مىللەت كىملىكى تۇغما بولاممۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: نەزەر

ھازىر قىسمەن ئۇيغۇرلاردا مىللىتى ئۇيغۇر بولسلا، قانداقلا بولمىسۇن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىدە ئۇيغۇرلۇق كىمىلىكىنى، ھىچ بولمىسا ئۇيغۇرلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، دېگەن كۆز قاراش مەۋجۇت. بۇ خىل كۆز قاراش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى مەسىلىسىدە تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندى.

مىللەت ئۇقۇمى بولسا بىر تۈپ ئىنسانلار ئورتاق ئىگە بولغان ئادەم فىزىئولوگىيىسى چۈشەنچىسى ۋە ئىجتىمائىيىلىق چۈشەنچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇرەككەپ ئۇقۇمدۇر. بۇ ئۇقۇمدىكى ئادەم فىزىئولوگىيىسى چۈشەنچىسى پەقەت مۇئەييەن بىر مىللەتتىكى ئورتاق ئېتنىك ئالاھدىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، چۇنكى بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى ئۇرۇقداش قەبىلىلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ DNA دا ئۇرتاقلىق مەۋجۇتلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى مەۋجۇت، شۇڭلاشقا بىر مىللەتكە تەئەللۇق بولغان ئادەملەر فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بولۇپمۇ تاشقى كۆرۈنۈش قىياپىتىدە ئوخشاشلىق ئالامەتلەرگە ئىگە.

بۇ نۇقتىنى پىروفېسسور سىمىسىنىڭ «بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ رەسمىي تارىخنامىلىرىدىكى بىر ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ بېقىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدا خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلار قاڭشارلىق، ساقال- بۇرۇتلۇق بولۇپ، ئۇلار بىلەن خىتايلارنى ناھايىتى ئاسانلا پەرلەندۈرگىلى بولىدىكەن.» دىگەن سۆزلىرى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. (ئامېرىكا، ۋىليام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىن: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» ، 1939- يىلى، ئۇيغۇرچە 2012- يىل نەشرى،162- بەت ). شۇڭلاشقىمۇ ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۆپىتىدە يوقىتىشنىڭ «ئۈنۈملۈك، ئەپلىك ۋە ئوڭۇشلۇق» بولىدىغان چارە- تەدبىرىنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى ئامېرىكىنىڭ «تېرموفىشىر» شېرىكىتىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ سېتۋالغان ئادەملەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئالىدىغان ئەڭ ئىلغار تېخىنىكىلىك تىببىي ئۈسكۈن بىلەن «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نى باھانە قىلىپ، ئىنساننىڭ كىشلىك ھوقۇق دەخلىسىزلىكىنى دەپسەندە قىلىپ، قانۇنسىز رەۋىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ DNA قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئۈچۇرلىرىنى يىغماقتا.

ئەمدى، ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيىلىقى بولسا مۇئەييەن بىر ئادەمنىڭ ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ ئورتاق ئىجتىمائىيىلىقىنى يەنى مەزكۈر ئادەم تەئەللۇق بولغان مىللەت كىملىكى – ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلار توپىغا ئوخشاش ئىجتىمائىيىلىققا ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

بىر ئادەم توغۇلغاندا ئاتا- ئانىسى تەۋە بولغان مىللەت كىشلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇشى مۇقەررەر، لېكىن شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىگە ئىگە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مىللەت كىملىكىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش مۇھىتى بەلگىلەيدۇ. ئادەم قانداق مىللەت كىملىكى شارائىتىدە ياشىسا، شۇنداق مىللەت كىمىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللەت كىملىكىنى ساقلاش- ساقلىماسلىقى شۇ كىشىنىڭ ۋىجدانى ۋە ساداقەتلىكىگە باغلىق. شۇڭلاشقا مىللەت كىملىكى تۇغما ئەمەس، بەلكى تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇئەييەن بىر مىللەت كىملىكى مەۋجۇت ئائىلە ۋە جەمىئىيەت مۇھىتلىرىدا ئستىخىيلىك ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۆگىنىلىدىغان بىر خىل ئىجىتىمائىيىلىققا ئىگە جەريان.

نۇر بەكرى ئۆزىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىك ۋە شەخىسىيەتچىلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكلىرىنى ساداقەتسىزلىك بىلەن ۋىجدانسىزلەرچە ۋە رەسىۋالەرچە خىتاي ھۆكۈمدارلىقىغا ساتقان بىر شەخىس. ئۇنىڭ خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن «ئۇيغۇر خەلقى تېررورچى ئەمەس» دېگەندەك سۆزلىرى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلۇق» تىن ئىبارەت كىملىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ زادىلا پاكىتى بولالمايدۇ، چۈنكى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى گەرچە ئىچكى جەھەتتىن ئاللاقاچان ئۇيغۇرلار تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى دەپ بېكىتكەن ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئەبەدىي ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىشىنى قارارلاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەمەلدارلىرى ھېچقانداق ئاشكارا سورۈنلاردا ھېچقاچان «ئۇيغۇر خەلقى تېررورچى  دېگەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى بىر- بىرلەپ تېررورچى دەپ ئاتاپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتۈمەي تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ ئۆلتۈرمەكتە. شۇڭلاشقا نۇر بەكرىگە قايتا باھا بېرىش مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس!

2019-يىلى ئاۋغۇست

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى