مۇئاز ئىبنى جەبەل

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

مۇئاز ئىبنى جەبەل مۇئاز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپكى ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا بىر ياش بالا ئىدى. ئۇ مەدىنىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇ ئاساسەن مەدىنىدە تۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنسارلار بىلەن ئىككىنچى «ئەقەبە» بەيئىتىنى ئۆتكۈزىۋاتقاندا 70 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەكنىڭ ئارىسىدا يۈزى يورۇق، كۆزلىرى ئۆتكۈر، چىشلىرى پارقىراق، سالماقلىقى ۋە سۈكۈت قىلىشى بىلەن كۆزلەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان، گەپ قىلسا كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان بىر يىگىت ئولتۇراتتى. ئۇ بولسىمۇ «مۇئاز ئىبنى جەبەل» رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئۇ ئەنسارلادىن بولۇپ، ئىككىنچى «ئەقەبە» بەيئىتىدە بەيئەت قىلىپ ئەڭ ئاۋالقى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدەك ئىسلامنى بالدۇرلا قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭدەك ئىمان ۋە چىن ئەقىدىسى كۈچلۈك بولغان بىر ئادەم ھەر قانداق ئۇرۇش ياكى غازات بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەلۋەتتە ئايرىلىپ قالمايدۇ، مۇئاز ئەنە شۇنداق قىلغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شەرىئەت ئىلىمىگە ماھىرلىقى ئىدى. ئۇ شەرىئەت ئىلىمىنى بىلىش جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى تەرىپلەپ: «ئۈممىتىم ئىچىدە ھالال-ھارامنى ئەڭ ئوبدان بىلىدىغىنى مۇئاز ئىبنى جەبەلدۇر» دېيىشكە مۇيەسسەر بولغىدەك ئىلمى ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئۇ ئەقلىنىڭ يورۇقلۇقى، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى جەھەتتە ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئوخشايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭدىن: -ئى مۇئاز، نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىسەن؟-دەپ سورىدى. -ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىمەن،-دەپ جاۋاب بەردى مۇئاز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: -ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھۆكۈم تاپالمىساڭچۇ؟-دەپ سورىدى. -پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىمەن،-دېدى مۇئاز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: -پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدىمۇ ھۆكۈم تاپالمىساڭچۇ؟-دەپ سورىغاندا ئۇ: -داۋاملىق ئىزدىنىمەن، ھەرگىز بوشىشىپ قالمايمەن،-دەپ جاۋاب بەردى، بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى ئېچىلىپ: -ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىسىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن،-دېدى. دېمەك، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە بولغان مايىللىقى ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى ئەقىل بىلەن مۇلاھىزە قىلىش، ئاچىدىغان، كەسىپ قىلىدىغان ئادەمنى كۈتۈپ تۇرغان زور يوشۇرۇن ھەقىقەتلەرنى تەتقىق قىلىشتىن توسۇپ قويمىغان. ئېھتىمال ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىقى ۋە ئەقلىنى ئىشلىتىشكە ماھىرلىقى ئۇنى خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ھالال-ھارامنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئادەم» دەپ تەرىپلىگىنىدەك قۇرداشلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە شەرىئەت ئىلمى بايلىقىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر قانداق جايدىكى تارىخى رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە ئۇنى ئەقلى ئۆتكۈر، كەسكىن، ئىشلارنىڭ ياخشى-يامىنىنى توغرا ئايرىيالايدىغان ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئائىزۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەسلەپكى خەلىپىلىك دەۋىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەسچىتكە كىردىم، كىرسەم ئۇ يەردە 30 نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان بىر سورۇن تۈزۈلۈپتۇ، مەن بۇ سورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم، ھەممەيلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنى مۇلاھىزە قىلىشىۋاتقان ئىكەن. قارىسام ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چىرايى قارامتۇل، گەپ-سۆزى جايىدا، يۈزى يورۇق بىر يىگىت ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش ئىكەن، ئۇلار بىرەر مەسىلىدە ئىككىلىنىپ قالسا ئۇنىڭدىن پەتىۋا سورايدىكەن-دە، ئۇ ياخشى پەتىۋا بېرىدىكەن، سورىمىسا گەپ قىلمايدىكەن، سورۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلىشىپ: -بۇرادەر، سىلى كىم بولىلا؟-دەپ سورىسام ئۇ: -مەن مۇئاز ئىبنى جەبەل،- دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇ مۇسلىم خەۋلانى مۇنداق دەيدۇ: مەن «ھىمسى» مەسچىتىگە كىرگەن ئىدىم، قارىسام بىر مۇنچە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر چىشلىرى پارقىراق، ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان بىر يىگىتنى ئارىسىغا ئېلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. قانداق بىرەر مەسىلىدە شۈبھىلىنىپ قالسا ئۇنىڭدىن سورايدىكەن، مەن يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەندىن: -بۇ كىشى كىم بولىدۇ-دەپ سورىسام ئۇ كىشى: -مۇئاز ئىبنى جەبەل دېگەن ئادەم شۇ،-دەپ جاۋاب بەردى. شۇ چاغدىن باشلاپ مېنىڭ ئۇنىڭغا مېھرى-مۇھەببىتىم چۈشتى. شەھر ئىبنى ھەۋشەب مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئارىسىدا مۇئاز ئىبنى جەبەل بولسا ئۇلار ئۇنىڭغا ئەيمىنىش نەزىرى بىلەن قارىشاتتى». مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن كۆپ مەسلىھەت سورايتتى، ئۇ مۇئازنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئىلمىنى قوبۇل قىلغان چاغلاردا «مۇئاز بولمىغان بولسا ئۆمەر ئەلۋەتتە ھالاك بولاتتى» دەيتتى. قارىغاندا مۇئاز پىشقان ئەقىل-پاراسەتكە، قانائەتلەندۈرەرلىك مەنتىقىگە ۋە كەڭ نەزەر دائىرىگە، ئېسىلىككە ئىگىدەك قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ توغرىسىدىكى تارىخىي رىۋايەتلەرنىڭ قايسى بىرىگە قارىساق ئۇ ھەر دائىم ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن، كىشىلەر ئۇنى داۋاملىق ئوتتۇرىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزلىرى ئەتراپىدا تۇرىشىدىكەن، ئولتۇرغانلار ئۇنىڭدىن گەپ قىلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلمىغىچە سۈكۈت قىلىپ گەپ قىلمايدىكەن، ئولتۇرغانلار قانداق بىرەر ئىش ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ قالسا ئۇنىڭدىن ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، گەپ قىلسا خۇددى ئۇنىڭ زامانداشلىرى تەرىپلىگەندەك گەپ-سۆزلەر خۇددى ئېغىزىدىن خۇددى ئۈنجە-مارجان تۆكۈلگەندەك رەتلىك، پاساھەتلىك چىقىدىكەن. ئۇ يۇقىرىنىڭ ئىلمى مەرتىۋە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتى ۋە تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنكى مەلۇم مەزگىلىدە، ياش تۇرۇپلا ئىگە بولغان. مۇئاز ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكى دەۋىرىدە يېشى تېخى 33 دىن ئاشمايلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سېخىي، كۆكسى-قارنى كەڭ، ئەخلاقلىق ئىدى. نېمە تەلەپ قىلىنسا خۇشاللىق بىلەن كۆپلەپ بېرەتتى، سېخىيلىق، كەڭ قوللۇقى ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلۈكىنى تۈگىتىۋەتكەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ئىلىم ئۆگىتىش ۋە دىنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن يەمەنگە ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەمەندە تۇرىۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەبۇبەكرىنىڭ خەلىپىلىكى دەۋىرىدە ئۇ يەمەندىن قايتىپ كەلگەن. ئۆمەر ئۇنىڭ باي بولغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا، خەلىپە ئەبۇبەكرىدىن ئۇنىڭ مال-مۈلۈكى ۋە بايلىقىنىڭ يېرىمىنى زاكاتقا ئايرىپ پاكلاشنى سوراشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئۆمەر ئەبۇبەكرىنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا ئۆزى مۇئازنىڭ ئۆيىگە بىۋاستە بېرىپ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇئاز ئىنتايىن قولى پاك، تەقۋادار ئادەم ئىدى. ئۇ باي بولغان بولسا، بۇ بايلىقنى گۇناھ مەسىيەت بىلەن تاپقان ئەمەس، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئۆمەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى ۋە ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇردى. ئاخىرى ئۆمەر ئۇنى تاشلاپ قايتىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتتىگەندە مۇئاز يوشۇرۇن ھالدا ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئۆمەر بىلەن كۆرۈشكەن ھامان ياشلىرى گەپلىرىدىن بۇرۇن تۆكۈلگەن ھالدا ئۇنى قۇچاقلاپ: -كېچە چۈشۈمدە مەن پايانسىز سۇغا كىرىپتىمەن. چۆكۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەۋاتقۇدەكمەن، ئى ئۆمەر دەل شۇ ۋاقىتتا سىلى كېلىپ مېنى قۇتقۇزىۋاپلا،-دېدى. ئۇلار بىرلىكتە ئەبۇبەكرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە مۇئاز ئەبۇبەكرىدىن مال-مۈلۈكىنىڭ يېرىمنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ چاغدا ئەبۇبەكرى: -مېلىڭدىن ھېچنەرسىنى ئالماسلىقنى قارار قىلدىم،-دېدى. ئەنە شۇ چاغدا ئۆمەر مۇئازغا قاراپ: ئەمدى ھالال ۋە يېيىشلىك بولدى،-دېدى. تەقۋادار ئەبۇبەكرى بىر تەڭگىنى ناھەق ئالغانلىقىنى بىلسە ئۇنىڭ مېلىنى ھەرگىز ئالمايدۇ، ئۆمەرمۇ مۇئازغا تۆھمەت قىلىش ياكى ناھەق گۇمان قىلىش بىلەن ئۆزىگە گۇناھ ئارتىۋېلىشنى خالىمايدۇ، پەقەت بۇ بىر ئەخلاقىي دەۋىر بولغاچقا ئەخلاقىي-پەزىلەتلىك ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەس-بەستە ئامالنىڭ بارىچە كامالەت چوققىسىغا ئىنتىلەتتى، بەزىلىرى سامادا پەرۋاز قىلىۋاتقان بولسا، بەزىلىرى يەردە سوكۇلداپ كېتىۋاتاتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا، پىيادە كېتىپ باراتتى، لېكىن ھەممەيلەن بىرلىكتە ياخشىلىق يولىدا مېڭىۋاتقان كارىۋانلار ئىدى. مۇئاز ئىلىم ئۆگىتىشنى، دىنى تەلىم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شامغا، ئائىلىسى ۋە ئىزدەپ كەلگەنلەر بار جايىغا بارىدۇ، مۇئازنىڭ سادىق دوستى ئەمىر ئەبۇ ئۇبەيد ۋاپات بولۇپ كەتكەندە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئۇنى شامغا ئەمىر قىلىدۇ، ئەپسۇسكى، ئەمىر بولۇپ بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر مەن مۇئازنى ئەمىر قىلسام، پەرۋەردىگارىم مەندىن:-ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئەمىر قىلدىڭ؟-دەپ سورىسا: «چۈنكى مەن پەيغەمبىرىڭنىڭ، شۈبھىسىزكى، ئالىملار بۈيۈك، غالىب پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھازىر بولغاندا مۇئاز ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ يەردە كۆز تۇتقىنى مەلۇم بىر شەھەر ياكى بىر ۋىلايەتكە ئەمىر قىلىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئەمىر قىلىشتىن ئىبارەت. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: -ئەمىرنى ئۆزلىرى تاللاپ بەرسىلە، بىز شۇنىڭغا بەيئەت قىلساق،-دېيىلگەندە جاۋاب بېرىپ: -ئەگەر مۇئاز ئىبنى جەبەل ھايات بولغان بولسا، مەن ئۇنى ئەمىر قىلغان بولسام، ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئالدىغا بارغىنىمدا مەندىن: -مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىگە كىمنى خەلىپە قىلدىڭ؟-دەپ سورىغان بولسا مەن: -پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئاز ئىبنى جەبەل قىيامەت كۈنىدە ئالىملارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇئاز ئىبنى جەبەلنى ئۇلارغا خەلىپە قىلدىم دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم،-دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: -ئى مۇئاز، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر نامازنىڭ كەينىدىن «ئى ئاللاھ، ماڭا سېنى ياد ئېتىشىمگە،ساڭا شۈكرى-سانا ئېيتىشىمغا، ساڭا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشىمغا مەدەت بەرگىن»،-دېگىن. «ئى ئاللاھ ماڭا مەدەت بەرگىن..» توغرا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە ھەر قانداق كۈچ-قۇدىرەت ۋە مەدەتنىڭ پەقەت بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھتىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بۇ ئۇلۇغ مەنانى ھەر دائىم تەكىتلەيتتى. مۇئاز بولسا، بۇ دەرسنى ناھايىتى پىششىق ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ياخشى ئەمىلىيلەشتۈرگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئەتتىگەندە ئۇنىڭدىن: -ئى مۇئاز، بۈگۈن قانداقراق قوپۇپسەن؟-دەپ سورىغاندا ئۇ: -ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ھەقىقىي مۆمىن بولۇپ قوپۇپتىمەن،-دەپ جاۋاب بەرگەن، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: -ھەر قانداق بىر ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتى بولىدۇ، سېنىڭ ئىمانىڭنىڭ ماھىيىتى نېمە؟-دەپ سورىغان، ئۇ: ھەر قانداق تاڭنى ئاتقۇزغاندا كەچنى قىلالمايمەن دەپ ئويلايمەن، كەچنى قىلغان ۋاقتىمدا تاڭ ئاتتۇرالمايمەن دەپ ئويلايمەن، ھەر بىر قېتىم ئالغىنىمدا ئەمدى يەنە بىر قەدەمنى ئالالمايمەن دەپ ئويلايمەن، مەن ئۆزۈمنى گويا ھەر ئۈممەتنىڭ قورقۇنچتىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نام-ئەمەللىرىگە چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك، جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتتە ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، دوزاخ ئەھلىنىڭ دوزاختا ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك ھېس قىلىمەن،-دەپ جاۋاب بەرگەن! بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: -ئەمدى بىلىپسەن، شۇ تونۇشۇڭدا چىڭ تۇرغىن،-دېگەن. توغرا، مۇئاز پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە پۈتۈن ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىنى كۆرمەيتتى. ئىبنى مەسئۇد ئۇنى «مۇئاز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى، ئاللاھقا يۈزلەنگەن ئىدى، بىز ئۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتاتتۇق» دەپ ئوبدان تەرىپلىگەن. مۇئاز ھەر دائىم ئىلىم ئۆگىنىشكە ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلاتتى. كىشىلەرنى پايدىلىق بولغان ھەق ئىلىمنى ئۆگىنىشكە ئۈندەپ: «ئىلىم-ھېكمەت ئىگىسىنىڭ گۇمراھلىقىدىن ھەزەر قىلىڭلار، ھەقىقەتنى ھەقىقەت بىلەن تونۇڭلار، شۈبھىسىزكى ھەقىقەتنىڭ نۇرى بولىدۇ» دەيتتى. ئۇ ئىبادەت مۆتىدىل، مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك دەپ قارايتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى ئۇنىڭدىن تەلىم بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇ: -ئۆگىتىپ قويسام ئىجرا قىلامسەن؟-دەپ سورىغان، ئۇ ئادەم: -بىجاندىل ئىجرا قىلىمەن،-دېگەندىن كېيىن مۇئاز ئۇنىڭغا: -روزىمۇ تۇتقىن، ئېغىزىڭ ئوچۇقمۇ يۈرگىن، نامازمۇ ئوقۇ، ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلا، پۇل-مال كەسپ ئەتكەن، لېكىن گۇناھكار بولۇپ قالما، پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭدە ۋاپات بولغىن، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن پەرھىز قىلغىن،-دېگەن. ئۇ ئىلىم ئۆگىنىش، ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر دەپ قارايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «خالىغىنىڭلارنى ئۆگىنىڭلار، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىساڭلار ئاللاھ ھەرگىزمۇ بۇ ئىلىم بىلەن سىلەرگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ!» ئۇ يەنە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى ياد ئېتىش بولسا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى دائىم دىلدا ساقلاپ ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ھەر دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش دېمەكتۇر دەپ قارايتتى. ئەسۋە ئىبنى ھىلال مۇنداق دەيدۇ: بىز مۇئاز بىلەن بىللە مېڭىۋاتاتتۇق، ئۇ بىزگە:-ئولتۇرۇڭلار، بىر سائەت ئىمان ئېيتايلى (ئاللاھنى ياد ئېتەيلى) دېگەن ئىدى.» ئۇنىڭ كۆپ سۈكۈت قىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قەدەمنى باسسا يەنە بىر قەدەمنىمۇ باسالايمەن دەپ ئويلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بۇ يىگىتنىڭ دىلىدا توختاۋسىز تەپەككۇر قىلىۋاتقانلىقى، پەرۋەردىگارىنى ياد ئېتىش ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش بىلەن غەرق ئىكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. مانا ئەمدى مۇئازنىڭ ئەجىلى توشۇپ ئاللاھ بىلەن مۇلاقات بولۇشقا چاقىرىلدى. ئۇ ئۆلۈم سەكراتلىرى ئىچىدە، جاھاندىكى ھەر بىر جانلىقنىڭ ماھىيىتىنى ئىختىيارسىز ھالدا كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، گەپ قىلالىغان بولسا، نىيەت-مەقسىتى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى خۇلاسىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلاتتى. ئاشۇ مىنۇتلاردا ئۇ بىر ئۇلۇغ مۆمىننىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئۇلۇغۋار سۆزلەرنى قىلدى. كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دەۋاتاتتى: «ئى ئاللاھ، مەن سىلىدىن ھەقىقەتەن قورقاتتىم، لېكىن مەن ھازىر سىلىنىڭ رەھىم قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئى ئاللاھ، سىلى بىللا، مەن بۇ دۇنيانى دەريا-ئۆستەڭلەرنى ئاقتۇرۇش ياكى دەل-دەرەخلەرنى تىكىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تومۇزنىڭ تەشنالىقىغا بەرداشلىق بېرىش، مۈشكۈل سائەتلەرگە سەۋىرى-تاقەت قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم-ھېكمەت، ئىمان-ئېتىقاد ۋە تائەت-ئىبادەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياخشى كۆرەتتى». ئۇ خۇددى ئۆلۈم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋاتقاندەك ئوڭ قولىنى سوزدى. ئىچىدە: -ئۆلۈمنى قارشى ئالىمەن، «دوستۇم كەمبەغەل ۋاقتىمدا كېلىپ قالدى»،-دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاللاھ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ تۇغۇلغان ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغان ۋاقتى توغرىسىدا ماتېرىياللاردا ئېنىق مەلۇمات يوق، لېكىن ھىجرىينىڭ 18-يىلى 38 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا بىز تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى 697-659 دەپ بېكىتىمىز.