مۇساباي

ئورنى Wikipedia

مۇساباي

(1895 - 1809)

<XIX> ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە زور شۆھرەت قازانغان كاتتا باي - مۇساباي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخستۇر.

ئۇ ئىلىدا كۆن خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇپ 200 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىنى چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلغان. ئۇ بالىلىرىنىڭ پەننىي مەكتەپ ئېچىشىغا ئىلھام بەرگەن ھەم "پۇلنىڭ خۇجايىنى بولماي، بىلىمنىڭ خۇجايىنى بولۇڭلار" دىگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ، دۇنيادىن كەتكەن.