مۇئەممەر قەززافى
| مۇئەممەر قەززافى | |
|---|---|
| ئەسلى ئىسمى (ئەرەبچە تىلىدا): معمر القذافي | |
| تۇغۇلغان | 7 ئىيۇن 1942 Qasr Abu Hadi، لىۋىيە |
| ئۆلگەن | October 20, 2011 (aged 69) Sirte، لىۋىيە |
| Allegiance | Libyan Arab Republic, Great Socialist People's Libyan Arab Jamahiriya |
| Birth name | معمر محمد أبو منيار القذافي |
| Nickname | Líder hermano y guía de la revolución |
| Cause of death | gunshot wound |
| Place of burial | Libyan Desert |
| Father | Mohammed Abdus-Salam |
| Mother | Aisha Ben Niran |
| Spouse | Fathia Nuri Khalid, Safia Farkash |
| Family | Q12222136 |
| Languages spoken, written or signed | ئەرەب تىلى |
| Occupation | politician, writer, military officer |
| Position held | Brotherly Leader and Guide of the Revolution, Chairperson of the African Union, Prime Minister of Libya |
| Educated at | Benghazi Military University Academy, University of Libya, Joint Services Command and Staff College, Fu Hsing Kang College, National Defense University |
| Academic degree | Doctor of Sciences |
| Residence | Bab al-Azizia |
| Start of work period | 1961 |
| End of work period | 20 ئۆكتەبىر 2011 |
| Member of political party | Arab Socialist Union, Libyan Arab Socialist Union |
| Religion or worldview | al‐Qurʻāniyya, ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە |
| Participant in | 1969 Libyan coup d'état |
| Military, police or special rank | colonel |
| Commander of (DEPRECATED) | Armed Forces of the Libyan Arab Jamahiriya |
| Military branch | Libyan Army |
| Magnum opus | The Green Book, Third International Theory |
| Movement | Pan-Arabism, Anticolonialism, Arab nationalism, Third International Theory, Nasserism |
| Has list | list of awards and honours bestowed upon Muammar Gaddafi |
تولۇق ئىسمى مۇئەممەر قەززافى بولغان لىۋىيە پىرېزىدېنتى، 1942-يىلى 7-ئىيۇلدا لىۋىيەنىڭ سىرتە شەھىرىدە بىر كۆچمەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. غەززافى، ھازىر ئۆكتىچىلەردىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بوسۇغىسىقىچە يېتىپ بارغان بىنغازىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىغا ئەسكەر بولۇش ئۈچۈن 1961-يىلى خاتىمە بەردى. قەززافىنىڭ بۇ قارارى ھەم ئۆز تەقدىرىنى ھەمدە دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەندۇ بەلكىم.... ئارمىيەگە قاتنىشىپ 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 28 يېشىدىلا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزدى. 1951-يىلدىن بېرى ھاكمىيەتتە بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن پادىشاھ ئىدرىس، تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتقاندا، قەززافى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قان تۆكمەيلا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. قەززافى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان بولسىمۇ ئۆزىگە رەسمىي ئورۇن مۇناسىپ كۆرمىدى. بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى «رەھبەر ۋە ئىنقىلاپ باشلامچىسى» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردى. ئۆزى ئوفېستىر بولغانلىقى ئۈچۈن، لىۋىيە ئارمىيەسىدىكى ئوفېستىرلاردىن يۇقىرى ئۇنىۋانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. قەززافى، ئالدى بىلەن كومۇنىزم بىلەن كاپىتالىزم ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «ئۈچىنچى دۇنيا نەزىيەسى» نى ئەمەلىيلەشتۈردى. دۆلەتنىڭ نېفېت كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كەڭ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. قەززافى، ئەرەب دۇنياسىنىڭ غەربكە قارشى ئېلىپ بارغان تەشكىللەش پائالىيەتلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى. بۇ دائىرىدە 1971-يىلى سۈرىيە ۋە مىسىر بىلەن ئەرەب فېدراتسىيەسى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشتى. 1978-يىلى مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان كەمپ دېۋىد تىنچلىق كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلدى. 80-يىللاردا غەرب دۇنياسى بىلەن لىۋىيە مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ كەتتى. 1986-يىل گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە مەلۇم بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن پاتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى. نەتىجىدە ئامېرىكا تىرابلۇس ۋە بىنغازىغا ھۇجۇم قىلدى. 1988-يىلى لوكېربىي ھۇجۇمىنى ئېلىپ بېرىپ، لىۋىيەنىڭ خەلقئارادا يېتىم قېلىشىغا سەۋەب بولدى. 270 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ ئەيىبلەنگەن لىۋىيەگە ئىمبارگولار ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. 2003-يىلى قىرغۇچى قوراللارنى ياساش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلاپ، پۈتكۈل دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ۋاشىنگىتون لىۋىيەنى تېررورچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. قەززافى 2009-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلدى. زىيارەت ئەسناسىدا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە بىر يېرىم سائەتتەك سۆز قىلغاندا، يەنە پۈتكۈل دۇنياغا ھەيۋە كۆرسەتتى. ئوفېستىر قەززافى، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش جەريانىدا ئارىلاشقان ئىشلىرى، تېرىغان چاتاقلىرىغا ئوخشاش ئايال مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە بەدەۋى چېدىرلىرىمۇ كۈنتەرتىپتىن چۈشمەي كەلدى. 41 يىللىق مۇرەككەپ ھاكىمىيەت باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن قەززافى، نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئۆكتىچىلەرگە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. قەززافىي، ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئەل قائىدىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قەززافى، غەرب دۆلەتلىرى ھاۋادىن لىۋىيەگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، «غەرب دۆلەتلىرى مۇبادا ھۇجۇم قىلىپ قىلسا، بۇ ئەسەبىيلىك بولىدۇ. دۇنيا ئەسەبىيلەشسە، بىزمۇ ئەسەبىيلىشىمىز» دېگەن ئىدى.