرسى بىلەن ئوخشاش ئەمەس. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مەخسۇس مەدەنىيەتى ۋە مىللىي خارەكتىرى بار.

بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا ئوخشاش بولمىغان ئاتوم زەرىچىلىرىگە ئىگە بولغان تۆمۇرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىنى بولمىغاندەك، مىللىي پىسخىكىنى، مىللىي خارەكتىرنى، مىللىي ئۆزلۇكنى ۋە مىللىي قىممەت قارىشى بىر-بىرىدىن پەرىقلىق بولغان ئىنگىلىزلارنى گېرمانغا، گېرمانلارنى ئىتالىيانغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىمۇ باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەمدى بىز يۇقارىقى ئالاھىدىلىگىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىمىز. چۈنكى بىز يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرلىك تارىخى دەۋرىدىن بىرى باشقا مىللەتلەر ئىچىدە ئاجىز ھەم ئاز سانلىق بولۇپ ياشاۋاتقان بىر مىللەت بولغانلىغىمىز ئۈچۈن بىزنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدا نۇرغۇن ئاجىزلىقلار بىخ ئۇرۇپ چىققان، مەسىلەن:

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدە بەزى ئىنسانلىرىمىزدا ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى ئىچىدە باشقىلارغا بىقىنىش پىسخىكىسى يىتىلىپ چىقىدۇ. ئۆز-ئۆزىدىن داۋاملىق ئۇزاقلىشىدۇ، باشقىلارنى داۋاملىق ئۆزىگە ئۇلگە قىلىدۇ. بىقىندا ھالەتتە تۇرۇپ ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىش مىللەتنىڭ پىسخىكىسىغا چۈشكەن مەددە قۇرۇتتۇر. بىقىندىلىق ئىچىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىزلىك بىلەن باشقىلارغا ھەيرانلىق ھىسياتى بىلەن قارايدۇ، بۇ تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بىقىندىلىق ئۇلگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق بىقىندىلىق ئۇلگىسىدىكى كىشىلەر بارا-بارا يۇرۇش-تۇرۇشتا ھەتتا روھى ھالەتلىرى ۋە ئىچكى ھىسياتتىمۇ ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئۆزىگە ياد بىر مىللىي پىسخىكا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

يەنە بەزى ياشلىرىمىزدا بولسا ئۆزىدىكى مەنىۋىي بوشلۇقلارنى ۋاستىلىق تولتۇرۇش ئۈچۈن مىللەتپەرۋەرلىكتىن پۈتۈنلەي مۇستەسىنا، ھەتتا مۇقەدەس دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئەڭ ئىسىل مۆتىدىل يوللىرىنى تۇتقان ئەجداتلىرىمىزنىڭ يولىدىن كېچىپ، غەيرى ئىدىئولوگىيەلەرگە تۇتۇلۇپ، غەيرى دىنى مەزھەپلەرنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە مىللەتنىڭ يۇكسىلىشىگە زىيان سېلىپ، بىلىپ بىلمەي باشقىلارنىڭ رەزىل ئويۇنلىرىدا رول ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك روھى بولسا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى بىر روھ، بىر تەن قىلىپ، مىللىتىمىزنى ئەبىدى ساقلاش ۋە قوغداش يولىدۇر. دىننى قوغداش بولسا ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىكى ئىشتۇر. ئاللاھ بۇ مۇقەدەس دىنىمىز ئىسلامنى تا قىيامەتكىچە قوغداشقا ئۆزى ۋەدە قىلغان. بۇ ئاللاھنىڭ قۇدىرىتى دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. بىزنىڭ قۇدرىتىمىز ئارانلا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز مىللىتمىزنى ئەبىدى ساقلاپ قىلىشقىلا يىتىدۇ، خالاس.

روسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن ل. تولوستوينىڭ دۇنياغا مەشھۇر بولغان “ئاننا كارېننا” ناملىق رومانىنىڭ بىرىنجى جۈملىسى مۇنداق باشلانغان: «بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ئەمما بەخىتسىىز ئائىلىلەرنىڭ بەخىتسىزلىكىنىڭ سەۋەپلىرى ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە». مانا مۇشۇ ھېكمەتكە تولغان جۈملىنى بىز ئائىلىدىن ھالقىپ، مىللەتلەرگە تەدبىقلىساق، بەخىتلىك مىللەتلەرنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەپلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما بەخىتسىز مىللەتلەرنىڭ بەخىتسىزلىكىنىڭ سەۋەپلىرى ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ سەۋەپلەرنى ھەربىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلمىغىچە بەخىتلىك بولالمايدۇ.

سۈرە رەئىدە 11-ئايەت: «ھەرقانداق بىر قەۋىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆرگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ…»

بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئورنىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزدىكى مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي رۇھنى جانلاندۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىرىلىشى، مۇستەققىللىغى، كۈچلىنىشى ۋە تەرققىي قىلىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملىك ۋاستە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى جانلاندۇرۇشتۇر.

قۈياشنىڭ ئاستىدا بەخىتلىك ياشاشقا بولىدىغان بىر يەرنى ھەر ئىنسان ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئارزۇ بىلەن ئىنسانلار ئۆز كىملىكىنى، ئۆز قەدىرىنى، مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەرلىكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداش چۇشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ. مانا ماشۇ سەۋەپتىن ھەر يەردە مىللەتپەرۋەرلىك بولىدۇ.

ھەرقانداق بىر مىللەتتىكى مىللەتپەرۋەرلىك ئۆزىنى ئەڭ قەدىمى مىللەت ۋە ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللەت دەپ قارايدۇ. مەسىلەن:

يەھۇدىلار ئۆزىنى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە خەلق ھەمدە يەھۇدىلار بولسا “پەقەت ۋە پەقەتلا قۇل بولمايدۇ، يەھۇدىلار تەڭرىنىڭ ئالاھىدە قەۋىمى” دەپ قارايدۇ.

تۈركلەر بولسا “يۇقارىدا كۆك ئاسمان، ئاستىدا يەر گۇمران بولمىغىچە، ۋەتىنىم ۋە ھۆكۈمرانلىقىمنى ھېچكىم ئۆرەلمەيدۇ” دەپ قارايدۇ.

خىتايلار بولسا ئوخشاشلا ئۆزلىرىنى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللەت، بىز ھەمدىن ئۇلۇغ دەپ، ھازىر “خىتايلارنىڭ رۇھى”نى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتپەرۋەرلىك رۇھ. شۇڭا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى مىللەتپەۋەرلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ھەم شۇنداق.

مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ.

1. مىللەتپەرۋەرلىك بىر مىللەتنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر كۈچ.

2. مىللەتپەرۋەرلىك مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى كۈچ. خىتايلارنىڭ مىللەتپەۋەرلىك روھى ئۆز ۋاقتىدا ياپوننى جوڭگۇ زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشتا جوڭگۇلۇقلارنى بىرلەشتۇرگەن.

3. مىللەتپەرۋەرلىك ھەرگىزمۇ بۆلگۈنچىلىك بولماستىن، بەلكى ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئاستىدا بىللە ئالغا ئىلگىرلەشكە كاپالەتلىك ئىگە قىلىدىغان ئامىلدۇر.

4. مىللەتپەرۋەرلىك ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ھەركەتلەندۇرگۇچى كۈچ.

(مەسىلەن: خىتايلار ھازىر مۇشۇ مىللەتپەرۋەرلىك روھىدىن پايدىلىپ ئۆز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۋاتىدۇ.)

ئومۇمەن ئېيتقاندا مىللەتپەرۋەرلىك ناھايىتى چوڭ دائىرە ئىچىدە ئۆز كىملىكىنى دۇنيا سەھنىسىدە تونۇتۇپ، ئۆز ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ.

مىللەتپەرۋەرلىك ئىنسانلارنىڭ رۇھىغا خېتاپ قىلىپ، بۇ قۇدىرەتلىك ۋە مۇرەككەپ دۇنيادا ھەمدە چەكسىز تارىخ ئىچىدە، ئىنسانلارغا ئۆز كىملىكى بىلەن ئەركىن ياشاش رۇھىنى كاپالەتلەندۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخقا قارايدىغان بولساق مۇستەملىكىچىلەر تۇپراقنى مۇستەملىكە قىلغان بىلەن ئۇ تۇپراقتىكى ئىنسانلارنىڭ مىللىي رۇھىنى مۇستەملىكە قىلالمىغان ۋە نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان.

مەسىلەن: ئەنگىلىيە ھىندىستاننى، ياۋروپادىكى مۇستەملىكىچىلەر ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، ياپونىيە خىتاينى….

ئەمما تا ھازىرغىچە مۇستەملىكىچىلەر ئۆزىنىڭ رەزىللىگىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋىلداپ يانماقتا، يۇزمىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆلمەكتە، مىليونلىغان ئىنسانلار ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولماقتا.

تېنچلىق ۋە ئادالەت ئىچىدىكى بىر دۇنيا، تەڭ باراۋەر بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا تەلتۈكۈس رېئايە قىلغاندىلا مەۋجۇتلۇققا كېلىدۇ. شۇڭا دۇنيادا ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەيۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئاجىز مىللەتلەرنىڭ نىمىگە ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقى ھېچ مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى دۇنيانى كونتىرول ئاستىغا ئالغان كۈچلەرنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ نىمىگە كۆڭۇل بۆلىدىغانلىقىدا. ئۇلار پەقەت مەزلۇملارنى ئۆزىنىڭ كۈچلۇك دۆلەت بولۇش يولىدا ۋاستە قىلىپ تاللاپ، مەقسەتكە يەتكەندە تاشلايدۇ خالاس، بۇنىڭغا ھەم تىرادىگىيەگە تولغان قانلىق تارىخ گۇۋاھ!

بەزى خەلقلەرنىڭ كىم بولغانلىقى، ئۇنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگى، نىمىنى قوبۇل قىلىپ ۋە نىمىنى رەت قىلىشىنى كۆپ ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى مۇھىم كۈچلەر بەلگىلەيدۇ. دىمەككى كۈچلۇك دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ كىم ئىكەنلىگىگە قارار بىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ كىم بولغانلىغىغا قارار بىرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاجىزلار ئەڭ ئاخىرىدا ساپ مەغلۇپ بولغان، چۈنكى ھۆكۇمنى كۈچلۇكلەر بەرگەن. شۇڭا ئاجىزلار داۋاملىق كۈچلۇك بولۇشنى ئويلىشى لازىم.

كۈچلۇك بولۇش ئۈچۈن بىر مىللەت بىر پۈتۈن ئورتاق مىللەتپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە بولۇشى لازىم، مانا مۇشۇ ئىدىيەنىڭ تۇرتكىسى ئاستىدا ئورتاق تەرەقىياتقا، ئورتاق ئىلگىرلەش بىلەن ئۆزلىرى مۇختاج بولغان جاسارەتنى قولغا كەلتۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە يۇرۇش قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ. روھىيەتنى كىشەپ تۇرغان قۇللۇق زەنجىرىنى چىقىپ تاشلىشى كىرەك..

ئۇيغۇردا مىللىي روھنىڭ يۇكسىلىشى، مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن راۋاجلىنىشى، مىللەت ئېڭىنىڭ ئورتاق ھالەتكە كىلىشى قاتارلىقلار مىللەتپەرۋەرلىك ھۆجەيرىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك رۇھى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ۋە مۇستەققىللىقنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن، مىللىتىمزنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي رۇھىنىڭ تەرەقىياتىغا بەرگەن جاۋابىدۇر.

ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى, تېرىلىش   ۋە مۇستەققىللىققا ئېرىشىش يولىدۇر. بىز مۇھتاج بولغان قۇدرەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ئىسسىق قاندا مەۋجۇتتۇر.

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى