مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى

ئورنى Wikipedia
مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى
تۇغۇلغان ۋاقتى1954
تۇغۇلغان ئورنىخوتەن ۋىلايىتى
ھازىرقى ئورنىئىستانبۇل
مىللىتىئۇيغۇر
مائارىپ سەۋىيىسىئۇيغۇر تېبابىتى پروفېسسورى
كەسپىتېۋىپ، يازغۇچى
خىزمىتىئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ۋەخپى رەئىسى


مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى تۈركىيە ئىستانبۇل شەھرىدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى

ھاياتى[تەھرىرلەش]

مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى خوتەن شەھرىدىكى مەشھۇر تېۋىپ ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1989 - يىلىغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا مەسئۇل ۋىراچ بولۇپ داۋالاش ئەمەلىيتىدە ئىشلىگەن. 1994-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىستېتى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىچكى كېسەل ۋە بالىلار كېسەللىكلىرى مەخسۇس كۇرسىدا غەرب تېبابىتى بويىچە ئوقۇغان. 1998-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش كەسپىي تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان.

خىزمىتى[تەھرىرلەش]

1998- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكۇمىدا ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى، داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى، روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى، مۇرەككەپ دورىلار ئىلمى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكۇمىغا بىۋاستە قاراشلىق دوختۇرخانىدا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەتىقىقاتى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۈچ دۆلەت دەرىجىلىك بولۇپ ئالتە چوڭ تەتقىقاتقا قاتناشقان.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكۇمىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش، رەتلەش، نەشىرگە تەييارلاش ۋە نەشر قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىگە بىۋاستە قاتنىشىپ بولۇپ «ئۇيغۇر تېبابەت ئاساسىي نەزىرىيە ئىلمى»، «ئۇيغۇر تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى»، «ئۇيغۇر تېبابەت خام دورىلار ئىلمى» قاتارلىق 23 تۈرلۈك دەرىسلىك كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان.

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تۇلۇق كۇرۇس ئۇيغۇر تېبابىتى بۆلۈمىگە «ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى»، «پىششىق دورىلار ئىلمى» ۋە «دىياگىنوز ئىلمى» قاتارلىق 12 تۈرلۈك دەرسلىك كىتاپنى تۈزۈشكە قاتناشقان.

يازغان كىتابلىرى[تەھرىرلەش]

«يۈرەك كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش»،« ئۇيغۇر تېبابىتى رېتىسىپلىرى مىراسلار 8»، « ھازىق »،« ئېكسىرى ئەزەم-4توم ( تەرجىمە)» ،«ئوردۇچە – ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش»، « ئوردۇچە – ئۇيغۇرچە لوغەت (2200 بەت)»، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار» ،«ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك دورىلار».


خىزمەت ئورۇنلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى ئەزاسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەمئىيتى ئەزاسى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش كومىتېتى ئەزاسى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك قەدىمىي ئەسەرلىرىنى رەتلەش كومىتېتى ئەزاسى ئىدى، ئۇ يەنە خوتەن شەھىرى ئەمچى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇغۇچىسى، ئەمچى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك فاكولتېتىىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسۇرى ئىدى. ئۇ ھازىر تۈركىيەدە قۇرۇلغان، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ قۇرۇغۇچىسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

«ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ۋەخپى»،«ئەمچى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى»،«جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى»