مۇخبىر

ئورنى Wikipedia

مۇخبىر − زىيارەت قىلىپ خەۋەر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىم. مەملىكىتىمىز ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ھازىر تەھرىرلىك بىلەن مۇخبىرلىق بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، مۇخبىر تەھرىرلىك قىلسا، مۇھەررىرمۇ مۇخبىرلىققا چىقسا بولىدۇ. ئۇلار يازغان خەۋەرلەر «ئۆز مۇخبىرىمىز» دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ.

مۇخبىرلار مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ: مۇخبىرلىق قىلىش دائىرىسى بويىچە مەملىكەتنىڭ ھەرقانداق يېرىگە بارالايدىغان مەركەز دەرىجىلىك گېزىت - ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرى، مەلۇم دائىرىدە زىيارەت قىلىدىغان يەرلىك مۇخبىر، يەنە يىراق - چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق مۇخبىر دەپ ئايرىلىدۇ؛ خىزمەت خاراكتېرى بويىچە يېزىق مۇخبىرى، فوتو مۇخبىرى، رادىئو مۇخبىرى، تېلېۋىزىيە مۇخبىرى دەپ ئايرىلىدۇ؛ يېزىش مەزمۇنى بويىچە سىياسىي ئىشلار مۇخبىرى، ھەربىي ئىشلار مۇخبىرى، سانائەت - قاتناش، مالىيە - سودا ئىشلىرى مۇخبىرى، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى مۇخبىرى، تەنتەربىيە مۇخبىرى دەپ ئايرىلىدۇ.

قايسى تۈردىكى مۇخبىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلاردا ئالىي پەزىلەت، كۈچلۈك ئىرادە، ئاخباراتنىڭ چىنلىقىنى قوغدايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. مۇخبىرنىڭ بىلىم دائىرىسى كەڭ بولغاندىلا، ئۇ مۇرەككەپ شەيئىلەر ئىچىدىن ئاخبارات قىممىتى بار نەرسىنى تۇتۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈپىتى يۇقىرى خەۋەر يازالايدۇ، شۇنىڭدەك مۇخبىر ئالدىراش مۇخبىرلىق خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك ساغلام بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر مۇخبىر يەنە ھەقىقەت يولىدا كۈرەش قىلىدىغان، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان جەڭچى بولۇشى كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق مۇخبىرلىرى شاۋ پياۋپىڭ، شى لياڭسەيلەر كونا جەمئىيەتتىكى قارا كۈچلەرنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

مۇخبىرلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى زىيارەت قىلىش، ھەر خىل ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنى مەلۇم ساندا سۈپەتلىك ئاخبارات ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىش تەقسىماتى، خەۋەر تارقىتىش شەكلى، خەۋەر تارقىتىش ۋاسىتىسى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. يېزىق مۇخبىرىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخبارات يىپ ئۇچلىرىنى كۆپلەپ بايقاپ، تەپسىلىي خەۋەر قىلىش پىلانى تۈزۈپ، خەۋەر، تەسۋىرىي خەۋەر، ئوچېرك، تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىق ژانىرلارنى پىششىق ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ماقالىلەرنى يېزىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئوبزور يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. فوتو ئاپپاراتنى قورال قىلىدىغان فوتو مۇخبىرىدىن ئاخبارات سۈرەتلىرىنى كۆپلەپ تارتقان ئاساستا، ئۇزۇنغىچە قىممىتىنى يوقاتمايدىغان بەدىئىي سۈرەتلەرنىمۇ تارتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. رادىئو مۇخبىرىدىن يېزىق مۇخبىرىغا قويۇلغان شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن تاشقىرى، ئۈنئالغۇدىن پايدىلىنىپ لېنتىلىق خەۋەر، لېنتىلىق تەسۋىرىي خەۋەر، لېنتىلىق زىيارەت خاتىرىسىگە ئوخشاش ئاۋازلىق خەۋەرلەرنىمۇ ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا ئاخبارات يىپ ئۇچلىرىنى ئىگىلەش جەھەتتە باشقا مۇخبىرلارغا ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى تامامەن باشقىچە بولىدۇ، ئۇ نەق مەيداننى زىيارەت قىلغاندا، چۈشەندۈرۈش سۆزىنى ياخشى يېزىش مەسىلىسىنى ئويلىشىش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۆرۈنۈشنى پىلانلايدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بەزىدە يەنە تېخى فىلىم كىرىشتۈرۈشكە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، دىكتورنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە ياردەملىشىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئاخىردا تېلېۋىزىيە خەۋەر فىلىمىنى پۈتكۈزىدۇ. ۋەزىنلىك مەخسۇس فىلىم ئىشلىمەكچى بولسا، سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشىغا، مەلۇم خىراجەت، خادىملارنى ھەل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

ھازىر ئېلىمىزدە مۇخبىرلارنىڭ كەسپىي ئۇنۋانى ئالىي مۇخبىر، مۇدىر مۇخبىر، مۇخبىر، ياردەمچى مۇخبىر دەپ تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ.