مىللەت ۋە ۋەتەن

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئېنىقتۇركى، ئۇ بولسا تەبىئىي ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ، تەجرىبە-سىناقلار ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بايقاشتۇر. ھالبۇكى بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئەھۋال بۇنداق ئەمەس ئىدى. تەبىئەتشۇناسلار رېئال ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ، تەجرىبە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، دەپ قارىمايتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ماددىلارنى بىلىش ئۈچۈن ئەقلىي پىرىنسىپلارنى بىلىش ۋە ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ماددىلارنىڭ لوگىكىلىق يەكۈنلىرىنى چىقىرىش يېتەرلىك ئىدى. مەسىلەن، ئۇلار تۇپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئوت قاتارلىق تۆت ماددىنىڭ شەكىللىنىشىنى مۇنداق چۈشەندۈرەتتى: سوغۇقلۇق بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ بىرىكىشىدىن تۇپراق، سوغۇقلۇق بىلەن ھۆللۈكنىڭ بىرىكىشىدىن سۇ، ئىسسىقلىق بىلەن ھۆللۈكنىڭ بىرىكىشىدىن ھاۋا، ئىسسىقلىق بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ بىرىكىشىدىن ئوت ھاسىل بولاتتى.

دېمەك، تەبىئەتنىڭ مۇشۇ تۆت ئاساسى –ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، قۇرۇقلۇق ۋە ھۆللۈك- نىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەنگىلى بولسا، تەبىئەت ئىلمىنى دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن بەرپا قىلىش ئىنتايىن قولاي بولاتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەت پەقەت نەزەرىيەلەرگىلا چەكلىك بولۇپ قالماي، ھېچبولمىسا ئەمەلىي تەجرىبىگە ئاساسلىنىشى زۆرۈر بولغان ئوپراتسىيەدىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىلماقتا ئىدى: كېسەللىكلەر ئىنساننىڭ مىزاجىدىكى ھۆللۈك ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ، سوغۇقلۇق ياكى ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ھاسىل بولاتتى. قوللىنىلغان دورىلارنىڭمۇ پەقەت مۇشۇ تەسىرلىرىدىن پايدىلىنىش تەلەپ قىلىناتتى. مەسىلەن، بىر كېسەللىك مىزاجنىڭ قۇرۇق-سوغۇق بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان بولسا، بېرىلىدىغان دورا ئەلۋەتتە قۇرۇق-ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا بولاتتى.

بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە تەبىئىي پەن ساھەسىدە بۇنداق «پىرىنسىپال ئۇقۇم» قوبۇل قىلىنمايدۇ. دۆلىتىمىزدە ماددىي ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار پەقەت كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇقۇملارنى ماددىلاردىن چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئىجتىمائىي بىلىملەر ساھەسىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز تامامەن كونا مۇقامدا. يەنى، ئىجتىمائىي بىلىملەرگە دائىر يازما يازغانلىرىمىز ئۇقۇملارنى ماددىلاردىن ئەمەس، بەلكى ماددىلارنى ئۇقۇملاردىن چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ.

پۈتۈن مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئىجتىمائىي مۇنازىرىلىرىمىزنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان ئۈچ خىل ئۇقۇم بار: تۈركچىلىك، ئىسلامچىلىق ۋە ئوسمانلىچىلىق.

بۇ ئۇقۇملار ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتلەر تۈسىگە كىرمىگۈچە، قىممەتلىرىنى ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئالمىغۇچە ھېچقانداق مەنىگە ئىگە بولالمايدۇ. بىر قانچە يىل مۇشۇ ئۇقۇملار ئۈستىدە دەتالاشلار قىلىنسىمۇ، جانغا ئەسقاتىدىغان بىرەر نەتىجە چىقىشى ناتايىن. ئىجتىمائىي رېئاللىق نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا بىر ئىسلام ئۈممىتى، بىر ئوسمانلى دۆلىتى، بىر تۈرك مىللىتى ۋە بىر ئەرەب مىللىتى بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ يەكۈنلەرنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە «ئۈممەت» كەلىمىسى بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىسىغا، «دۆلەت» كەلىمىسى بىر ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمىسىغا، «مىللەت» كەلىمىسى بىر تىلدا سۆزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىسىغا ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلىشى لازىم. بۇ كەلىمىلەرنى مۇشۇ مەنىلەردە ئاتالغۇلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى قوبۇل قىلغانلارغا نىسبەتەن يۇقىرىدىكى يەكۈن توغرا، يەنى ئەمەلىي رېئاللىققا ئۇيغۇندۇر.

ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ يەكۈننى قوبۇل قىلمىغانلار مەنىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئۈچ كەلىمىنىڭ يۇقىرىدىكى مەنىلەردە ئاتالغۇلاشتۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق كۆرمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.

بىر تەرەپتىن ئىسلامچىلار: «مىللەت» كەلىمىسى سىلەر «ئۈممەت» ئىبارىسىگە خاسلاشتۇرۇۋالغان مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. ھەتتا بۇ كەلىمە ئەرەبچىدە «مەزھەب» مەنىسىدىمۇ قوللىنىلىدۇ، دەيدۇ. بۇ ئېتىرازغا جاۋابەن مۇنداق دېيىش مۇمكىن: تىلنىڭ مۇكەممەللىكى ھەر بىر كەلىمىنىڭ پەقەت بىر مەنىسى، ھەر بىر مەنىنىڭ پەقەت بىرلا كەلىمىسى، بولۇپمۇ ھەر مەنىنى ئىپادىلەيدىغان كەلىمىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇنى سىلەر قىلمىساڭلارمۇ، تىل ئۆزلۈكىدىن شۇنداق ھالەتكە كېلىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىسىغا «ئۈممەت»، بىر تىلدا سۆزلەيدىغان ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىسىغا «مىللەت» دەپ نام بېرىلگەن. كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ كەلىمىلەرنى مۇشۇ مەنىلەردە قوللانغان ئىكەن، سىلەرمۇ بۇنى قوبۇل قىلىڭلار. ئاتالغۇ مەسىلىسىدە دەتالاش پەيدا قىلىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.

يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمانلىچىلار: دۆلەت كەلىمىسى بىلەن مىللەت كەلىمىسى مەنىداش سۆزلەردۇر. بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىسى بىر مىللەتتۇر، دەيدۇ. ئىجتىمائىي رېئاللىقنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەت مۇشۇ ئۇقۇملار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە قارىساق، بۇ سۆزلەر توغرا بولۇشى كېرەك.

دەرۋەقە، بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىنىڭ ئوخشاش تىلدا سۆزلىشى ياكى ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت شەكىللەندۈرۈشى رېئاللىققا تېخىمۇ مۇۋاپىق، ئارزۇغا تېخىمۇ مۇناسىپتۇر. لېكىن ئەمەلىي رېئاللىقتا دۆلەتلەر مۇشۇنداقمۇ؟ شەكسىزكى، بۇنداق ئەمەس.

ئۇنداق بولغانىكەن، بارنىڭ قەدرىنى بىلمەي، يوقنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈش راۋامۇ؟

تۈركچىلەر بۇ ئىككى توپنىڭ مۇددىئاسىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن مۇنداق ئىككى يەكۈننى چىقىرىدۇ:

1) ئۈممەت باشقا، مىللەت باشقىدۇر.

2) دۆلەت باشقا، مىللەت باشقىدۇر.

بۇ يەكۈنلەرگە مۇنداق ئېتىراز بىلدۈرۈلۈشى مۇمكىن: پەقەت ئىجتىمائىي رېئاللىققا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنىلا نەزەردە تۇتۇش نۇقتىئىينەزىرىدىن، شۇنداققۇ؟! بولمىسا «مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكمىدى؟» دېگەنلىكتىن ئەمەس.

بىز ئىدىيىمىزنى رېئاللىققا ماسلاشتۇرالىشىمىز مۇمكىن، لېكىن رېئاللىقنى ئىدىيىمىزگە ماسلاشتۇرالمايمىز.

شۇنداقتىمۇ «ئۈممەت، دۆلەت، مىللەت» ئۇقۇملىرى سىرتقى رېئاللىقلاردىن تامامەن ئايرىم نەرسىمۇ ئەمەس. ئۈممەت بىلەن مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت «ئومۇم» بىلەن «خاس» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ. ئۈممەت، بۈگۈن ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان كىشىلەرلا ئەمەس، بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغان خەلقلەرنىڭ ئومۇمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك بىر توپلۇم بولۇپ، كەلگۈسىدە ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغانلارمۇ مۇشۇ توپلۇمغا مەنسۇپتۇر.

