مۇتەللىپ ئىقبال
مۇتەللىپ ئىقبال (Mutellip Iqbal)
2018-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
ئو ۋەتەن ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇرچە ژورناللاردا ئەللىك پارچىغا يىقىن ئەدەبىي ئەسەر ۋە مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ "مەرۋايىتتەك سۆزلىرىم"، "ھاياتىڭىزدا بىلىشكە تىگىشلىك 60 شەخىس"، "دۇنيادا بىرلا خوتەن بار" قاتارلىق بىر قانچە كىتاپنى يېزىشقا، تەرجىمە قىلىشقا ۋە تۈزۈشكە قاتناشقان.
ئو ھازىرغىچە ئەنگىلىيە، كانادا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر قانچە قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنغلارغا قاتنىشىپ ياخشى باھاغا ئىرىشكەن. ئو يەنە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «جەمئىيەتشۇناسلىق» ۋە «جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرى» ناملىق كىتابلارنى يازغان ۋە نەشىر قىلغان.
2025-يىلى فىۋرالدا يۇۋال نوۋاھ ھارارىنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىنى ئىنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلغان.