مۇجى بازىرى

ئورنى Wikipedia
مۇجى بازىرى

木吉镇.Muji Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 18 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مۇجى بازىرى گۇما ناھىيىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 49 كىلومىتىركىلىدۇ، شەرقى زاڭگۇي يىزىسى بىلەن، جەنۇبى سانجۇ بازىرى بىلەن، غەربى شىمال تەرىپى چودا يىزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئەسلى مۇجى يىزىسى دېيىلەتتى، 2013-يىلى مۇجى بازىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. نوپۇسى 30000 ئەتراپىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلىدۇ.يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىدىن بۇغداي،قوناق قاتارلىقلار بار.مىۋىلىك دەرەخلەردىن ياڭاق، ئۈرۈك، شاپتۇل، ئانار، چىلان قاتارلىقلار بار.ياڭاق كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇھىم قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

  • مۇجى كەنتى؛
  • لەنگەر كەنتى
  • خانتۇغ كەنتى،
  • ساي كەنتى
  • ئاسار كەنتى؛
  • كونا بازار كەنتى
  • كونا تۈگمەن كەنتى،
  • يېڭىباغ كەنتى
  • سايباغ كەنتى
  • كونا سايباغ كەنتى،
  • باغلا كەنتى
  • باش باغلا كەنتى*
  • ئاياغ باغلا كەنتى؛
  • لۆڭگە كەنتى
  • باشتېرەك كەنتى
  • غازچاقار كەنتى ۋە
  • ئارا جاڭگال كەنتى قاتارلىقلار.