مەسىلەن، بۈگۈن پوماكلار بۇلغارچە، گىرىتسىيەدىكى مۇسۇلمانلار رىمچە سۆزلەيدىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلىقنىڭ تەسىرىدە تۈركچىنى ئۆگىنىپ، بۈگۈنكى تىللىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرى پەقەت تىللىرى بىلەنلا ئەمەس، دىنلىرى بىلەنمۇ تونۇلىدۇ.

«دۆلەت» بىلەن «مىللەت» ئوتتۇرىسىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئومۇم-خاسلىق مۇناسىۋىتى بار. مەسىلەن، ئوسمانلى دۆلىتى بىر ئىسلام دۆلىتى، يەنى مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەت بولۇپ، تۈرك ۋە ئەرەب مىللىتى سانى ھەم ساپاسى بىلەن ئوسمانلىلىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئىككى بۈيۈك ئامىلدۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئوسمانلى دۆلىتىنى «تۈرك-ئەرەب» دۆلىتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

شۇ ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، تۈرك ۋە ئەرەب مىللەتلىرى پەقەت ئوسمانلى تېررىتورىيەسىدىكى تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئىشغالىيتىدىكى تىلداشلارمۇ مۇشۇ مىللەتكە مەنسۇپتۇر.

ئەمدى «ۋەتەن» ئۇقۇمىغا كېلەيلى. ۋەتەن دېمەك، يولىدا جانلار پىدا قىلىنغان مۇقەددەس بىر دۆلەت دېمەكتۇر. باشقا ھەر قانداق دۆلەت بۇنچىۋالا مۇقەددەس ئەمەس-يۇ، نېمىشقا «ۋەتەن» دېيىلگەن دۆلەت مۇقەددەس دەپ قارىلىدۇ؟ بۇنى مۇقەددەس دەپ بىلگەنلەر نېمىشقا ئۆز جانلىرىنى، ئائىلىلىرىنى، ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىنى مۇشۇ دۆلەت ئۈچۈن پىدا قىلىدۇ؟ شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ دۆلەت ماددىي خاراكتېرى جەھەتتىن بۇنچىۋالا ئەزىز بولغان ئەمەس. ئۇ، بۇ مۇقەددەسلىكنى چوقۇم مۇقەددەس بىر مەۋجۇدىيەتتىن ئالغان. بۇ مۇقەددەس مەۋجۇدىيەت نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ دۆلەتمۇ؟ يۇقىرىدا كۆردۇقكى، «دۆلەت»مۇ ئۆز ئالدىغا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان كۈچ ئەمەس، ئۇ ئۆز كۈچىنى «مىللەت» بىلەن «ئۈممەت»تىن ئالىدۇ، يەنى ئورۇننىڭ ھۆرمىتى ئورۇن ئالغانلاردىن كېلىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، مۇقەددەس مەۋجۇدىيەت پەقەت مۇشۇ ئىككى نەرسىدۇر: «مىللەت» ۋە «ئۈممەت».

مۇقەددەس نەرسىلەر ئىككى بولغان ئىكەن، بۇلارنىڭ سىمۋولى، ياكى قارارگاھى بولغان ۋەتەنمۇ ئىككى بولۇشى كېرەك: ئۈممەتنىڭ ۋەتىنى ۋە مىللەتنىڭ ۋەتىنى.

دەرۋەقە، بىر ئىسلام ۋەتىنى باردۇركى، تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىنى «تۇران» دەپ ئاتايدۇ. ئوسمانلى دۆلىتى ئىسلام ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىل پېتى قالغان بىر پارچىسىدۇر. بۇنىڭ بىر قىسمى تۈرك يۇرتى بولۇش بىلەن بىرگە بۈيۈك تۇراننىڭ بىر پارچىسىدۇر. يەنە بىر قىسمى ئەرەب يۇرتىدۇركى، ئۇمۇ بۈيۈك ئەرەب ۋەتىنىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

تۈركلەرنىڭ تۈرك يۇرتىنى ياكى تۇراننى باشقىچە بىر سۆيگۈ بىلەن باغرىغا بېسىشى مەيلى كىچىك ئىسلام ۋەتىنى بولغان ئوسمانلى دۆلىتىنى، مەيلى بۈيۈك ئىسلام ۋەتىنىنى ئۇنتۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ.

چۈنكى مىللەت مەپكۇرىسى، دۆلەت مەپكۇرىسى ۋە ئۈممەت مەپكۇرىسى ئايرىم-ئايرىم نەرسىلەردۇر ھەم ئۈچىلىسى مۇقەددەستۇر.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «ئىسلاملىشىش، تۈركلىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى