مىلېھ

ئورنى Wikipedia

مىلېھ (ئىنگىلىز تىلى: Jean-François Millet) (1814-1875) «دېھقان رەسسام» دەپ ئاتالغان فىرانسىيەلىك رەسسام مىلېھ 1814 - يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى نورماندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ كرۇشىن كەنتىدىكى بىر دېھقان ئاتىلىسىدە تۇغۇلغان، 1875-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باربىزوندا ۋاپات بولغان.

مىلېھ

شەخسى ئارخىپ[تەھرىرلەش]

مىلېھ (1814-1875) «دېھقان رەسسام» دەپ ئاتالغان فىرانسىيەلىك رەسسام مىلېھ 1814- يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى نورماندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ كرۇشىن كەنتىدىكى بىر دېھقان ئاتىلىسىدە تۇغۇلغان، 1875-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باربىزوندا ۋاپات بولغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە قاتناشقان، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى باربىزون كەنتىدە ياشاپ، ئەمگەك قىلغاچ، رەسساملىق بىلەن شۇغۇللانغان، تۇرمۇشى تىنچ ئەمما غورىگىل ئۆتكەن.

سەنئەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

مىلېھ ئاددىي سىزىقچىلار ئارقىلىق ساپ ھەم ئىخچام ئوبرازلارنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە، كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. رەسىملىرىدىكى نازۇك رەڭ ئۆزگىرىشى، مەنزىرىنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان نۇر گەردىشى بىلەن تويۇنۇشى بىر خىل تىنچ ھەم ئىللىق كەيپىيات پەيدا قىلغان. مىلېھنىڭ «باشاق تېرىش»، «ئۇرۇق چاچقۇچى»، «كەچلىك قوڭغۇراق» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە رەسسامنىڭ يېزا تۇرمۇشىغا بولغان مۇھەببىتى، ئەمگەك ۋە ئەمگەكچىلەرنى مەدھىيەلەش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ رەسىملىرىدە دېھقانلارغا بولغان قىزغىن مەدھىيە ۋە چوڭقۇر ھېسداشلىق قايناپ تاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي رېئاللىقنى كۈچلۈك ئېچىپ بېرىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەسەرلىرى داڭلىق بولۇپلا قالماستىن ھەم ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەمەلدارلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان. شۇنداق بولسىمۇ مىلېھ يەنىلا كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى، ئاددىي رەسىم تىلى بىلەن «تۇپراق قەھرىمانى»-دېھقانلارنى داۋاملىق مەدھىيەلىگەن.