مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى Musabayof we uning soda karxanisi
مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى
شىرىپ خۇشتار
1. قىسقىچە بايان
[تەھرىرلەش]19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى يەنى 1848-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، تىجارەت پائالىيىتىنى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان، سىرۋالىسكى، زەيسەن، موسكۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلەردە سودا سارايلىرىنى قۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ، تيەنجىن، چېڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇ، ۋۇۋىي، جۈچۇەن قاتارلىق شەھەرلەردە ماگىزىنلار ئېچىپ، ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار سودا تىجارىتىنى تۈركىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىگە ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە يەتكۈزدى. ئەنە شۇ زامانلاردا مۇساھاجىم(كېيىنرەك مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلغان)، باھاۋۇدۇن مۇسابايوۋ، ھىلى ۋاگون قاتارلىق كارخانىچىلار دۇنيا بازىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، چەت ئەل كاپىتالىستلىرى بىلەن سودا رىقابىتى قىلغان سودا باھادىرلىرى ئىدى.مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ھاياتىغا نەزەر سالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن-تېخنىكا كىرگۈزۈش، سەنئەت، تەنتەربىيىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆھپىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
2.مۇسابايوۋلارنىڭ قىسقىچە ئائىلە تارىخى
مۇسابايوۋلارنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ئاتۇش ناھىيە ئېكىساق كەنتى. ئۇلارنىڭ يەتتە ئاتىسى ئاشۇ زىمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دېھقانچىلىق، كارخانىچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلارنىڭ سودىسى ئابدۇرۇسۇل بايدىن باشلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەنىدى.ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى:
بىرىنچى، مۇھەممەت ئېلى. 1760-يىلى تىجارىتىنى توختۇتۇپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ يەر، سۇ، ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، بىر بۆلۈم چارۋىسى بولغان. شۇ يۇرتنىڭ ھاللىق كىشىلىرىدىن ئىدى.
ئىككىنچى، ئابدۇلئەزىز. ئۇ ئۆز يۇرتىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە يەر-زېمىن، مال-مۈلۈك، نەق پۇل كۆپەيگەن.
ئۈچىنچى، ئابدۇمىجىت. بۇ كىشىمۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە ئاتا كەسپىي تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئىناۋەتلىك كىشىلىرىگە، جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان.
تۆتىنچى، تۇردى. بۇ كىشىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن تىجارىتى ئوخشاش دەرىجىدە كىرىمگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە يەر،سۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، چارۋىچىلىق ماللىرى ئالاھىدە كۆپەيگەن. تىجارەت دائىرىسى چوڭ شەھەرلەرگە يۈزلەنگەن. تۇردى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇكەممەل دىنىي بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە تىجارەت كىرىمى دېھقانچىلىق كىرىمىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان. ئۇ شۇ زاماندا ئاتۇش بويىچە ئاتاقلىق بايلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا قارا پ كىشىلەر ئۇنى تۇردى قۇم (پۇلى قۇمدەك كۆپ دېمەكچى)دەپ ئاتىغان.
بەشىنچى، ئابدۇرۇسۇل. بۇ كىشى تىجارەتنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە ئېلىپ بارغان. مۇسا بايوۋلار ئائىلىسى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ چەتئەل بىلەن سودا قىلغان كىشى. ئۇ دىنىي مەكتەپتە كۆپ ئوقۇغان ئادەم بولۇپ، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئوبدان ئۆگەنگەن. جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى مۇسا ھاجىمنى ئوقۇتۇپ، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك، ئىگىلىك باشقۇرغۇچى قىلىپ تەربىيلىگەن. كېيىن تىجارەتنى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى مۇسا ھاجىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن.
ئالتىنچى، مۇساھاجى. بۇ كىشى ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل باينىڭ تەلىمىگە ۋە ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بىرىنچىدىن: تىجارەتكە ۋارىسلىق قىلدۇ،ئىككىنچىدىن: يەككە ئىگىلىك يارىتىپ، تىجارەتكە كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى قوشىدۇ. ئاتىسىنىڭ پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ئىلىمنىڭ خوجىسى بولۇڭلار دېگەن ۋەسىيىتىىگە ئاساسەن، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ،ئەرەب، پارىس، ئوردۇ تىللىرىنى ۋە شۇ تىل-يېزىق ئىلمىنى مۇكەممەل ئىگەللەيدۇ. ھەم جاھان كېزىپ، يېڭى مائارىپ، يېڭى كەشپىياتلارنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپادىن ئۆگىنىپ شىنجاڭنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە 1885-يىلى ئىلى كۈرەدە 200ئىشچىسى بار تۇنجى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى، ئۇنىڭ يېنىغا تۈگمە، يېلىم، كېگىز، سوپۇن، شام، گېلەم، ئارقان، ئات ئېگەر جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرىدۇ. ئۇ يەنە ئوغلى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنبايلارنىمۇ يۇقۇرى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئىلىم-بىلىملىك قىلىپ يېتىشتۈرۈش بىلەن بىللە ئۇلارنى پەن-تېخنىكىنى قوللىغۇچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى قىلىپ تەربىيلەيدۇ. مۇساھاجىم ھايات ۋاقتىدا قازاندىن جەدىد (يېڭىچە)مۇئەللىملەرنى، بۇخارا، باغدادتىن دىنىي ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، مەدرىسلەردىن چەتئەل تىلى،تارىخ، ئاستىرنومىيە، ماتېماتىكا،ئىلمىي تەجۋىد قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.بىرمەزگىل ئىلىم يۇقۇرلىقى بىلەن مۇدەررىس بولىدۇ. ئۆزى نەچچەمىڭ پارچە كىتاب ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەشىر قىلىنغان گېزىتلەرنى توپلاپ خەلققە كىتابخانا ئېچىپ بېرىدۇ. مۇساھاجىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئىشلىرى بىلەن تىجارەت ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنبايغا قالدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ تىجارىتى 1895-يىلى ياۋروپاغا يۈزلەنگەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان مۇسا ھاجىمنىڭ ئىسمى پەرزەنتلىرىنىڭ فامىلىسى قىلىنىپ، ياۋروپادا «مۇسابايوۋ» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.
يەتتىنچى، ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنباي. مۇساھاجىمنىڭ ئۈچ خوتۇندىن ئالتە ئوغۇل، ئىككى قىزى بار بولۇپ ئوغۇللىرى :ھۈسەنباي،باھاۋۇدۇنباي،ئىمام مۇھەممەت، ھىسامىدىن، ئوبۇل ھەسەن، ئابدۇللا. مۇسا ھاجىم ئۆزىنىڭ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىغا ئىككى چوڭ ئوغلى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينى ۋارىس قىلىدۇ.ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي، مۇساھاجىمدىن كېيىن قالغاندىن كېيىن ھۈسەنباي ئومۇمىي ئشلارغا مەسئۇل بولۇپ قوشۇمچە زاۋۇتنى باشقۇرىدۇ. باھاۋۇدۇنباي ئىشكى-تاشقى سودا ۋە سېتىۋىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئىمام مۇھەممەت ئىلىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋۇچىلىققا، ھىسامىدىن قەشقەردىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا، قوشۇمچە كەسىپلەرگە، ئوبۇلھەسەن خوتەن، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن خام ئەشيا سېتىۋىلىش ئىشلىرىغا، يەنە چەتكە ئېكىسپورت قىلىش، ئىمپورت ماللىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقىتىش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش(گۇما، قاراقاش، خوتەن، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەككىز چوڭ مويكا؛ پاختا،يۇڭ پرېسلاش ئورنى، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە 150تىن 400گىچە ئىشچى بار) ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، كېيىن ئوبۇلھەسەنھاجىم نامى بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ. ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي1928-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئىككى ئاتىدىن بولغان ئەۋلاد ئىككى يىل بىللە تىجارەت قىلىدۇ. كېيىن شۇ شىركەت تۈزۈمى بويىچە1930-يىلى مىراس بۆلۈشىدۇ، بۇ چاغدا ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سابىت مۇسابايوۋ(1972-يىلى تۈركىيىدە ۋاپات بولدى)، باھاۋۇدۇنباينىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋ(1979-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى) ۋەكىل بولۇپ مىراس تەقسىمىنى ئالىدۇ
پۈتۈن مال-مۈلۈك 1مىليارد 562 مىليون 137مىڭ 193 سوم ئىلى تاۋارنى ئاقچا ۋە 23مىليون 161مىڭ 665 سوم مېكسىكا پۇلى (تاشقى پېرېۋوت) بولۇپ، بۇنىڭ %54 ى 843 مىليون 554مىڭ 84 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا، 12مىليون 507 مىڭ 299 سوم مېكسىكا پۇلىنى سابىت مۇسابايوۋ ئېلىپ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. قالغان ئومۇمىي مال-مۈلۈكنىڭ %46 ى 718 مىليون 583 مىڭ 99 سوم ئىلى تاۋارنى ئاقچا ۋە 10 مىليون 654 مىڭ سوم مېكسىكا پۇلىنى ئىسمائىل موسابايوۋ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ 2- ئايالىدىن بولغان ئابدۇلئەزىز مۇسابايوۋ (1984-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى )، ئابلەھەي مۇسابايوۋ (1970-يىلى تۈركىيىدە ۋاپات بولدى ) ، مىجىت مۇسابايوۋ (1973-يىلى سوۋېت ئالما-ئاتادا ۋاپات بولدى ) لار بىر بولىدۇ. 3- ئايالىدىن بولغان ئابلەھەت مۇسابايوۋ (1987-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولدى ) ،تەلئەت مۇسابايوۋ (ھازىر تۈركىيە تەۋەلىكىدە بولۇپ چەت ئەللەردە تىجارەت قىلىدۇ) ، نېلۇپەر مۇسابايوۋ (1982-يىلى پارىژدا ۋاپات بولدى ) ، دىلناۋاز مۇسابايوۋ (1984-يىلى لوندوندا ۋاپات بولدى ) بۇلار بىر بۆلۈنۈپ چىقىدۇ.
باھاۋۇدۇنباينىڭ تۆت ئايالىدىن ۋە چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋدىن بولغان پەرزەنتلەر ئانىسىنى ئاساس قىلىپ بۆلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينىڭ بالىلىرى مەلۇم شەكىلدە بىللە تىجارەت قىلىدۇ (زاۋۇت تىجارىتى بىلەن ) ، باشقا جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسمائىل مۇسابايوۋ 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، پۇل چىقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم «ئىنقىلاب» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا تەربىيىلىنىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1955-يىلى مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى سودا تىجارىتى بىلەن ھۆكۈمەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆتكەندىن كىيىن ، ئابدۇلئەزىز مۇسابايوۋ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. قالغان ۋارىسلىرىمۇ ئۆز لايىقىدا ئېتىبار بېرىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئەلىدىن بولغان نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ تىجارىتىنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كېڭەيتىپ ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلماقتا.
3.مۇسابايوۋلار ئائىلىسىنىڭ ئىچكى سودىسى
مۇسابايوۋلار 1895-يىلى غۇلجا شەھىرىدە « مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى» ناملىق باش تىجارەتخانىنى قۇرۇپ ، ئىلگىرى ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئىلى ، ئالتاي ، چۆچەك ، خوتەن ، يەكەن ، قاراشەھەر ، كۇچا ، قاغىلىق ، گۇما ، مارالۋېشى ، ئاقسۇ ، شىخو ، ماناس قاتارلىق جايلاردا تۇرغۇزغان سودا خادىملىرى ۋە قۇرغان سودا دۇكانلىرى ئاساسىدا بۇ جايلاردا شۆبە شىركەتلەرنى قۇرۇپ ، تىجارەتنى ھەرقايسى ناھىيە – بازارلىرىدىن تاغلىق رايونلاردىكى چارۋىچىلار ئارىسىغىچە كېڭەيتىدۇ. 1988- يىلى تېپىلغان مۇسابايوۋلار ئارخپىدىكى بىر پارچە خەتتە يېزىلىشىچە ، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نىيە ، كېرىيە ، زاۋا ، چىرىيە ، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردا ھەتتا كۆكيار ، قىرغىز جاڭگىلىغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە ئۇلارنىڭ يەرلىك مال سېتىۋالغۇچى خادىملىرى بار بولۇپ ، مۇسابايوۋلار ئۇلارغا سانائەت ماللىرى ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە مۆھلەت بىلەن ئالدىن پۇل ئالماي سېتىپ بېرىشكە بېرىدىكەن ، مال ئالغۇچىلار ساتقان مالنىڭ پۇلىغا چارۋا مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانات تېرىسى قاتارلىق خام ئەشيالارنىڭ سېتىۋېلىپ ، مۇسابايوۋلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ خىزمەت ھەققى ئالىدىكەن. بۇ مۇسابايوۋلارنىڭ سېتىۋېلىش خادىملىرىنى جەلپ قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن ، قاراقاش ، گۇما ، قاغىلىق ، يەكەن ، قەشقەر ( قەشقەردە ئىككى مويكا ۋە ئىككى يۇڭ پرېسلاش ئورنى بار ) ، ئاقسۇ ، قاراشەھەر ، شىخو ، ماناس ، ئىلى ، تېكەس ، بورتالالاردا ئۇلارنىڭ مويكىىسى ، تېرە- ئۈچەي پرىيوم خادىملىرى بار ئىكەن.
مۇسابايوۋلارنىڭ تاشقى سودا ئۈچۈن سېتىۋالىدىغان ماللىرى پاختا، يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر، ئۈچەي، ئات يايلى، ئات قۇيرۇقى؛ ئات، قاما، سوغۇر، ئوغلاق، قوزا، بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، سۇ چاشقىنى، ئالا سۆسەر، تۈلكە ، يىلپىز، بۆرە، ئىت، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىسى، يەرلىك گىلەم، ھەرخىل يىپەك رەخت، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋار-دۇردۇن، چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى؛ تاتلىق مېغىز، ياڭاق، بادام، گازىر، ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ قېقى، بۇغا، بۆكەنلەرنىڭ ھۆل مۈڭگۈزى، زاراڭزا ، ئازغان مونچىقى، ياۋا چىگە، چۈچۈكبۇيا، سۇرۇنجان ، ئابدىمىلىك قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى؛ ماتا، چەكمەن– سەگەز، شاتاۋا، تولما، تاغار، خۇرجۇن، پالاس، كىگىز، شىرداق، جايناماز قاتارلىق يەرلىك ماللار ۋە ئىمپورت قىلىنغان ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83 خىلدىن ئاشقان ، ئۇنىڭدىن باشقا خەلق تۇرمىشىغا ئېھتىياجلىق، يەرلىك ئىشلەپ چىقارغان ئىشتانباغ ، شۈمەك ، ژىك ، تۈكچە ، پۇزا ، رېپىدىگە ئوخشاش مال بولسىمۇ ، ساتقۇرىنى قۇرۇق قول قايتۇرماي سېتىۋالغان ، سېتىۋالغان بۇ خىل ماللارنىڭ چەت ئەلگە لايىقلىرىنى چىقىرىپ ، قالغانلىرىنى شەھەر ، يېزىلاردا ساتقان. كىشىلەر مۇساھاجىمدىن :« بىر تال ئىشتانباغ ، بىر تال تۇخۇمنىڭ قانچىلىك پايدىسى بار؟» دەپ سورىغاندا ، ئۇ :« بۇ پايدا ئۈچۈن ئەمەس ، ئەلدىن ئەلگە نەپ، ساتقۇچى ھاجەتمەن، ئۇنىڭ مېلىنى ئېلىپ قويمىساڭ، ئىشلەپچىقىرىشى توختايدۇ، بۇ ئىش داۋام قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى ئۆچىدۇ. ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈىش ساۋابلىق ئىش ئەمەس…» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە بالىلىرىغا، ھەربىر سودا خادىمىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى، زىيان تارتسا ئۆزىنىڭ ( مۇساھاجىمنىڭ ) ھېسابات دەپتىرىگە يېزىپ قويۇشىنى تاپىلىغان، ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش دائىرىسى ئەنە شۇنداق كەڭ بولغان.
سېتىش دائىرىسىمۇ كەڭ بولۇپ، ساتىدىغان ماللىرى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن خوتەننىڭ گىلەم ، ئەتلىسى ، يەكەننىڭ بەقەسەم ، بەشباغلىق ماتاسى ، خاڭدىنىڭ گۈللۈك پالىسى ، خانئېرىقنىڭ ماتاسى ، ئاۋاتنىڭ چەكمىنى ، قەشقەرنىڭ سەگەز ، چوتا ، ھەمزۇل ، شاتاۋا ، شەتلەڭگە ، تېرىكە ، قاتارلىق ماللىرى ، چەت ئەلنىڭ ھەرخىل يۇڭ ، يىپەك ، تېرىكە ، چىبەرقۇت قاتارلىق رەختلىرى ، تۆمۈر، قاڭالتىر ، قەنت ، شېكەر ، كەمپۈت ، كىرسىن ، سەرەڭگە ، يىپ-يىڭنە ، چىنە-قاچا ، باش-ئاياغ كىيىم ، ئەتىر ، يۈزسوپۇن ، يۈزماي ، قاتارلىق بۇيۇملىرى ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق،سايمانلىرى ، چالغۇ-ئەسۋابلىرى، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن سانائەت ماللىرىدىن ئىبارەت. مۇسابايوۋلار ئۆز تىجارىتىدە پىلانلىق تەمىنلەشنى يولغا قويغان. مەسىلەن: سودا ۋاكالەتچىلىرى ، مال ، پۇل بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن ، جايلارنىڭ ئاھالە نوپۇسى ، مال چارۋىسى ، يېزا ئىگىلىكى ، بازار سودىسى ۋە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ، ئېھتىياجىغا قاراپ پىلانلىق تۈردە مال ، پۇل بەرگەن ، شۇڭلاشقا ئوبوروتقا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن. سېتىۋېلىش-سېتىش بالانىس بولۇپ ئوبوروت راۋانلاشقان.
بازار ئەھۋالى ئايمۇئاي ئىگىلىنىپ تۇرغان. مەسىلەن : 1917-يىلى 25-ئىيۇلدا مۇسابايوۋغا يېزىلغان بىر پارچە خەتتە:« تېرىلەرنى قېقىپ ، نافتالىن سېلىپ تۇرۇۋاتىمىز. نەرق ئەھۋالى مۇنداق:بازاردا گەزمال يوق ، چىت بىر سوم 50 تىيىن ، تېرىكە 15 سوم ، تۆت كۈرە بۇغداي 50 سوم ، سولۇ بەش سوم 50 تىيىن ،گۈرۈچ 14 سوم ، نافتالىن 120 سوم (بازاردا يوق) ، بىر خىش چاي بەش سوم، تاش چاي يەتتە سوم ، باشقا ماللار مۇشۇ قاتاردا. بازار ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەت يېزىپ تۇرىمەن. ئىسمەتوۋ» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن مۇسابايوۋلارنىڭ يالغۇز تاشقى سودىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئىچكى سودىدىمۇ ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئىچكى ئوبوروت مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق سانلىق يازما ماتېرىيال بولمىسىمۇ ھۈسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت ئەپەندى، باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغۇللىرىدىن ئىسمائىل مۇسابايوۋ ، قەييۇم ئەپەندى ۋە زاۋۇتتا ئۇزۇن يىل كاسسىر بولغان ئابدۇللا ئەلا ھاجىملارنىڭ ئېيتقانلىرى ھەمدە بەزى مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلەردە يېزىلىشىدىن قارىغاندا ، ئىچكى ئوبوروت ئىككى خىل بولغان. بىرى، چەت ئەل ماللىرى بىلەن يەرلىك ماللارنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى سېتىش ئوبوروتى بولۇپ ، ئوبوروت سوممىسى يىلىغا 3 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىدىن 5 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىغىچە بولغان. يەنە بىرى ، يەرلىك خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئوبوروتى بولۇپ ، سوممىسى مەلۇم يىللاردا بالانىس بولمىسا ، كۆپ يىللاردا 2 مىليون سوم ئاقچىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن، 4 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىدىن ئېشىپ كەتمىگەن.
4.چەت ئەل سودىسى ،يەرمەنكە ۋە ئىككى قېتىملىق زور پايدا
مۇساھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۈسەنباي ھاجىم بىلەن باھاۋۇدۇنباي 1895-يىلى قۇرۇلغان «مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى » نى قانداق راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا باش قاتۇرىدۇ. ئاخىر ئۇلار ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئىچكى-تاشقى سودىنى بىردەك راۋاجلاندۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83 خىلدىن ئارتۇق مالنى ئېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن سودا قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سودا-سانائەت ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. غەرب دۇنياسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى ، يېڭى مائارىپنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سودا بىلەن سانائەتنى جىپسىلاشتۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى قانات يايدۇرۇپ ، چەت ئەلنىڭ سانائەت ماللىرىنى كىرگۈزىدۇ ، شىنجاڭنىڭ خام ئەشيالىرىنى چىقىرىدۇ. ئۇلار 63 خىل تاۋارنى ئىمپورت قىلىپ ، خەلقنى تەمىنلەيدۇ. ئەنە شۇ خىلدىكى كۆپ قېتىملىق سودا ئارقىلىق ئۇلار ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇلىدۇ.
ئۇلار چەت ئەللەردىكى زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتلىرىنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ، 1885-يىلى مۇساھاجىم كۈرەدە قۇرغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قول سانائەت كارخانىسىنىڭ تولىمۇ قالاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە 1895-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كارخانىنى ھازىرقى ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئورنىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئىشخانا بىناسىدىن شىمال تەرەپكە ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىر ، كەڭلىكى 400 مېتىرلىق دائىرىگە كېڭەيتىپ ، سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرىدۇ. لېكىن، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك بولمايدۇ. ئۇلار رۇسىيىگە زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇسابايوۋلارنىڭ زامانىۋى سانائەت كارخانىسى قۇرۇشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ سېتىپ بەرمەيدۇ. ئەمما ، مۇسابايوۋلار ئەۋلادى شىنجاڭدا سانائەت كارخانىسى قۇرۇش ئىرادىسىدىن زادىلا يانماي ، قۇرۇلىدىغان سانائەت كارخانىسى لاياقەتلىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ.
1903-يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ ، بۇ يەرمەنكىگە ئالدى يەتتە يىل ، ئەڭ كەينى ئۈچ يىل تەييارلىق كۆرگەن چوڭ سودىگەرلەرنىڭ يەرلىك ماللىرى ۋە بازار ئىزدەپ كەلگەن چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇخىل سانائەت ماللىرى قويۇلىدۇ. بۇ يەرمەنكىگە تاشكەنتلىك ئۆزبېك سودىگەر ئەرشانباي پۈتۈن تۈركىستاندىن يىغقان بىر قانچە يىللىق پاختىسىنى قويىدۇ. بۇ پاختىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 100 مىڭ تىللاغا يېتەتتى. يەرمەنكە باشلانماي تۇرۇپ ئالدىن كەلگەن سودىگەرلەر مال كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ، بىر ئىنگلىز سودىگىرى ھۈسەنبايغا :« سىز ئۆزبېك تىلىنى بىلىدىكەنسىز ، بۇ پاختىنى ماڭا سودا قىلىپ قويسىڭىز» دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. ھۈسەنباي پاختىنىڭ ھەربىر كىلوگرامىغا 80 تىيىندىن باھا قويۇپ ، ئىنگلىز سودىگەرگە سودا قىلىپ قويىدۇ. ئىنگلىز سودىگەر پاختىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بىلگەندىن كېيىن ، پۇلى يەتمەي بۇ سودىدىن يېنىۋالىدۇ. يەرمەنكە قائىدىسىدە ، يەرمەنكىگە قاتناشقانلار مالغا ئالدىراپ باھا كەسمەسلىك ، ئەگەر باھا كېسىلىپ ئالغۇچى يېنىۋالسا ، بۇ مالنىڭ سېتىۋالماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، باھا كەسكۈچى ئىلىش لازىم ئىكەن. ئۇنداق قىلمىغاندا ، بۇ يەرمەنكىدە سېتىلمىغان مال يەنە نەچچە يىل يەرمەنكە كۈتۈش لازىم بولۇپ ، مال ئىگىسىنىڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولىدۇ ، دەپ قارىلىدىكەن. ئەنە شۇ سەۋەب بىلەن 100 مىڭ تىللالىق پاختا ھۈسەنباينىڭ ئېلىشىغا قالىدۇ. ئاخىر ئۇنىڭغا ژاخارمارۇژۇۋ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سودىگەر ئۇچۇر بېرىپ :« ياۋروپادا ئاپەت يۈز بېرىپ ، پاختا ئۆسۈپ قالدى. نۇرغۇن زاۋۇتلار خام ئەشيا يوق توختاپ كەتتى. پات ئارىدا بۇ يەرمەنكىگە ياۋروپالىق توقۇمىچىلىق فابرىكا كاپىتالىستلىرى كېلىدۇ. پاختا ياخشى ئىكەن ، ياخشىسى شۇلارنى كۈتكىنىڭ تۈزۈك » دەپ تەكلىپ قىلىدۇ. دەرۋەقە يەرمەنكە باشلانغاندا ياۋروپالىق سودىگەرلەر يېتىپ كېلىدۇ ، ھېلىقى يەھۇدىي ژاخارمارۇژۇۋ سودا قىلىپ باھا كېسىشى بىلەن ھۈسەنباي پاختىنى (قىممىتى 100 مىڭ تىللا ، يەنى بىر دانە تىللا ئون سومدىن جەمئىي 1 مىليون سوملۇق پاختا) بىر بىر سوم 20 تىيىندىن (ئېلىشى 80 تىيىن) يېرىم ھەسسە پايدىسىغا پادىن دېگەن سودىگەرگە سېتىپ ، 50 مىڭ تىللا (500 مىڭ سوم) ساپ پايدا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۈسەنباي موسكۋا يەرمەنكىسىگە ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك ماللىرى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ چاي ، يىپەك رەختلىرى قاتارلىق باشقا ماللارنى سېتىپ كۆپ پايدا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ.
شۇ يىلى ھۈسەنباي سودىسىنى ئەرەب ئەللىرىگە قارىتىپ ، بىر تەرەپتىن سودا قىلىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەج قىلىدۇ. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە پايدىسىدىن زاكات ئايرىپ ، زاكات پۇلىغا مەككىدە «تەكخانا» (ھاجىلار چۈشىدىغان ساراي) ياسايدۇ ۋە تاۋاپ مەزگىلىدە ھاجىلارنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشىغا تاپشۇرىدۇ. ئاندىن مەدىنىدە سودا سارى ئېچىپ تىجارەت قىلىدۇ.
شۇ يىللىرى، نېمىسلار تۈركىيە بىلەن باغدات ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول ياساپ ، پاي چېكى ساتىدۇ. ھۈسەنباي ھاجى 40 مىڭ تىللالىق پاي چېكى سېتىۋالىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت تۈپەيلى گېرمانىيىلىك كاپىتالىستلار بىلەن تونۇشىدۇ.
1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيىگە سودا قىلىشقا ۋە شۇ پۇرسەتتە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ. باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيىدە تىجارەت قىلغاچ تېرە زاۋۇتى ، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
1910-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە بولغان مەزگىل مۇسابايوۋلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ «ئىلى تېرە زاۋۇتى» دا ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇم ، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ئۆتۈك، بەتىنكە ۋە باشقا 40 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى شىنجاڭ ئىچىدە بازار تېپىپلا قالماستىن ، خەلقئارا بازاردىمۇ ئورۇن ئالىدۇ ، پۈتۈن ئاسىيا بازارلىرىدا ئەتىۋارلىق مال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ زامانلاردا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە «ئىلى تېرە زاۋۇتى» دەك بىر زاۋۇت يوق ئىدى. مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە مۇسابايوۋلارنىڭ تىجارەتخانىسى (شىركىتى) نىڭ ئوبوروت كاپىتالى بىر مىليون سوم تىللا پۇلدىن ئېشىپ ، شىنجاڭدىلا ئەمەس ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق مىليونېر بولۇپ تونۇلىدۇ. 1921-يىلى ھۈسەنباي ھاجى تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يەرمەنكىگىمۇ شىنجاڭنىڭ سەككىز خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى ۋە زاۋۇتتا ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇم ، بۇلغار ، مەسكاپ-چېگرىن ، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ھەرخىل ئاياغ كىيىم ، پەلتو ، پالشوپكا ، كاژانكا ، شەپكە ، شىم ، سومكا ، چامادان ، ئېگەر-جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقى ، بەل تاسما (رېمىن) قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇلارنى يەرمەنكىدە ساتقاندىن كىيىن ئۇ يەردىن ھەرخىل رەڭ (يۇڭ-تېرە بويايدىغان بوياق) ، ھەرخىل يۇڭ-پاختا رەخت ، يىپەك رەخت ، تۆمۈر ، قاڭالتىر ، قەنت ، شېكەر ھەتتا سەرەڭگە قاتارلىق 40 نەچچە خىل مالنى ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭ بازارلىرىنى قامدايدۇ. مۇسابايوۋلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ۋە ئىچكى-تاشقى سودىدا تاپقان پايدىسى 100 مىڭ سوم ئالتۇن ئاقچىدىن ئېشىپ كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلغانىدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ھۈسەنباي ھاجىم بىلەن باھاۋۇدۇنبايلار سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دادىل سودا قىلىدۇ. 1923-يىلى باھاۋۇدۇنباي موسكۋاغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن كالىننىن بىلەن كۆرۈشۈپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئالاقىسى ئورنىتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسابايوفلار تىجارەتخانىسى ئىلى قورغاس چېگرىسى ، ئەركەشتام ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا 700 توننىدىن ئارتۇق قوي يۇڭى ، 100 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي ، 30 مىڭ باشتىن ئارتۇق ئات ، كالا ، نەچچە يۈزمىڭ تال پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۈچەي ، سۇغۇر ، بورسۇق ، تۈلكە ، سۈلەيسۈن ، تىيىن ، بۆرە تېرىلىرى ، ئەلتېرە ، مارىيى ، نەچچە ئون مىڭ توننا قۇرۇتۇلغان يەل-يېمىش ، ئاشلىق ، مايلىقدان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ يىللاردا رۇسىيىدە گراژدانلار ئۇرۇشى پارتلاپ قەھەتچىلىك يۈز بەرگەچكە، بۇ نەرسىلەر بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى. ھۈسەنباي 1926-يىلى ، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ ئەمما تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ قالماي ، 1949-يىلغىچە ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارلارنى مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋاملىق قامداپ تۇرىدۇ.
1956-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە شۇ يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ماللىرى بىلەن ئاۋات ئىكەن.
5.مۇسابايوۋلار تېرە زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى
1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيىگە تىجارەت قىلىشقا ۋە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ. باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيە سانائىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق ، كۆن-خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنى ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇ مەزگىللەردە گېرمانىيە زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى قوشنا دۆلەتلەرگە چىقىرىش مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ ، شىنجاڭ ئايرىم قىتئەگە جايلاشقان يىراق رايون بولغاچقا ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باھاۋۇدۇنبايغا سېتىپ بېرىشكە قوشۇلىدۇ.
باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيىنىڭ مايىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان فرانكفورت شەھىرىدىكى «فرانكفورورام ئاسايىن» زاۋۇتى يەنى «FRANCRORAMMEONYSIRY» غا ئالدىن 500 مىڭ سوم تىللا پۇل زاكالەت بېرىپ ، كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنى زاكاز قىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىستانوك ، كەپشەرلەش ماشىنىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالىدۇ. باھاۋۇدۇنباي يەنە ئىنژېنېر ، رېمونت مۇتەخەسسىسى ، ئېلېكتر مېخانىكى ، تېلېگراف خادىمى ، كۆن-خۇرۇم ئىشلەش مۇتەخەسسىسى قاتارلىق تېخنىك خادىملارنى شىنجاڭدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ، تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ، يۇقىرى مائاش بېرىش ھەققىدە كېپىللىك قىلىش ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زاۋۇت قۇرۇشقا مەسئۇل ئىنژېنېر بىلەن تېلېگراف خادىمى ئىككى يىللىق ، باشقا خادىملار بەش يىللىق مۇددەت بىلەن تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇشۇ شەرت قىلىنغان بولۇپ ، ۋاقىتنى ئۇزارتىش ئىككى تەرەپنىڭ رايىغا قالدۇرۇلىدۇ.
گېرمانىيە سانائەت شىركىتى توختام بويىچە زاۋۇتنى 1906-يىلى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇ يىلى گېرمانىيىدىن تەكلىپ قىلىنغان تېخنىك خادىملارنىڭ مەسئۇللۇقى بىلەن زاۋۇت رۇسىيە ئارقىلىق ئىلىغا توشۇلۇشقا باشلايدۇ. زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى رۇسىيە چېگرىسىغا كىرگەندە ، ھاڭ-تاڭ قالغان چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشكە يول قويمايدۇ. ھۈسەنباي ھاجى بۇ ئەھۋالنى دەرھال شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي مەمۇرىي باش ۋالىسى لەنكۈيگە مەلۇم قىلىدۇ ، لەنكۈي بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ ، 1881-يىلى ئىمزالانغان «جۇڭگو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» دا بەلگىلەنگەن «جۇڭگونىڭ چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلغان ماللىرى رۇسىيە زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە ، رۇسىيىنىڭ چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلغان ماللىرى جۇڭگو زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن ماددىغا ئاساسەن ، بۇ ئىشنى ئىلى گېنېرالىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللايدۇ. نەتىجىدە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى زاۋۇتنى 90 كۈن ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيە زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتسە زاۋۇتنى رۇسىيىدە قۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ياركەنت ۋالىيسى ۋەلىباي يولداشوۋ (ئەسلى غۇلجىلىق ئۇيغۇر سودىگەر) ئارقىلىق مۇسابايوۋغا خىزمەت ئىشلەپ ، زاۋۇتنى رۇسىيىدە قۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەمما ، مۇسابايوفلار رەت قىلىپ ، زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەشكە كىرىشىدۇ.
زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى گېرمانىيىدىن پويىز بىلەن رۇسىيىنىڭ ئومىسكى شەھىرىگە توشۇپ كېلىنىدۇ. ئومىسكىدىن ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق پاراخوت بىلەن سىمپلاتنىسكى شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئەمدى سىمپولاتنىسكىدىن قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا ئېلىپ كېلىش قالىدۇ. بۇ يولنىڭ ئارىلىقى 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ ، قاتناش ئىنتايىن قۇلايسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى خىلمۇخىل توسۇقلارنى قۇرۇپ ، ئۇلارغا زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتقانىدى. ئەمما ، مۇسابايوفلار قەتئىي تەۋرەنمەي جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ، 100 كىلومېتىر ئارىلىقنىڭ ئوي-دۆڭ يەرلىرىنى تۈزلەپ ، 286 ئورۇنغا چوڭ-كىچىك كۆۋرۈك سالىدۇ. زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى چۇۋۇپ پارچىلايدۇ. ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۆت توننا ، ئەڭ يېنىكى بىر يېرىم توننا كېلەتتى. بۇلارنى توشۇش ئۈچۈن ئېغىر يۈك كۆتۈرىدىغان ھارۋىلار ياسىلىدۇ. 96 ئۆكۈز تەييارلىنىپ ، ھەربىر ھارۋىغا ئالتىدىن 12 گىچە ئۆكۈز قېتىلىدۇ. زاۋۇت غۇلجىغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن زاۋۇت قۇرۇلۇشى 1907-يىلى كۈزدە باشلىنىپ ، 1909-يىلى پۈتۈپ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ ، ئوتقا چىداملىق خىش ، سېمونت ، پولات قاتارلىق ماتېرىياللار رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بىر سەر ئالتۇن 40 سوم تىللا پۇلغا باراۋەت بولۇپ، يۇقىرىقى چىقىم سوممىسىنى ئالتۇنغا ، 300 مىڭ سەر ئالتۇن بولاتتى.
مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يىلىغا 40 مىڭ پارچە چوڭ تېرە (ئات ، كالا تېرىسى) 600 مىڭ پارچە كىچىك تېرە(قوي، ئۆچكە تېرىسى) ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. ئىشچى سانى دەسلەپكى مەزگىلدە 166 نەپەر بولۇپ ، يەنە كۈنلۈك ئىشچى ياللانغان. كېيىن ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشچى قوبۇل قىلىنىپ ، ئىشچى سانى بىر قانچە يۈزگە يەتكەن ، زاۋۇت كۆن-خۇرۇم ، مەسكاپ-چېگرىن ، چەم ، شاۋرۇن قاتارلىق 13 خىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى بويىچە ، شام ، سوپۇن ،تۈگمە ، ياريېلىم ، ھەرخىل ئاياغ كىيىم ، ھەرخىل خۇرۇم چاپان ، تاسما ، شەپكە ، ئېگەر-جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقى قاتارلىق 12 خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان.
ھۈسەنباي ھاجى 1909-يىلىدىن باشلاپ زاۋۇتنى ئۆزى باشقۇرۇپ كەلدى. 1926-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى سابىت ئەپەندى 1933-يىلىغىچە ، ئۇنىڭدىن كېيىن مىجىت ئەپەندى 1938-يىلىغىچە ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەلئەت ئەپەندى 1950-يىلىغىچە ، 1950-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە مىجىت ئەپەندى ، ئابدۇلئەزىز ، ئىسمائىل ، ئابدۇقەييۇم ئەپەندىلەر باشقۇرۇپ كەلدى. 1955-يىلى زاۋۇت ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆزگەردى. مىجىت ، ئابدۇقەييۇم ئەپەندىلەر خۇسۇسىيلار تەرەپنىڭ زاۋۇت باشلىقى بولدى. ھازىر بۇ زاۋۇت تولۇق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت بولۇپ ، ئىلى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇشۇمچە تەپسىلات: 1909-يىلى زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ھۈسەنباي ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا مېڭىش ئالدىدا ، ئۈرۈمچىدىكى ئاتاقلىق سودىگەر روزى ھاجىمنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن ھۆكۈمەت بانكىسىدىن 200 مىڭ سەر قەغەز پۇل قەرز ئالىدۇ. بانكا بۇ پۇلنى ئىلى بانكىسىنىڭ ھېساباتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىلى گېنېرالى پۇلنى قايتۇرماسلىق ، زاۋۇتقا شېرىك بولۇش تەلىپىنى قويىدۇ. ھۈسەنباي ماقۇل بولىدۇ. گېنېرال موچۇن دېگەن موڭغۇل ئوفىتسېرنى دىرېكتور قىلىپ ئەۋەتىدۇ ئەمما زاۋۇتنى ياخشى باشقۇرالمىغاچقا زىيان كۆرۈلىدۇ. گېنېرال پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ شېرىكلىكتىن چىقىدۇ
تەھرىر ئابدۇمەجىد كۈيباغى